شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر قەتلىئامى


شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر قەتلىئامى



دۇنياغا ئەمدى شۇنىسى ئايان بولدىكى، ئۇيغۇرلار 21-ئەسىردىكى ئەڭ قاباھەتلىك كۇلتۇرال قەتلىئامنى بېشىدىن كەچۈرۈۋاتىدۇ. قانچىلىك دەرىجىدە تولۇقسىز بولۇشىغا قارىماي، ئۇشبۇ قەتلىئامنىڭ قۇربانلىرىنىڭ  گۇۋاھلىقلىرى شۇنى كۆرسەتتىكى، خىتاي ئەخلاق جەھەتتىكى قەبىھلىك ۋە پسىخولوگىيە جەھەتتىكى باغرىقاتتىقلىق بىلەن ئۇيغۇرلارنى ھەر جەھەتتىن ۋەيران قىلىۋاتىدۇ. شى جىنپىڭ دەل مانا مۇشۇ قەتلىئامنىڭ باش پىلانلىغۇچىسىدۇر، ئەمما ئۇ كۆپ ھاللاردا خەلقئارانىڭ بېسىمى ۋە تەنقىدىدىن قانداقتۇر بىر يوللار بىلەن قېچىپ، بۇ قەتلىئامنىڭ سۈكۈتتىكى ۋە دىققەتتىن سىرت تۇرىۋاتقان ئېلىپ بارغۇچىسىغا ئايلاندى. 
سانى كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئۇيغۇر لاگېر مەھبۇسلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلاردىن مەخپىي ھالدا خىتتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى تۈرمىلەرگە يۆتكىلىۋاتىدۇ. بۇنى خىتتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايەت ئىزلىرىنى يوقىتىشتىكى تاكتىلىكىلىق ھەرىكىتى دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. يېقىندا ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيىلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن تارتىلغان ۋە ئانالىز قىلىنغان سۈنئىي ھەمراھ رەسىملىرى «شىنجاڭ رايونىدىكى كەڭ كۆلەملىك بوي سۇندۇرۇش پروگراممىسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە تېخمۇ كېڭەيگەن 28 جازا لاگېرلىرى» نى كۆرسەتتى. جازا لاگېرلىرىنى ھاپىلا-شاپىلا قانۇنلاشتۇرۇۋالغان خىتتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ كۇلتۇرىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھاياتىنى تېخىمۇ «رەڭگا-رەڭ» قىلىدىغان مېخانىزم دەپ ئاقلىدى. دەسلىپىدە ئىنكار قىلىنغان، ئاندىن قىسمەن ئېتىراپ قىلىنغان ۋە ئەمدى خىتتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تەرىپلىنىۋاتقان جازا لاگېرلىرى ھەقىقىي قورقۇنچلۇق ۋە چوڭقۇر قايمۇقۇشقا تولغان جاي سۈپىتىدە ئىشلىتىلىۋاتىدۇ—بۇلار زادى نەدە توختايدۇ؟ لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە قايتىش مۇمكىنچىلىكى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئۇلار بىلەن ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئائىلە دەرقەمتىلىكىنىڭ قايتا تىكلىنىش پۇرسىتى يوقتەك قىلىدۇ. شۇڭا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى ئاستا ئەمما جەزملەشكەن خورلاش ئەسەبىيلىكىدە  ۋەيران قىلىنىۋاتىدۇ.
       قەتلىئام سىياسىي جەھەتتىن قوزغىتىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا پسىخىك جەھەتتىن تەييارلىق قىلىنىدۇ. سىياسىي نۇقتىدىن، ئۇ بىر ئىرقنىڭ مەۋجۇت بولۇش، ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ۋە ئۆزلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلىرىدا قايتا قۇرۇپ چىقىشتەك ھوقۇقلىرىنى ۋەيران قىلىشنى كۆزلەيدۇ. بۇ ئارزۇ-ئىستەكلەرنى يوقىتىش، ھاياتنى ساقلايدىغان ماھىيەتلىك ئىمكانلارنى ۋەيران قىلىش، كەڭ كۆلەملىك ۋەھشىيلىكنى  ھەقلىقلاشتۇرۇش ۋە مۇقەددەس ئىنسان ھوقۇقلىرىنى رەت قىلىش ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ. قورقۇنچلۇقى، ھاكىم جەمئىيەتتىكى ھەممە ئادەم ئىنسانسىزلاشتۇرۇلغان دۈشمەننى شەپقەتسىزلەرچە ۋە «قەھرىمانلارچە» ئۆلتۈرۈشتەك قەتلىئامغا قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ. بۇ سىياسىي ئىرادىنىڭ، ھەرىكەتنىڭ ۋە ھەل قىلىشنىڭ مەركىزىگە ئايلىنىدۇ. ئۇ ئەڭ باش ئاغرىتىدىغان ۋە ئىلگىرى ھەل بولمىغان سىياسىي مەسىلىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتىكى تارىخىي مۇقەررەرلىك سۈپىتىدە خاراكتېرلىنىدۇ. بەزىدە ئۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتچىلىك ۋە ھەتتا ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ نامى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ.
            پسىخولوگىيىلىك نۇقتىدىن، قەتلىئام چۈشىنىش ئەڭ قىيىن بولغان ئىنسان قىلمىشلىرىنىڭ بىرىدۇر. چۈنكى، ئۇ ھۇجۇمچانلىقنىڭ ۋە غەزەبنىڭ يوشۇرۇن، قاراڭغۇ ۋە مالامەتلىك قوزغىلىشلىرىنى كەڭ كۆلەمدە قويۇپ بېرىدۇ. ئۇ ئەخلاقىي جەھەتتىكى ياخشلىق بىلەن رەزىللىكنىڭ ۋە پسىخولوگىيىلىك جەھەتتىكى نورماللىق بىلەن بىنورماللىقنىڭ چەك-چېگرىسىنى مۈجمەللەشتۈرىدۇ. ئەخلاقىي جەھەتتە، ئۇ كىشىلەرنى ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ ئاقىۋىتىنى كۆرەلمەس قىپ قويىدۇ. پسىخولوگىيىلىك جەھەتتىن، ئۇ شۇ ئارقىلىق  كىشىلەرنىڭ ۋەھشىيلەرچە ۋە ھەتتا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ھالدا ھەرىكەت قىلىشىغا يول قويىدۇ. ئۇلار ئادەتتە ھەرگىز قىلمايدىغان بۇنداق قىلمىشنى قەتلىئامدا قىلىدۇ. ئىنسانلاردا تۇغما بولغان گۇرۇپپىلىشىپ قارىغۇلارچە ھەرىكەت قىلىش زېھنىيىتى بىر خىل ئىجتىمائىي سالاھىيەتنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ ۋە قەتلىئامدا باشقىلارغا قىلىنىدىغان ياۋۇزلۇقلارنى نورماللاشتۇرىدۇ. بۇ ئۇشبۇ قىلمىشنى قىلغۇچىلارنى ئۆزلىرىنىڭ ھەرىكىتى ئۈچۈن شەخسىي ۋە ئەخلاقىي مەجبۇرىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشتىن مۇستەسنا قىلىدۇ. قەتلىئامنىڭ پسىخولوگىيىلىك قوزغاتقۇچ كۈچى قورقۇنچ، غەزەب ۋە ئۆچمەنلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئۇ ئىنسان ھاياتىنىڭ ماھىيەتلىك قىممىتىنى تۆۋەنلىتىشنى كۆزلەيدىغان  ئۇزاق مۇددەتلىك رېكلام ۋە مېڭە يۇيۇش ئارقىلىق بارللىققا كېلىدىغان پسىخو-ئىجتىمائىي ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن سېزىمسىزلىشىشنىڭ ئاقىۋىتىدۇر. قەتلىئامدا نىشان سۈپىتىدە ھاقارەتلەنگەن، قورقالغان ۋە نەپرەتلىنىلگەن ئۆزگىگە قارىتا مەلۇم شەخس ياكى گۇرۇپپىنىڭ چوڭقۇر ۋە كۆپ ھاللاردا ئاڭسىز بولغان ھۇجۇمچانلىقنى قويۇپ بېرىشىگە پۇرسەت ھازىرلىنىدۇ. ئۇنىڭدا ئىنسان مەۋجۇتلۇقىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى كەمسىتىلىدىغان، كونترول قىلىنىدىغان ياكى ۋەيران قىلىنىدىغان ھايۋان ياكى ئۆسۈملۈككە تارايتىلىدۇ.
