Posts

قەھرىمانلىقنىڭ بەدىلى

Image
قەھرىمانلىقنىڭ بەدىلى خۇددى ئىنساننىڭ ھەر بىر ئۇرۇنۇشىدا بىر بەدەل بولغىنىدەك، ئۇنىڭ قەھرىمانلىقىدىمۇ بىر بەدەل باردۇر. قەھرىمانلىق، لۇغەت مەنىسىدىن ئالغاندا، بەدەل بىلەن ھېسابلاشمايدىغان ئاز ساندىكى كىشىلەرلا  كۆرسىتەلەيدىغان پەۋقۇلئاددە جاسارەتنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭغا كۆرە،   قەھرىمانلىق بەدەل بىلەن ھېسابلاشمايدىغانلار تۆلەيدىغان بەدەلنىڭ يۈكسەك شەكلىدۇر. قەدىمقى گرېكلەر قەھرىمانلىققا مەپتۇن بولغان. ئۇنى تراگېدىيىلىك يۈكسەكلىكتە ئىدراك قىلىشنىڭ ۋە ئاجايىپ گۈزەل بەدىئىي ماھارەتتە ئىپادىلەشنىڭ ئۈلگىسىنى ياراتقان. ئۇلارچە، قەھرىمانلىق، تەگ مەنىسىدىن، تراگېدىيىلىكتۇر، چۈنكى ئۇ ئىنسان مەۋجۇتلۇقى بىلەن ئۇنىڭ ئىرادىسى ئوتتۇرىسىدا كۆپ ھاللاردا كېلىشتۈرگىلى بولمايدىغان توقۇنۇشنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. ئۆلۈم—يەنى قەھرىماننىڭ ساقلانغۇسىز ئۆلۈمى—بۇ توقۇنۇشنى كېلىشتۈرىدۇ، يۈكسەلدۈرىدۇ ۋە ئەبەدىيلەشتۈرىدۇ. شۇنداقلا، ئۆلۈم ئادەمنىڭ خاراكتېرى ۋە مەۋجۇتلۇق شارائىتىدىكى ئەجەللىك ئاجىزلىقلارنى قېچىپ قۇتۇلغۇسىز تەقدىر شەكلىدە رەھىمسىزلەرچە ئاشكارىلايدۇ.  ئارىستوتېلنىڭ قارى...

نۆۋەتتىكى پسىخىك ھالەتلىرىمىز

Image

شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر قەتلىئامى

Image
شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر قەتلىئامى دۇنياغا ئەمدى شۇنىسى ئايان بولدىكى، ئۇيغۇرلار 21-ئەسىردىكى ئەڭ قاباھەتلىك كۇلتۇرال قەتلىئامنى بېشىدىن كەچۈرۈۋاتىدۇ. قانچىلىك دەرىجىدە تولۇقسىز بولۇشىغا قارىماي، ئۇشبۇ قەتلىئامنىڭ قۇربانلىرىنىڭ  گۇۋاھلىقلىرى شۇنى كۆرسەتتىكى، خىتاي ئەخلاق جەھەتتىكى قەبىھلىك ۋە پسىخولوگىيە جەھەتتىكى باغرىقاتتىقلىق بىلەن ئۇيغۇرلارنى ھەر جەھەتتىن ۋەيران قىلىۋاتىدۇ. شى جىنپىڭ دەل مانا مۇشۇ قەتلىئامنىڭ باش پىلانلىغۇچىسىدۇر، ئەمما ئۇ كۆپ ھاللاردا خەلقئارانىڭ بېسىمى ۋە تەنقىدىدىن قانداقتۇر بىر يوللار بىلەن قېچىپ، بۇ قەتلىئامنىڭ سۈكۈتتىكى ۋە دىققەتتىن سىرت تۇرىۋاتقان ئېلىپ بارغۇچىسىغا ئايلاندى.   سانى كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئۇيغۇر لاگېر مەھبۇسلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلاردىن مەخپىي ھالدا خىتتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى تۈرمىلەرگە يۆتكىلىۋاتىدۇ. بۇنى خىتتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايەت ئىزلىرىنى يوقىتىشتىكى تاكتىلىكىلىق ھەرىكىتى دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. يېقىندا ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيىلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن تارتىلغان ۋە ئانالىز قىلىنغان...

ئاسارەت بىلەن ياشاش

Image

قەتلىئامغا ئىنكاسلىرىمىز

Image

بىز كوللېكتىپ ساراڭ بولۇۋاتامدۇق؟

Image

ئەخلاق تراگېدىيىسى ۋە ئەدەبىيات

Image

چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئىجتىمائىي كونترول

Image