Posts
«ئەخمەتجان ئوسمان تاللانما شېئىرلىرى» غا كىرىش سۆز
- Get link
- X
- Other Apps
كىرىش سۆز مەمتىمىن ئەلا گېرمانىيە شائىرى ھولدېرلىن ئۆزىنىڭ «بولكا ۋە قىزىل ھاراق» دېگەن مەرسىيىسىدە مۇنداق يازىدۇ:«موھتاجلىق دەۋرىدە شائىرلارنىڭ رولى نېمە؟» ھولدېرلىننىڭ موھتاجلىق دەۋرىدە شائىرنىڭ رولىغا مۇراجىئەت قىلىشى ئۇنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئازابىنىڭ شېئىرىيەت يولى ئارقىلىق كۆتۈرۈلۈپ كېتىشىگە بولغان ئۈمىدىنى ئىشارىلەيدۇ. ھولدېرلىننىڭ شېئىرلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلغان ھايدېگېر ئۈچۈن، موھتاجلىق دەۋرىدە، شائىر ئىنسانلار بىلەن مۇقەددەسلىك ئوتتۇرىسىدىكى ئەلچىدۇر. بۇ ئەلچى بۇ مۇقەددەسلىكتىن ھېچ شەپە بولمىغان ۋە ئىنسانىيەتنىڭ نىشانى نائېنىق بولغان ئاشۇ موھتاجلىق دەۋرىدە بىر ئىزلىگۈچىنىڭ رولىنى ئوينايدۇ. بىزچە، موھتاجلىق دەۋرىدە شائىرنىڭ رولى نېمە؟: ئۇ بىر تەسەللىچىمۇ؟ قايغۇرغۇچىمۇ؟ ئۈمىدلەندۈرگۈچىمۇ؟ ئۇنتۇلدۇرغۇچىمۇ؟ ياكى قۇتقۇزغۇچىمۇ؟ ئىنسان پانىي، ئۆلۈم باقىيدۇر. شائىرلار باشقا ھەرقانداق ئىنساندىنمۇ بەكرەك پانىيلىققا ئىگە. چۈنكى ئۇلار ھەممىدىن بەكرەك ئۇرۇنغۇچىلاردۇر—ئۇلار شېئىرلىرىدا ھېچكىم ئۇرۇنۇپ باقمىغان بوشلۇققا، تەگسىزلىككە ئۇرۇنغۇچىلاردۇر. بۇ بوشلۇقتا بىر موھتاجل...
رەزىللىكنىڭ تەبىرى
- Get link
- X
- Other Apps
رەزىللىكنىڭ تەبىرى رەزىللىككە مەپتۇن بولمىغان كىم بار؟ --مەرۋىن گېي مەشھۇر يەھۇدىي سىياسىي پەيلاسوپ خانناھ ئارېنت 1963-يىلى «ئايچمان قۇددۇستا: رەزىللىكنىڭ ئاددىيلىقى ھەققىدە دوكلات» دېگەن كىتاۋىنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا يەھۇدىيلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا توشۇلۇشىنى باشقۇرغان بىر گېرمان قوغداش ئەترىتى خادىمىنىڭ قۇددۇستا ئېچىلغان سوتىغا قاتناشقاندىن كېيىن يېزىپ چىقىدۇ. كىتاب رەزىللىك ھەققىدىكى چوڭقۇر پەلسەپىۋى مۇلاھىزىلەرگە ئورۇن بېرىدۇ. سوتتا ئايچمان يەھۇدىي قەتلىئامىغا قاتناشقانلىق ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەنلىك بىلەن جىنايى ئەيىبلەشكە ئۇچرايدۇ. بۇنىڭغا قارىتا ئۇ باشتىن-ئاخىر ئۆزگەرمەس جۈملىلەر، تون ۋە كەيپىيات بىلەن ئۆزىنىڭ پەقەت يۇقىرىدىن كەلگەن بۇيرۇقنى ئىجرا قىلغان ئاددىي بىر بيۇروكرات ئىكەنلىكىنى قايتا-قايتا تەكىتلەيدۇ. ئۆزى قاتناشقان مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارىتا ھېچقانداق ئالاھىدە ئوي، پىكىرلىنىش ۋە ھېسسىياتنى ئىپادىلىمەيدۇ. ئۇ سوتتا سۆزىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرىدۇ: «يىغىنچاقلىغاندا، شۇنى چوقۇم دېيىشىم كېرەككى، مەن ھېچنېمىگە پۇشايمان قىلمايمەن.» ۋەھال...