            بۇ رامكىدىن ئېيتقاندا، ئۇيغۇر كۇلتۇرال قەتلىئامىنى مۇنداق ئىككى نۇقتىدىن ئىدراك قىلغىلى بولىدۇ: سىياسىي ۋە پسىخولوگىيىلىك. پسىخولوگىيىلىك نۇقتىدىن، جازا لاگېرلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى تىنجىماس شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاخىرقى ھەل قىلىش چارىسى بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلىدۇ. يېقىندا بىر قىسىم خىتتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن خىتتاينىڭ مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنىڭ كاپالەتلەندۈرگۈچىسى دەپ تەبرىكلەنگەن بۇ ئاخىرقى ھەل قىلىش ھېچقاچان ھازىرقىدەك ئۈزۈل-كېسىل ئېلىپ بېرىلمىغانىدى. شى جىنپىڭ ئۈچۈن، بۇ ئۇيغۇرلار يوشۇرۇن خەۋپ دەپ قارىلىۋاتقان غايەت زور «بىر بەلۋاغ ۋە بىر يول قۇرۇلۇشى» نىڭ ئىشقا ئېشىشىغا يول ئاچىدۇ. ئۇ يەنە مەقسەتلىك تۈردە ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىياغا چىقىش دەرۋازىسى بولغان شەرقىي تۈركىستاندا، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدا، تېخىمۇ كۆپ زېمىن ھازىرلاشنى كۆرسىتىدۇ.  بۇ ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستاندا مۇستەملىكىچى يەرلەشكۈچىلەر دەپ قارىلىپ مەلۇم مەنىدىن يات، «قالاق» ۋە قارشى ئالماس زېمىندا ئۆزلىرىنى بىخەتەر ئەمەس دەپ ھېس قىلىپ كەلگەن ھەمدە خىتتاي دائىرىلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئورۇنلىشىدىغان خىتتاي كۆچمەنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا جاي ھازىرلايدۇ. تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېيتقاندا، بۇ ئوتتۇرا ئاسىياغا، ئاندىن ئوتتۇرا شەرققە ۋە ئاخىرى ياۋروپاغا سودا ئارقىلىق پايدا بېرىشنى ۋەدە قىلىدىغان بۇ قۇرۇلۇش ئارقىلىق يۈزلىنىدىغان خىتتاي كېڭەيمىچىلىكىنى يۈرۈشلەشتۈرىدۇ. شۇڭلاشقا، بۇ كۇلتۇرال قەتلىئام ھەرگىزمۇ ئاددىي ھالدا خىتتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتتاي كىملىكىگە مەجبۇرىي كىرگۈزۈشنى مەقسەت قىلىدىغان ئاسسىمىلاتسىيە سىياسىتىنىڭ مەھسۇلى ئەمەس. ئۇ كۆپ خىل سىياسىي مەقسەتلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئۇ ئۇيغۇر كىملىكىنى پۈتۈنلەي يوقىتىدىغان ھەمدە بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇنىڭدىن ھالقىغان رايونلاردا «مەڭگۈلۈك تىنچلىق» نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆزلەيدىغان مەقسەتلىك ئىستراتېگىيىدۇر.
            پسىخولوگىيىلىك نۇقتىدىن، بۇ قەتلىئامدا ئىپادىلەنگەن ۋەھشىيلىك دەھشەتلىك ھەم ۋەھىمىلىكتۇر. ئۇ پسىخولوگىيىلىك جەھەتتىن خىتتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ رېكلام ئارقىلىق خىتتاي ئاھالىلىرىنىڭ مېڭىسىگە قۇيغان ئۇيغۇرلارغا بولغان ئۆچمەنلىكىدىن مەنبەلەنگەن. بۇ ئۆچمەنلىك ئامېرىكىدا 2001-يىلى 11-سېنتەبىر يۈز بەرگەن تراگېدىيىلىك تېررورىزم ۋەقەسىدىن كېيىن خىتتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا كۈنسېرى كۈچەيگەن ئىسلامغا قارشى يۈزلىنىشلەردىن پۇرسەتپەرەسلىك بىلەن پايدىلىنىشتا ئىپادىلىنىپ كەلدى. ئاھالىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى مۇسۇلمان بولغان ئۇيغۇرلار بۇ يۈزلىنىشلەرنىڭ قۇربانلىرى بوپ كەلدى. بۇ ھادىسە يېقىنقى يىللاردا ئۈرۈمچى، كۈنمىڭ ۋە تىئەنمىندە يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەردىن كېيىن دۆلەتلىك ۋە ئىجتىمائىي مىدىيالاردا قەستەن كۆپتۈرۈلدى ۋە كۈچەيتىلدى.
            ئۇشبۇ ۋەقەلەر خەۋەر قىلىنغان ھۆكۈمەت مېدىيالىرىدا ۋە نۇرغۇنلىغان ئىجتىمائىي مۇنبەرلەردە، ئۇيغۇرلار ئارقا-ئارقىدىن تېررورىستلار ۋە ياۋايىلار دەپ ھاقارەتلىنىپ كېلىندى. ئۇشبۇ ۋەقەلەردىكى سەۋەب-نەتىجە  مۇناسىۋىتى ھېچقاچان خىتتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئوچۇق-ئاشكارا ۋە ھەقىقىي تەرىزدە تەكشۈرۈلمىدى. ئەكسىچە، دائىرىلەر بۇ ۋەقەلەرنى تۇتقا قىلىۋېلىپ، ئۇيغۇرلارنى يارىشىشتىن ھېچقانداق ئەسەرمۇ بولمىغان تېخىمۇ قاتتىق ۋە رادىكال ۋاسىتىلەر بىلەن باستۇرۇپ كەلدى. خىتتاي دائىرىلىرى خىتتاي ئاھالىلىرىدە تېررورىزمنىڭ خەلقئارالىق تەھدىدىدىن كېلىپ چىقىدىغان خەۋپسىرەش ھېسلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئىدراكلانغان ئۇيغۇر دۈشمەنلىرىگە قارىتىلغان ئۆز-ئارا ئەيىبلەشنى بارغانسېرى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇنى قورقۇنچ ۋە ئۆچمەنلىككە تەرەققىي قىلدۇردى. بۇ خەۋپسىرەش ھېسلىرى ئىدراكلانغان بۇ تەھدىدنى تۇيدۇرماستىن خىتتاي ئاھالىلىرىدە ئۇيغۇر دۈشمەنلىرىگە قارىتا دۆلەت تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئۈچ خىل كۈچلەرگە (بۆلگۈنچىلىككە،دىنىي ئەسەبىيلىككە ۋە تېررورىزمغا) قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ باھانە ئارقىلىق يەرلەشتۈرۈپ،ئۇنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. بۇ خىتتايلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي رېئاللىقىغا بولغان نارازىلىقلىرىنى ھېچ زامان ئىپادىيەلمىگەن ئۇيغۇرلارغا بولغان تەڭپۇڭسىز ئۆچمەنلىكىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ كەلدى. ئاقىۋەتتە ھەر ئىككى تەرەپ پەقەت بىر-بىرىگە ئىشەنمەسلىك ۋە دۈشمەنلىكلا مەۋجۇت بولغان ۋە بارغانسېرى ناچارلىشىۋاتقان مۇناسىۋەتنىڭ پاتقىقىغا پېتىپ قالدى. خىتتاينىڭ دۆلەت مېدىياسى خەلقنىڭ خاتىرجەملىكى ئۈچۈن يوقىتىلىشى كېرەك بولغان «ئالۋاستى» نى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياساپ چىقتى. شۇڭا، خىتتاي خەلقى پسىخىك جەھەتتىن ئۆزلىرىنىڭ تىنچلىقىغا ئىدراكىي جەھەتتىن تەھدىد دەپ قارالغان ئۇيغۇرلارنى يوقىتىدىغان ھەر قانداق شەكىلدىكى ۋەھشىيلىكنى ئالدىنئالا قوبۇل قىلىشقا تەييارلىق قىلدۇرۇلدى. قەتلىئام تەھقىقلەندى.
            خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۇرىيىدىكى مۇسۇلمان ۋە مۇسۇلمان ئەمەسلەرنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئۆلتۈرۈلۈشىگە ھەمدە روھىڭيا قەتلىئامىغا قايتۇرغان ئۈنۈمسىز ۋە ماسلاشمىغان ئىنكاسى خىتتاينى ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ كەلدى. خىتتاي دائىرىلىرى خەلقئارادا كەڭ تارقالغان مۇسۇلمانلارغا قارشى ھېس-تۇيغۇلارنى سۇيىئىستىمال قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنى يەرشارىۋى تېررورىزم تورلىرىنىڭ بىر قىسمى قىلىپ تەسۋىرلەپ كەلدى. ئۇلار ئىلگىرى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» ۋە باشقا ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن ئاتالمىش ۋە يوچۇن «تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى» دېگەن تەشكىلاتتىن كېلىدىغان خەۋپلەرنى مۇبالىغىلەشتۈرۈپ كەلدى. خىتتاينىڭ ئىچىدە بولسا ئۇيغۇر قەتلىئامى تەدرىجىي ئېلىپ بېرىلدى.
 بۇ قەتلىئام بىرىنچى قەدەمدە «قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى» شەكلىدە ئېلىپ بېرىلدى. ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ يانفونلىرى ۋە كومپۇتېرلىرىدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىككە خەۋپ يەتكۈزىدۇ دەپ قارالغان ئاتالمىش تېررورىزمغا ۋە بۆلگۈنچىلىككە ئائىت مەزمۇنلارنى ئالاھىدە نىشانلىغان خىتتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن بارلىققا كەلتۈرۈلگەن كۆزىتىش دۆلىتىگە مەجبۇرىي كىرگۈزۈلدى. بۇ ھەرىكەت شەرقىي تۈركىستاننىڭ پايتەختى ئۈرۈمچىدە 2009-يىلى 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن ئۇيغۇرلاردىن ھاكىمىيەتكە كېلىدىغان ھەرقانداق شەكىلدىكى تەھدىد ياكى قارشىلىقنى ئۈزۈل-كېسىل تۈگىتىش مەقسىتىدە 2014-يىلى قايتىدىن كۈچەيتىلدى. نەتىجىدە، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنسىز ھالدا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
            ئىككىنچى باسقۇچ ئۇيغۇرلارنى ئاتالمىش «قايتا-تەربىيىلەش» ئارقىلىق مەجبۇرىي ھالدا ئۆزلىرىنىڭ كۇلتۇرال كىملىدىن تاندۇرۇپ، خىتتاي مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلغۇزۇشنى كۆزلەيدىغان كۇلتۇرال قەتلىئامدۇر. بۇ باسقۇچ دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشىنىش سىستېمىسىنى ۋەيران قىلىپ، ئۇلارنىڭ پسىخىكىسىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىشقا ئىرادە باغلىشى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. نەتىجىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ھوقۇقلىرى ئېلىپ تاشلاندى ۋە كۇلتۇرال پائالىيەتلىرى چەكلەندى.
            ئۈچىنچى باسقۇچ خىتاينىڭ ھەممە يەرنى قاپلىغان ئاتالمىش «قايتا تەربىيىلەش» لاگېرلىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ئارقىلىق يوشۇرۇن ئېلىپ بېرىلىدىغان كەڭ كۆلەملىك فىزىكىلىق قەتلىئامغا تەييارلىق قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. جازا لاگېرلىرىدا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىۋاتقان تەن جازاسى دائىرىلەرنىڭ ھەقىقىي مەقسىتىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ—بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كاللسىنى ۋاقىتلىق تۈردە قايتا پروگراممىلاشتۇرۇش ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر مەۋجۇتلۇقىنى مەڭگۈلۈك يوق قىلىشنى كۆزلەيدۇ. تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېيتقاندا، خەلقئارادىكى رەھبەرلەرنىڭ، ھۆكۈمەتلەرنىڭ ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتايغا بېسىم چۈشۈرۈپ ئۇيغۇر خورلۇقلىرىنى توختىشىغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلىرىدىكى يەرشارىۋى ماسلاشما تىرىشچانلىقلارنىڭ كەمچىللىكى فىزىكىلىق قەتلىئامنىڭ يۈز بېرىشىنى بارغانسېرى رېئاللاشتۇرۇۋاتىدۇ.
            ھەر بىر باسقۇچتا خىتتاي دائىرىلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ—جۈملىدىن ئامېرىكىنىڭ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ—ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىگە قايتۇرىۋاتقان ئىنكاسىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن كۆزىتىپ كەلدى. خىتتاينىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى خەلقئارالىق تەنقىدكە قايتۇرىدىغان ئىنكاسى ئۆزلىرىنى تېررورىزمنىڭ قۇربانى قىلىپ كۆرسىتىشتۇر. خىتتاي تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ، غەرب مېدىياسى ۋە ھۆكۈمەتلىرىنى ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇر تېررورىستلار» غا قارشى كۈرەش قىلىش تىرىشچانلىقلىرىغا قارىتا «قوش ئۆلچەم» قوللىنىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلەۋاتىدۇ. قۇربانلىق بولۇش زېھنىيىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان بۇنداق ئەيىبلەش تاكتىكىسى مۇنداق ئىككى نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىدۇ: ئۆزى ئۆتكۈزۈۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى غەربنىڭ تېرورىزمغا قارشى تۇرۇش سىياسەتلىرىنى سۇيىئىستىمال قىلىش ئارقىلىق ئاقلاش ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە تېخىمۇ كۆپ بېسىم چۈشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۇيغۇر قەتلىئامىغا سۈكۈت قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش.
