جاپپارنىڭ جاسارىتى

جاپپارنىڭ جاسارىتى


ئۈچ ياشلىق بالا—كۆزلىرىدە  غەزەب، مۇشتى كىرىشكەن، قەددى تىك، ئاۋازى ياڭراق. ئۇنىڭ ئىسمى جاپپار. قارشىسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خىتاي شەھەر باشقۇرۇش خادىملىرى، ئەتراپىدا بۇ كۈتۈلمىگەن قارشىلىشىشنى كۆرۈپ تۇرغان خىتاي تاماشىبىنلىرى بار. جاپپار ئانىسى ۋە سىڭلىسىنى خىتاينىڭ زوراۋان شەھەر باشقۇرۇش خادىملىرىدىن قوغداۋاتىدۇ؛ خىتاي خادىملار ھەدەپ ئۇلارنىڭ ھاياتلىق يولىنى ئۈزۈۋېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ...
بۇ دراماتىك كۆرۈنۈش ئادەمگە دەماللىققا خىيالىي تۇيغۇ بېرىدۇ: خۇددى ئۇ راست ئەمەستەك، ئۇنى كومپيۇتېردا قۇراشتۇرۇپ چىققاندەك، ھەتتا بۇ بالىغا بىرى بۇنداق قىلىشنى ئالدىنئالا ئۆگىتىپ قويغاندەك. ئەمما بۇ راست بولغان ۋەقە. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ رېئاللىقىنىڭ بىر كارتېنىسى. يەنى ئۇ بىر نان ئۈچۈن جان-جەھلى بىلەن تىركىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ بىر پارچىسى. ئۇ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان خورلۇق ۋە ھاقارەتنىڭ بىر كىچىك قىسمى خالاس. 
جاپپار شەكسىزكى بالا قەھرىماندۇر. ئۇ ئېھتىمال دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ كىچىك قارشىلىق كۆرسەتكۈچى  بولۇشى مۇمكىن. تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇ ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان قەھرىمانلىق تارىخىدا 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىدا خىتاينىڭ تانكىلىرىنىڭ ئالدىغا مەزمۇت قەدەملەر بىلەن يۈرۈش قىلغان ئۇيغۇر ئانىدىن ۋە خىتاينىڭ قوراللىق ئەسكەرلىرىگە قوللىرىنى شىلتىپ غەزەبلىك قارشىلىق بىلدۈرگەن كۆك كۆڭلەكلىك قىزدىن كېيىن، تىللاردا داستان بولغۇدەك قەھرىمانلىقى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان ئۈچىنچى ئۇيغۇردۇر. بۇ ئۈچ قەھرىماننىڭ ئورتاقلىقى شۇكى، ئۇلار كوچىدا، ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا كۆز ئالدىدىكى خېيىم-خەتەرگە ۋە ھەتتا ئۆلۈمگە پىسەنت قىلماي خىتايغا قارشى تۇرغۇچىلاردۇر. ھاقارەتكە ياق دېگۈچىلەردۇر. ئادىمىيلىكى ئۈچۈن دۈشمىنىگە تەنھا يۈزلەنگۈچىلەردۇر. ھاياتلىقىنىڭ غۇرۇرى ئۈچۈن قورالنىڭ ستۋولىغا پىسەنت قىلماي، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىققۇچىلاردۇر.
ئۈچ ياش بىر ئادەمنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ بىغۇبار، غەمسىز ۋە شادىمان دەۋردۇر. بۇ ياشتا ئادەم دۇنيانى بىر ئۇقۇم سۈپىتىدە ئەمەس بەلكى بىر چىرايلىق رەسىم سۈپىتىدە چۈشىنىدۇ. ئۇنىڭ دۇنياسىدا يامانلىق ، دۈشمەنلىك، تەھلىكە، ئادالەتسىزلىك  ۋە ئېزىش-ئېزىلىش يوق.  دۇنيا ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىدا قۇشلارنىڭ پېيىدەك يۇمشاق، تاغلارنىڭ سۈيىدەك ساپ ۋە ئورمانلاردەك سېھىرلىكتۇر. بۇ گۈزەل دۇنيا ئۇنىڭ شەخسىيىتىنى قۇرۇپ چىقىدىغان ساناقسىز ئەسلىمىلەرگە تولغان.
ئەمما، جاپپاردىن كۆرىدىغىنىمىز غەم-غۇسسىسىز بالىلىق ئەمەس، بەلكى توقۇنۇشتا يېتىلىۋاتقان ھەمدە كەسكىنلىكى چوڭلارنىڭكىدىن قېلىشمايدىغان ھاياتتۇر. ئۇنىڭ كاللىسىدىكى دۇنيا ھايۋاناتلارغا، قۇشلارغا ۋە گۈزەل تاغ-دەريالارغا تەلپۈنىدىغان ئىزگۈلۈك دۇنياسى ئەمەس، بەلكى ھەر كۈنى ھاقارەتلىنىش، چەتكە قېقىلىش ۋە بوزەك قىلىنىشقا ئۇچرايدىغان دۇنيادۇر. ئۇنىڭ نەزەرىدىكى ئادالەت يېلىنىپ- يالۋۇرۇش بىلەن ئەمەس، بەلكى قارشىلىق كۆرسىتىش بىلەن  قولغا كېلىدىغان ئادالەتتۇر.  ئۇنىڭ ئەسلىمىسى، خۇددى مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭكىدەك، ئۇيغۇر بولۇش ئېلىپ كېلىدىغان قاتمۇ قات قىيىنچىلىقلارنى ۋە ساناپ تۈگەتكۈسىز مۇمكىنسىزلىكلەرنى خاتىرىلەپ ماڭىدىغان ئەسلىمىدۇر. 