            يۇقىرىقى ئامىللارنىڭ ھەممىسى خىتتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتىلغان ئۈزلۈكسىز قەتلىئامىنى بەختكە قارشى ھالدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىجرا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ كەلدى. ۋەھالەنكى،بۇ يەردە ئۇنتۇلۇپ قېلىنىۋاتقان مۇھىم نۇقتا شى جىنپىڭنىڭ بۇ كۇلتۇرال قەتلىئامدا قانداق رول ئويناپ كېلىۋاتقانلىقىدۇر. خىتتاينىڭ جازا لاگېرلىرى ھەققىدىكى يېزىلمىلاردا ئۇنىڭ نامى كەمدىن كەم تىلغا ئېلىنىدۇ. ئۇ تا ھازىرغىچە خىتتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى مەيدانى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ باقمىدى. ئامېرىكا پالاتاسى ۋە سېناتورلۇقىدىكىلەرنىڭ ماگنىتىسكى قانۇن لاھىيىسى ئارقىلىق «بۇ باستۇرۇشچان سىياسەتلەرنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىگە يېتەكچىلىك قىلغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى چېن چۈەنگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتتاي ھاكىمىيىتى ۋە كوممۇنىست پارتىيىسى ئەزالىرى» نى جازالاش لايىھىسى شى جىنپىڭنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. ئۇيغۇر دىياسپوراسىنىڭ بىر قىسمىمۇ چېننى ئۇيغۇر خورلۇقلىرىنىڭ ئاساسلىق جاۋابكارى دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ بىلەن شىنىڭ ئىسمى يەنە بىر قېتىم دىققەتتىن ساقىت بولىدۇ، خۇددى بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ خەۋىرى، يېتەكچىلىكى ۋە تەستىقىدىن مۇستەسنا ھالدا ئۆز ئالدىغا يۈز بېرىۋاتقاندەك. خىتتايدا شىنىڭ يوليورۇقى ۋە خەۋىرىدىن مۇستەسنا ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمەيدۇ. ھەتتاكى كىچىك سىياسىي ھەرىكەت ۋە قارارمۇ ھەم شۇنداق، ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت بىر پۈتۈنسۈرۈك بىر خەلقنىڭ تەدرىجىي ۋە سىستېمىلىق يوق قىلىنىشىنى دېمەيلا قويايلى. ئۇيغۇر قەتلىئامىنى يۈرگۈزگۈچىلەرنىڭ تىزىملىكىدە شىنىڭ ئىسمىنىڭ بولماسلىقى كوللېكتىپ ئۇنۇتقاقلىقنىڭ ھەممە قاتلاملاردا دېگۈدەك يۈز بېرىشىمۇ؟ ئۇنىڭ بۇ قەدەر قورقۇنچلۇق جىنايەتنى پىلانلاپ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي دىققەتنىڭ سىرتىدا قېلىشى ئۇنىڭ بەكلا كۈچلۈك بولغانلىقىدىنمۇ ئىلگىرى تىبەتتە، ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا قانچىلىك قانخور بولسۇن، چېن چۈەنگو  بۇ قەدەر كەڭ دائىرىلىك ۋە پۇختا پىلانلانغان قاتىللىقنى شىنىڭ خەۋىرى، بۇيرۇقى ۋە تەستىقىسىز ئېلىپ بارالامدۇ؟
            تارىخ نۇقتىسىدىن، كۆپ ساندىكى قەتلىئامچىلاردا—مەسىلەن ھىتلېر، ماۋ زېدوڭ ۋە ستالىندا—مۇنداق بىر ئورتاقلىق بار. ئۇلاردا بۇيرۇق ئارقىلىق ياۋۇزلۇققا دۇچار قىلىنىدىغان باشقا بىر گۇرۇپپا، خەلق ياكى مىللەتكە قارىتا (گەرچە قانچىلىك دەرىجىدە خاتا يېتەكلەنگەن ۋە بىر تەرەپلىمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر) تىرەن ئۆچمەنلىك بولغان. شۇنىڭدەك، ئۇلار بۇ ئۆچمەنلىكنى ئەگەشكۈچىلىرى ئارىسىدا ھەيران قالارلىق شەكىلدە ئالاقىلىشىشقا ماھىردۇر. بۇ قەتلىئامچىلارنىڭ ھەممىسى دىكتاتورلار بولۇپ،دۆلەتنىڭ بيۇروكراتسىيىسىنى بىر قوللۇق باشقۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۆز خەلقىنىڭ قەلبىگە ئۆچمەنلىك ھېسلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورناتقان.  تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇلار ئۆز دۆلىتىدە ئۇلارنى يېڭىلمەس، كۆيۈمچان ۋە چوقۇنۇشقا سازاۋەر رەھبەر دەپ قارايدىغان شەخسكە چوقۇنۇشنى تۈجۈپىلەپ ياساپ چىققان.
            تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېيتقاندا، بۇ قەتلىئامچىلار قەتلىئام قۇربانلىرىنى يوقىتىشقا قارىتا (نەزەرىۋى) چۈشەندۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. ھىتلېر ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي دارۋىنىزمنىڭ قاراشلىرى ئۈستىگە قۇرۇلغان  Mein Kampf دېگەن كىتاۋىدا رەزىللىك پۇراپ تۇرىدىغان  يەھۇدىزمغا قارشى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئالتە مىليون يەھۇدىينىڭ ياۋروپادىكى جازا لاگېرلىرىدا قەتل قىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ماۋ زېدوڭ كەڭ كۆلەملىك رېكلام، سىياسىي تازىلاشلار ۋە ئاساسىي قاتلام پوپۇلىست ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئىدېئولوگىيىلىك بىرلىكنى ئورناتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ دۆلىتىنى تېز سانائەتلەشتۈرۈش ۋە كوللېكتىۋىزم ئارقىلىق دېھقانچىلىك ئىقتىسادىدىن سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىمەن دەپ نەچچە ئون مىليون خەلقنىڭ ئاچارچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش ھەرىكىتىنى تەسەۋۋۇر قىلدى. ستالىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سوۋېت كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ غوللۇق ئەزالىرىنى، زىيالىيلارنى ۋە باشقىلارنى گۇلاگ سىستېمىسى ئارقىلىق ئىدېئولوگىيىلىك دۈشمەنلەرنى يېتىم قالدۇرۇش ۋە يوقىتىش باھانىسىدە تازىلىدى. بۇ سىستېما سىنىپىي ياتلىشىش ۋە ئەكسىلئىنقىلابچىلار تېئولوگىيىسى (ئىلاھىيەتشۇناسلىقى) ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، قۇربانلىق قىلىنغۇچىلارنى ئىجتىمائىي جەھەتتىن خەتەرلىك، بۇزغۇنچى، گۇمانلىق ۋە باشقا ساداقەتسىز ئامىللار سۈپتىدە تەسۋىرلىدى. بۇ، نەچچە مىليون ئادەمنىڭ سىبېرىيە ۋە ئۇنىڭدىن ھالقىغان جايلاردىكى قاتتىق ۋە ئىنسانىيسىز مۇھىتتا ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ماھىيىتىدىن، بۇ قەتلىئاملارنىڭ ھەممىسى شۇ دۆلەتنىڭ باشلىقى تەرىپىدىن ئىدېئولوگىيە جەھەتتىن مەنبەلەنگەن، پسىخولوگىيە جەھەتتىن تەييارلىق قىلىنغان ۋە سىياسىي جەھەتتىن ئىجرا قىلىنغان قەتلىئاملاردۇر.
            ياققال قارىماققا، شى جىنپىڭنىڭ ئەھۋالى بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا ئوخشىمايدىغاندەك كۆرىنىدۇ؛ شۇنداقلا ئۇ ئۇيغۇر قەتلىئامىنى سۈكۈتى بىلەن باشقىچە بىر پەرقلىق شەكىلدە بىر تەرەپ قىلدى. ئۇ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان خەلقئارالىق تەنقىد ئالدىدا، بىرەر نەرسىنى يېزىپ ياكى سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ بىۋاسىتە قوماندانلىقى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋەھشىيلىككە بولغان مەيدانىنى ئاقلاپ باقمىدى. شۇنداقلا، ئۇ بۇ قەتلىئامنى چۈشىنىشنى ئىستەيدىغان خىتتايلارنىڭ قەلبىنى ۋە كاللىسىنى ئۇتۇش ئۈچۈن بولسىمۇ ئۆزىنىڭ سۈكۈتىنى بۇزۇپ باقمىدى. تېخىمۇ ئالاھىدە بولغىنى شۇكى، بۇ خىتتايلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە قاتنىشىشى ھەمدە ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىلىشتىن چوڭقۇر ئاسارەتلەنگەن بالىلارنىڭ ئاھۇ-زارىغا شاھىد بولۇشى مۇمكىن ئىدى. شىنىڭ بۇرۇقتۇرما سۈكۈتىدە، بۇ قەتلىئام يۇقىرى دەرىجىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان ۋە مۇئەسسەلەشتۈرۈلگەن شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ھەقىقىي قەتلىئامچى شىنى بۇ قەتلىئامنىڭ ھېچ يېرىدە كۆرگىلى ۋە ئاڭلىغىنى بولمايدۇ. ئۇ كۆرۈنمەس ۋە ئاڭلانماستۇر. ئەمما، ئۇنىڭ بىۋاسىتە بۇيرۇقى بىلەن بولۇۋاتقان بۇ قەتلىئام ھەممىنى ئۆ ئىچىگە ئالغان—پەقەت مەخپىي شەكىلدىلا.
            بىراق، بۇ يەردە شىنىڭ ئۇيغۇر قەتلىئامىغا قانداق بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر بويۇنتاۋلىقىنى قانداق بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى ئىشارىلەيدىغان بەزى پاكىتلار بار. بۇنىڭ مىسالىنى شىنىڭ 2014-يىلى قەشقەرگە كەم كۆرۈلىدىغان بىر شەكىلدە قىلغان سەپىرىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئۆزىنىڭ قەشقەر نۇتقىدا شى ئۇيغۇر تىنچسىزلىقىغا قارىتا قاتتىق ھەرىكەت قوللىنىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ نۇتۇقنى ئۇنىڭ ئۆزىدىن ئىلگىرى ۋەزىپە ئۆزىگەن جاڭ زېمىن ۋە خۇ جىنتاۋ قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇر تىنچسىزلىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئورتاق نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا مەغلۇب بولغانلىقىغا قىلىنغان يوشۇرۇن تەنقىد دەپ شەرھلەشكە بولىدۇ: ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى خىتتاي كۇلتۇرىغا قوشۇۋېتىش. ئۇنىڭ بۇ تەلىپىدە ئۇنچە يېڭىلىق بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ نۇتقىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا قارىتا سېزىلەرلىك پەرق بار. ئۇ ناھايىتى قاتتىق ۋە ئىنچىلىكىلىق بىلەن تاللانغان تىلنى ئىشلىتىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنى كەلگۈسىدە تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش نامى بىلەن باستۇرۇشنىڭ يۇقىرىراق مەقسىتىنى ئالدىنئالا تەبىرلىدى: «تېررورىست كۈچلەرگە ۋەيران قىلغۇچ زەربە بېرىش» (给暴力恐怖势力以毁灭性打击). شىنىڭ بۇ نۇتقى شىنخۇا تورىنىڭ 2014-يىلى 1-مايدىكى سانىدا ئېلان قىلىندى. ئۇ مەقسەتلىك ھالدا ئۆزىدىن بۇرۇنقى رەھبەرلەر ئىشلەتكەن «قاتتىق زەربە بېرىش» دېگەن ئاتالغۇنى «ۋەيران قىلغۇچ زەربە» دېگەن يېڭى ئاتالغۇغا ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، كەلگۈسى ئۇيغۇر قەتلىئامىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغان دەرىجىسىنى، چوڭقۇرلۇقىنى،قاتتىقلىقىنى ۋە دائىرىسىنى يىغىنچاقلاپ ئوتتۇرىغا قويدى. 
            شۇنىڭ بىلەن، خىتتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەتەرلىك تەھدىد دەپ قاراپ يوقىتىشنى ئاقلىشى ئۈچۈن ئۇلارنى تېخىمۇ ئۇزاق مۇددەتلىك شەكىلدە تېررورىستلار دەپ تەبىرلەشكە ئېھتىياجى چۈشتى. جازا لاگېرلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى مۇنداق ئۈچ ۋەقەلىك بىزنىڭ ئويلىنىپ بېقىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. بىرىنچىسى، خىتتاينىڭ ھۆكۈمەت مەنبەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن مەنبەلەر شۇنى جەزملەشتۈرۈپ كەلدىكى، ئۇيغۇرلار 2013-يىلىدىن باشلاپ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە باردى ۋە ئۇ يەرلەردىن سۇرىيىگە تۈركىيە ئارقىلىق ئاتالمىش جىھادچىلاردىن بولۇشتەك ۋەزىپە بىلەن كىردى. ئىككىنچىسى، شى 2014-يىلى «ئىككىنچى قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى» دا مۇھىم سۆز قىلىپ، «مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنىڭ ئېرىشىنى، خىتتاي پۇقرالىرىنىڭ ئەركىن ئارىلىشىشىدىكى توسالغۇلارنى ئېلىپ تاشلاشنى ۋە ئورتاق مىللىي كىملىكىنى بارلىققا كەلتۈرۈشنى» ئوتتۇرىغا قويدى. ئۈچىنچىسى، 2015-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلگە چىقىشى ئۈچۈن پاسپورت ئېلىشىغا قارىتىلغان چەكلىمىلەرنىڭ تۇيۇقسىز بوشاپ قېلىشى.
            يۇقىرىقى بىرىنچى ۋە ئۈچىنچى ۋەقەلىك ئەمەلىيەتتە ئىككىنچى ۋەقەلىكنىڭ ئەمەلىيلىشىشىدۇر، چۈنكى ئۇ خىتتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى سۇرىيە ۋە ئۇنىڭدىن ھالقىغان رايونلاردا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خەلقئارالىق تېررورىزم تورلىرىنىڭ بىر قىسمى قىلىپ كۆرسىتىشىنى ئاجايىپ پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئەلۋەتتە، ئاز بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئىسلامىي دۆلەت ۋە ئەلقائىدە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان سۇرىيە ۋە ئىراققا 2013-يىلىدىن تارتىپ سەپەر قىلدى. مانا مۇشۇ ۋقە خىتتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن كەڭ كۆلەمدە رېكلام قىلىندى. خىتتاي مۇشۇ ئارقىلىق يەرشارىۋى ئىسلامىي تېررورىزم تورلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان قارشىلىقى ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش ھاسىل قىلدى. بۇ يەردىكى ئېنىقسىز سوئال خىتتايدىن ئىبارەت ھەممىنى ئىنتايىن قاتتىقلىق ۋە توغرىلىق بىلەن كۆزىتىپ تۇرىدىغان ساقچى دۆلىتىنىڭ قانداق قىلىپ نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تۇرۇپ ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا مۇسۇلمانلارنى جىھادقا چاقىرىدىغان قاتتىق قول ئىسلامىي ئەقىدىلەرنىڭ تەشۋىقاتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىغا يول قويۇشىدۇر. تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېيتقاندا، خىتتاي قانداق قىلىپ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ چېگرىسىدىن ئۆتۈپ، سۇرىيىدىكى تېررورچى كۈچلەرگە قېتىلىش ئۈچۈن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا كىرىشىگە يول قويىدۇ؟ بۇ سىرلىق ئىشلارنى ھازىرچە بىر تەرەپكە قايرىپ قويايلى. ئەمما، ئۇيغۇرلارنىڭ سۇرىيىدە پەيدا بولۇشى شىنىڭ تېررورىزمغا قارشى يېڭى قانۇنىنىڭ ۋە 2014-يىلىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇيغۇر قەتلىئامىنىڭ قەدىمىنى تېزلىتىدىغان ئىستراتېگىيىلىك ئۆزگىرىشىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولدى. بۇ «چەتئەلگە مۇسۇلمان سۈپىتىدە سەپەر قىلغان ھەرقانداق شەخسنى»، بولۇپمۇ پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان، مالايسىيا ۋە تۈركىيىنى ئۆز ئىچىگە 26 دۆلەتكە بارغان ھەرقانداق شەخسنى قاماشنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. بۇ شەخسلەر رادىكال ئىسلامىي ئىدىيىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى دەپ قارالدى. نەتىجىدە بۇ ئۇيغۇرلار بىمەنە ئەيىبلەش بىلەن، ئۆزلىرى تۇرغان ئاشۇ 26 دۆلەتتە ئىدېئولوگىيىلىك ۋىرۇسلار بىلەن يۇقۇملانغان دەپ ھۆكۈم قىلىندى. نەتىجىدە، ئۇلار خەلقئارا تېررورىزم تورلىرى بىلەن چوڭقۇر ۋە خەتەرلىك باغ ئورناتقان دەپ جازالاندى.
             ئادەمنى قايمۇقتۇرىدىغان سوئال بۇ: شى جىنپىڭ قانداقسىگە خىتتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كۇلتۇرال قەتلىئامنى ئېلىپ بېرىشقا—يەنى ئۆزى جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى ئۆتكۈزۈشكە—بۇيرۇق بېرەلەيدۇ؟
            شەكسىزكى، شى ئۆزىنىڭ ماۋ زېدوڭدىن قالسا خىتتايدىكى ئەڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك ئورنىنى ئىنتايىن تېزلىكتە مۇقىملاشتۇردى. ئۇنىڭ «بەگزادە»، يەنى يۇقىرى دەرىجىلىك خىتتاي ئەمەلدارىنىڭ ئوغلى، بولۇشتەك ئارقا كۆرۈنۈشى ئۇنىڭ ھەقىقىي يۈزىنى يوشۇرۇپ قالماسلىقى كېرەك—ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى ئەمەلىيەتچىل كاللىسىنى، كۈچلۈك خاراكتېرىنى، ئېھتىياتچان ھەرىكەتلىرىنى ۋە بىرلا ۋاقىتتا خىتاي دۆلىتىنىڭ رەئىسى، خىتتاي كوممۇنىست پارتىيىسى (ج ك پ) نىڭ رەھبىرى ۋە ئارمىيىنىڭ باش قوماندانلىغىغا چىقىشقا سەرپ قىلغان ئىستراتېگىيىلىك تىرىشچانلىقلىرىنى يوشۇرۇپ قالماسلىقى كېرەك. سېلىشتۇرۇش نۇقتىسىدىن، ماۋ بىلەن شى ئوتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىقلار ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەردىنمۇ ماھىيەتلىكتۇر. ھەر ئىككىسى ئىستراتېگىيىلىك ماسلىشىشچانلىق، پسىخولوگىيىلىك چىدامچانلىق، تاكتىكىلىق زىرەكلىك،تۇغما شەپقەتسىزلىك ۋە مەڭگۈلۈك نام-ئاتاقنى قوغلىشىش قاتارلىق ماھىيەتلىك رەھبەرلىك سۈپەتلىرىگە ئىگە. بولۇپمۇ، ھەر ئىككىسى ئۆزلىرىنىڭ دۈشمەنلىرىنى يوقىتىشتا شەپقەتسىزدۇر. ماۋ ئىدېئولوگىيىلىك تازىلاش باھانىسىدە ئۆزىگە رىقابەتچى دەپ قارالغان ليۇ شاۋچىنى يوقاتسا ۋە دېڭ شياۋپىڭنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىۋەتسە، شى جوۋ يوڭكاڭ، بو شىلەي ۋە ھازىر مېڭ خوڭۋېينى خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش باھانىسىدە يوقاتتى. گەرچە ھەر ئىككسى تەبىئىتىدىن يۇقىرى دەرىجىدە ئەمەلىيەتچىل بولسىمۇ، يەنە يىراقنى كۆرەرلىكتە سىياسىي ئىدېئالىستلاردۇر. ماۋ تېز سانائەتلىشىش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش ھەرىكىتىنى باشلىسا، شى خىتتاي چۈشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار پىلاننى ئوتتۇرىغا قويدى. تېخىمۇ مۇھىمى، ھەر ئىككىسى سېپى ئۆزىدىن خىتتاي مىللەتچىلىرىدۇر، گەرچە ئۇلارنىڭ  كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيىسىدىكى مەيدانى نۇرغۇن جەھەتتىن ئوخشىمىسىمۇ. ماۋ خىتتايلارنىڭ كىملىكىنى سوتسىيالىستىك ئىدېئالىزم بىلەن قۇرۇپ چىقسا، شى خىتتاينىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان كۈچىنى «خىتتاينىڭ قايتا گۈللىنىشى» دېگەن ئىبارە بىلەن تەرىپلەش ئارقىلىق خىتتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ مۇھىم ئورنىنى قايتىدىن قايتىدىن قانۇنلاشتۇرماقچى بولدى. بۇ ئارقىلىق ئۇ دەبدەبە بىلەن خىتتاينىڭ يۈز يىللىق ئار-نومۇسىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن شەپە بەردى. ھەر ئىككىسىنىڭ ئىدىيىلىرى خىتتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىدىن ئورۇن ئالدى ۋە ھەر ئىككىسى ئۇلۇغ رەھبەرلەر دېگەن ئاتاققا ئىگە بولدى. 
            ۋەھالەنكى، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا مۇنداق ئىككى ماھىيەتلىك پەرق بار: ئۇنىڭ بىرى خاراكتېر، يەنە بىر شەخسىيەت ئۈستىگە قۇرۇلغاندۇر.  بىرىنچىسى، ماۋغا پەرقلىق ھالدا، شى بۆلۈنۈشلەر ۋە پەرقلەرگە ھەرگىز تاقەت قىلالمايدۇ. ئۇ ئىتتىپاقسىزلىقتىن پايدىلىنىپ، بىرىنى يەنە بىرىگە سېلىپ قويۇش ئارقىلىق بىرلەشكەنلەردىن كېلىدىغان تەھدىدنى ئازايتىشتەك ئۇستىلىق بىلەن ئوينىلىدىغان ئويۇننى بىلىدىغان ماكياۋېللىچە سىياسىيون ئەمەس. ئەكسىچە، ئۇ ھەرقانداق شەكىلدىكى ئىتتىپاقسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تولۇق كونترول قىلىشنى ئىزدەيدۇ. بۇ ئىستەك خىتتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ بىر نەچچە ئامىللار سەۋەبلىك بارغانسېرى ئاجىزلىشىۋاتقان نوپۇزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە كۆرسىتىۋاتقان ئاڭلىق تىرىشچانلىقلىرىدا كۆرۈلىدۇ. بۇ ئامىللار تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: چوڭقۇر يىلتىز تارتقان پارىخورلۇق كۇلتۇرى، ھەممە مۇئەسسەسىلەردە دېگۈدەك مەۋجۇت سىياسىي مەزھەبچىلىك، غەرب كۇلتۇرىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەسىرى، تېخىمۇ يۇقىرىراق شەخسىي ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈشكە ۋە ئەركىن نەتبۇئات، دېموكراتىيە ۋە كۈچلەرنىڭ ئاساسىي قانۇن بويىچە ئايرىلىشىغا بولغان تەلەپلەر، قاتارلىقلار. شىنىڭ نەزەرىدە بۇلارنىڭ ھەممىسى ج ك پ نىڭ قانۇنىيلىقىغا تەھدىد ئېلىپ كېلىدۇ. سىياسىي نۇقتىدىن ئالغاندا، ئۇ ئاتالمىش قۇدرەتلىك سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قانداق قىلىپ بىر كېچىدىلا ۋەيران بولغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. بۇ سىياسىي ئاسارەت ئۇنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان تۇيۇقسىز ياكى ئالدىن پىلانلانغان ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەممە نەرسىنى كونترول قىلىشقا كىرىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇنىڭ ئىدراكىدىن قارىغاندا، پەقەت پۈتۈن ھوقۇقنى ئۆز چاڭگىلىغا كىرگۈزۈشلا ئۇنى خىتتايدا مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكنى مۇستەبىتلىك يولى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇشتەك ئاداققى مەقسەتكە يېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ: ئىتتىپاقسىزلىق، پەرق ۋە تەھدىدنى يوقىتىش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدىغان ئىدېئولوگىيىلىك بىرلىك، خىتتاي جەمئىيىتىنى بىردەكلەشتۈرۈش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدىغان مىللىي بىرلىك،ساداقەتمەن قوماندانلارنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا ئارمىيىنىڭ ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدىغان ھەربىي بىرلىك ۋە  بازارنى ج ك پ نىڭ كونتروللۇقىغا ئېلىش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدىغان ئىقتىسادىي بىرلىك.
            شىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىمۇ ئۇنىڭ مانا مۇشۇ ئۇلۇغۋار بىرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش نىشانىنىڭ بىر قىسمىدۇر. ئىدېئولوگىيە جەھەتتىن، ئۇيغۇرلار تەلتۆكۈس «تەربىيىلىنىپ»، ئۆزلىرىنىڭ ج ك پ نىڭ مەنپەئەتىگە خىلاپ ئىدىيىلىرىدىن مەجبۇرىي ۋاز كەچتۈرۈلىدۇ. كۇلتۇرال جەھەتتىن، لاگېرلارنىڭ ئىچى-سىرتىدا ئۇيغۇرلار مېڭە يۇيۇش ۋە مۆرىتى كەلسە قىيىن-قىستاققا ئېلىنىش ئارقىلىق خىتتايلاشتۇرۇلۇپ، خىتتاي كىملىكىگە ئىگە قىلىنىدۇ. سىياسىي نۇقتىدىن، خىتتاينىڭ ئىچى-سىرتىدىكى ھەر قانداق شەكىلدىكى ئۇيغۇر ئۆكتىچىلىكى ئائىلە ئەزالىرىغا تەھدىد سېلىش ۋە ئۇلارنى قىيناش ھەمدە ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈۋېتىش ئارقىلىق يوقىتىلىدۇ. ئىقتىسادىي نۇقتىدىن،ئۇلارنىڭ بايلىقى ۋە ئىمكانلىرى تەدرىجىي ھالدا مۇسادىرە قىلىنىدۇ ۋە دۆلەت خەزىنىسىگە ئۆتكۈزۈۋېلىنىدۇ. 
            ماۋ بىلەن شى ئوتتۇرىسىدىكى ئىككىنچى پەرق شىنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شىنىڭ بالىلىق چاغلىرى مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدا ئۇنىڭ دادىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىشى ۋە ھەدىسىنىڭ ئۆلۈمىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان. بولۇپمۇ، ئۇنىڭ دادىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كوممۇنىست ئەمەلدارى سۈپىتىدە جازالىنىشى ئۇنى خورلۇقنىڭ تەمىنى تېتىشقا مەجبۇرلىدى. شۇنداقلا ئۇ ئاچارچىلىق ۋە ماكانسىزلىققا دۇچار بولۇپ، گەمىدە ياتتى. خىتتاينىڭ ھۆكۈمەت دوكلاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ 1969-يىلى 15 ياش ۋاقتىدا ج ك نىڭ سىمۋولۇق مەركىزى بولغان يەنئەندىكى كىچىك لياڭجياخې كەنتىدە ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللاندى. بۇ ۋەقەلەر ئۇنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئاسارەت قالدۇردى، گەرچە كېيىن ئۇ بۇلارنى ئىشەنج، پىكىرلىنىش ۋە يارىشىش شەكلىدە بايان قىلغان بولسىمۇ. ئەلۋەتتە، ئۇ بۇ ئاسارەتنىڭ قوينىدىن، چىدامچانلىق ۋە ئەمەلىيەتچانلىق بىلەن قۇتۇلۇپ چىقتى. ئەمما، بۇ ۋەقەلەر ئۇنىڭ يۈرىكىنى قاتۇرۇپ، ئۇنى ناھايىتى ھېساۋاتچى، يانماس، ئېھتىياتچان ۋە شەپقەتسىز قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقتى. ئۇنىڭ كەسكىن،يېقىمسىز ۋە  كەيپسىز يۈزىنىڭ ئارقىسىدا چوڭقۇر يوشۇرۇنغان خەۋپسىرەش شەكلىنى ئالغان ۋە پۈتۈنلەي يوقىمىغان ئاسارەتنىڭ قالدۇقلىرى بار. بۇ خەۋپسىرەش ئۇنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى ھەرقانداق شەكىلدىكى مەسخىرە ۋە تەنقىدكە پەقەت چىدىماسلىقىدا كۆرۈلىدۇ. 2017-يىلى ۋاڭ جياڭفېڭ  ئۇنى دوستلىرىغا يوللىغان شەخسىي ئۇچۇردا «شى بولاق مانتا» دېگەن لەقىمى بىلەن ئاتاپ مەسخىرە قىلغانلىق سەۋەبىدىن ئىككى يىللىق كېسىلدى.
            ھاقارەتلىنىشكە بولغان مانا مۇشۇ سېزىمچانلىق ئۇنىڭدا چوڭقۇر يوشۇرۇنغان نومۇس تۇيغۇسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ئۇنى ئۆزىنىڭ  ئازابلىرىغا قارىتا شەپقەتسىز ۋە ناھايىتى ئاچچىق شەكىلدە يۈزلىنىشكە مەجبۇرلايدۇ. بۇ شەپقەتسىزلىكنى باشقىلارغا قويۇپ بېرىش ئۇنى قەلبىنىڭ چوڭقۇرلىرىدىكى خەۋپسىرەشلەردىن ئازاد قىلىپ، ئۇنىڭغا بوشىنىش ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ پسىخولوگىيىدە ھېسسىياتنى يۆتكەش دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئۆزىنىڭ ۋەزنىنى چىدىغۇسىز شەكىلدە بىلدۈرىدىغان ئازابتىن قېچىشنىڭ بىر يولىدۇر. بۇ نومۇستىن كېلىپ چىققان يەنە بىر ھاسىلات ئۇنىڭ (ھەممە بىلىدىغان) ئۆزىگىلا ئەمەس، بەلكى باشقىلارغا بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ دۈشمەنلىرىگە كۆرسىتىدىغان شەپقەتسىزلىكىگە ئالاقىدار بولغان مۇكەممەلچىلىكىدۇر. ئۇ ھەرقانداق بىر خاتالىقنى سادىر قىلىپ قويۇشتىن شۇنداق قورقىدۇ، چۈنكى بۇ ئۇنىڭ تاشقى دۇنياغا بولغان كونتروللۇقىنى يوقىتىشتىن، بولۇپمۇ ئۇنىڭ، تېخىمۇ قورقۇنچلۇقى، ئاجىزلىقى ۋە زەئىپلىكىنى باشقىلارغا بىلدۈرۈپ قويۇشتىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا، تاشقى ئېنىقسىزلىقلاردىن ئامان قېلىش مۇكەممەلچىلىك سەۋىيىسىگە يەتكەن ئۆزىنى كونترول قىلىش ۋە ئۆزىنى ئىنتىزامدا تۇتۇپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. پەقەت مۇكەممەلچىلىكلا ئۇنى قوغداپ قالىدۇ—ئۇنى ئۇ خۇددى بالىلىق دەۋرىدە بېشىدىن كەچۈرگەن زاڭلىق قىلىنىشتىن، يېڭىلىشتىن ۋە يوقىتىلىشتىن ساقلاپ قالىدۇ.
            مەلۇم بىر ئۆلكە ئەمەلدارى شىنى «ناھايىتى زېرىكىشلىك ۋە ئادەمنىڭ ئېسىدە قالمايدىغان ئادەم. ئۇ ھەرگىزمۇ ناچار ئىز قالدۇرۇشنى خالىمايتتى» دەپ تەرىپلىدى. ئۇنىڭدا ئاددىي ئادەمنىڭ خاراكتېرى بار: ئۇنىڭ نۇتۇقلىرى ئادەمدە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرمايدۇ؛ ئۇنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشلىرى ئالاھىدە ئەمەس؛ ئۇنىڭ ئىدىيىلىرى ئۇنچىۋالا قالتىس ئەمەس؛ ئۇنىڭدا كارىزما چىقىپ تۇرمايدۇ. ئەمما، ئۇنىڭ مۇنداق پەۋقۇلئاددە ئىقتىدارلار بار: ئۇ ئىچكى كۈچكە، ئىنتىزامغا ۋە ئىرادىگە ئىگە شەخستۇر. بۇ سۈپەتلەر ئۇنىڭ رەھبەرلىك ئىقتىدارلىرىدا كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. ئۇ كۆپ نەقىل ئالىدىغان كوڭزىنىڭ مۇنۇ ئەقلىيىسى بىزگە ئۇنىڭ ئۆزىنى قانداق بىر رەھبەر سۈپىتىدە ئىدراك قىلىدىغانلىقىنى ئاز-تولا چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ: «ئۆزىنى پەزىلەت ئارقىلىق ئىدارە قىلىدىغان ئادەم قۇتۇپ يۇلتۇزىغا ئوخشايدۇ. قۇتۇپ يۇلتۇزى ئۆزىنىڭ ئورنىدا يۆتكەلمەي تۇرىدۇ. باشقا يۇلتۇزلار ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرىدۇ.» ئۇ ئۆزىنى دىققەتنىڭ مەركىزىدە دەپ خام خىيال قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ ئۆزلۈك-ئوبرازىدا ئۇ ، خۇددى قۇتۇپ يۇلتۇزى ئەڭ نۇرلۇق يۇلتۇز بولغىنىدەك، كائىناتنىڭ مەركىزىدىدۇر، ئوتتۇرا خاندانلىقنىڭ پادىشاھىدۇر. ئۇ ئۆزىگە قارىتا ئاجايىپ  كاتتىلىق خام خىيالىدا بولىدۇ—پەقەت مەخپىي ھالدا.
            مانا مۇشۇ شەخس جازا لاگېرلىرىنىڭ شەپقەتسىز ئوپېراتسيونلىرىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى لايىھىلىگۈچىسىدۇر. ئۇنىڭ ئۆز نىشانىغا يېتىشتىكى قەتئىيلىكى ئۇنىڭ ئۆزىگە قارشى تۇرغانلارنى شەپقەتسىز بىر تەرەپ قىلىشىدەكلا ئېنىقتۇر. ئۇنىڭ مۇكەممەلچىلىكى ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىدا، ئۆز بۇيرۇقلىرىنىڭ كەمكۆتىسىز ئىجرا قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىشىدا ۋە ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ نوپۇزى ۋە شەخسىيىتىگە قارىتىلغان بارلىق خىرىسلارنى ئالدىغا بەك چىقىپ كەتمەي بىر تەرەپ قىلىشىدا كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ خاراكتېرىدىكى چىدامچانلىق ۋە ئىرادە ئۇنى ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان ھەرقانداق نىشاندىن ۋاز كەچتۈرمەيدۇ.  شۇڭا، ئۇ خۇددى ماۋ زېدوڭ، ھىتلېر ۋە ستالىنلار ئۆزىنىڭ قارشىسىدىكىلەرگە قارىتىلغان ۋە قەتئىي ئىرادە بىلەن ئېلىپ بېرىلغان  قەتلىئامدىن ۋاز كەچمىگىنىدەك، ئۇمۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەدرىجىي ئېشىۋاتقان بېسىمى ئاستىدا يەنىلا ئۇيغۇر قەتلىئامىدىن كەلگۈسىدە ۋاز كەچمەيدىغاندەك قىلىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، باشقا دىكتاتورلاردەك، ئۇ شۇنداق بىر خام خىيالدىكى، ئۇ ئېلىپ بېرىۋاتقان قەتلىئام خىتتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە قارىتىلغان ئۇيغۇر تەھدىدىگە قارىتىلغان ئىنكاس سۈپىتىدەئۆز-ئۆزىدىن ئاقلىنىشلىقتۇر. ئۇنىڭ ئىدراكىچە، ئۇنىڭ نىيىتى تارىختىن ھالقىغان—ھېچكىم كەلگۈسىدە ئۇنىڭ ئۆتمۈشتە نېمىلەرنى قىلغانلىقىدىن ھېساب سورىيالمايدۇ—بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قەتلىئام قىلىنىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
            شىنىڭ ئۇيغۇر قەتلىئامى ھەققىدىكى نەزەرى (ۋىزيونى) بەكلا ھۆزۈنلۈكتۇر (ئادەمنى بەكلا چۈشكۈنلەشتۈرىدۇ). ئۇ تا ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ شەپقەتسىزلىكىنىڭ قۇربانلىرىغا قارىتا ھېچقانداق كەڭچىللىكنى نامايان قىلىپ باقمىدى. ئۇنىڭچە، ھەرقانداق كەڭچىللىك ئۇ دۇنيادىن پۈتۈن كۈچى بىلەن يوشۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان خەۋپسىرەشنىڭ تەگسىز چوڭقۇرلۇقلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىشى بولغاچقا،  ئاجىزلىقنىڭ بەلگىسىدۇر. ئىتتىپاقسىزلىقلارنى تۈگىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇ ئۆزىنىڭ چىدامچانلىقى ۋە قارشىلىقى ئارقىلىق ئىچىدىن خاراكتېرىنىڭ بىردەكلىكىنى كۆرسىتىشكە مەجبۇرلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن، ھەرقانداق شەكىلدىكى يارىشىش ياكى كەچۈرۈم ئاجىزلىقنىڭ بەلگىسى بولغاچقا، بۇلارغا ھېچقانداق ئورۇن قالدۇرۇلمايدۇ .  ئۇ قانچە شەپقەتسىزلەشسە، ئۆزىنى قەلبىدە شۇنچە بىخەتەر، كۈچلۈك ۋە خاتىرجەم ھېس قىلىدۇ. ئۇ بۇ شەپقەتسىزلىك ئارقىلىق قەلبىدە ھۇۋۇلداپ تۇرغان قۇپقۇرۇقلۇقنى بېسىشقا موھتاج. ئۇيغۇر قەتلىئامى ئۇنى خۇددى ئۇ مەخپىي چوقۇنىدىغان ماۋغا ئوخشاش قورقۇمسىز ۋە يېڭىلمەس رەھبەر سۈپىتىدە خىتتاينىڭ ئىچى سىرتىدىكىلەرگە كۆرۈنۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.  

  


Comments

Popular posts from this blog

ئۇيغۇر ياشلىرىغا مۇراجىئەت