ئۇنىڭ ھاياتى يېشىدىن ۋە تەجرىبىسىدىن نەچچە ھەسسە ھالقىپ كەتكەن ئېغىر ھاياتتۇر. ئۇنىڭ بىغۇبارلىقى زوراۋانلىق ئاستىدىكى بىغۇبارلىقتۇر. ئۇنىڭ بالىلىقى مۇستەملىكە قىلىنغان بالىلىقتۇر.  
جاپپارنىڭ جاسارىتى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پەۋقۇلئاددىدۇر، چۈنكى ئۇ تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىگە قارشى بىر جاسارەتتۇر. تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىدە، ئۈچ ياشلىق بالا ئائىلىسىدىكىلەرنى ئەمەس، بەلكى ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى قوغدايدۇ. ئۇنىڭ شارائىتىنىڭ بىمەنلىكى شۇكى، ئۆزىنى قوغداشقا چارىسىز قالغان بۇ ئائىلىدىكىلەرنى قوغداش ئۆزى ئالدى بىلەن قوغدىنىشقا موھتاج بولغان بۇ نارەسىدە بالىنىڭ زىممىسىگە چۈشىۋاتىدۇ. ئۇ ئۆزىنى قوغدىماستىن، ئەكسىچە ئۆزىنى قوغدىشى كېرەكلەرنى قوغداۋاتىدۇ.
زولۇم كىچىك بىلەن چوڭغا تەڭ كەلگەندە، نارەسىدىلىق بىلەن پىشىپ يېتىلىش ئوتتۇرىسىدىكى پەرق يوقايدۇ. ئۇ زامان، نارەسىدىلىك غەزەبكە ئايلىنىدۇ--خۇددى جاپپارنىڭكىدەك، تەسۋىرلەپ بولغۇسىز غەزەبلەنكە ئايلىنىدۇ. بۇ ئاددىي غەزەب ئەمەس. ياكى ئۇ ئۈچ ياشلىق بىر بالىنىڭ قەغىشى ئەمەس. ئۇ ماھىيەتتە ئاغزىدىن ھەتتا ئانىسىنىڭ سۈتى كەتمىگەن نارەسىدىلەرمۇ ھېس قىلالايدىغان، ئىدراكلىيالايدىغان ۋە تەبىئىيلا ئىپادىلەۋاتقان غەزەبتۇر. دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان زۇلۇم ئەمدى ھېچكىمگە سىر ئەمەس. ھېچكىم ئۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. يەنە ھېچكىم ئۆزىنى قوغدىيالمايۋاتقان بىر زۇلۇمدۇر.
جاپپار غەزەبلىنىۋاتقان زۇلۇم پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ ۋۇجۇدىنى يارا قىلغان زۇلۇمدۇر. بۇ يەنە شۇ زۇلۇمكارلار تەرىپىدىن كۈندە دېگۈدەك قايتا-قايتا تاتىلىنىپ، قانىتىلىدىغان يارىدۇر. ئۇنىڭدا نە رەھىم، نە توختاش، نە  كېلىشىش يوق. ئەمما، جاپپاردا بۇ يارىغا قارىتا باشقىچە بىر مۇھەببەت ۋە مەسئۇلىيەت بار. ئۇ مانا مۇشۇ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن كەلگۈسىدە مىليونلىغان ئۇيغۇرلار كەبى 
ئۆزىدە ۋۇجۇدى كۆتۈرەلمىگۈدەك غەزەبنى ئېلىپ ماڭىدۇ. زۇلۇملا بولىدىكەن، بۇ غەزەب يەنە پارتلاپ چىقىدۇ.
جاپپار بىر بالا قەھرىماندۇر. ئۇ ئۆزىنىڭ دۈشمىنىگە يېگانە قارشى چىققان بىر سۆيۈملۈك قارشىلىق كۆرسەتكۈچىدۇر. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلمەس قەھرىمانلىق روھىنىڭ ئادەمنىڭ مەسلىكىنى كەلتۈرىدىغان، ئۇنتۇلغۇسىز ۋە ئاز كۆرۈلىدىغان شەكىلدە ئىپادىلىنىشىدۇر. بۇ قارشىلىق نۇرغۇن ھەقىقەتلەرنى سۆزلەيدۇ.
جاپپارنىڭ قارشىلىقى خىتايغا شۇنى سۆزلەيدۇكى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ۋە ئۆزى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمايۋاتقان زۇلمىنى ئۇيغۇرلارنىڭ بۆشۈكتىكە بالىلىرىدىن تارتىپ ھېس قىلىقلىق ۋە ئۇنىڭغا غەزەبلىنىكلىك. ئۇيغۇرغا قارىتىلىۋاتقان زۇلۇم توختىمايدىكەن، ھەر بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى جاپپارغا ئايلىنىدۇ: بۆشۈكتىكى ئۇيغۇردىن تارتىپ تاكى قەبرىدىكى ئۇيغۇرغىچە--ئۇلارنىڭ تېنىدىن تارتىپ ئۇلارنىڭ روھىغىچە. خىتاي ساناقسىز جاپپارلارنى تەقىپ ئاستىغا ئالالىشى مۇمكىن. ئەمما، ئۇ جاپپارنىڭ ئەركىن روھىنى تەقىپ ئاستىغا ئالالمايدۇ. بۇ روھ ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا مەڭگۈ باش ئەگمەيدىغان روھىدۇر.
جاپپارنىڭ قارشىلىقى ئۇيغۇرلارغا شۇنى سۆزلەيدۇكى، خۇددى ئەقىل ياشتا بولمىغىنىدەك، جاسارەتمۇ ياشتا ئەمەس. ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ قەلبىدە ھەتتا ئۈچ ياشلىق بالىمۇ ھېس قىلىقلىق زۇلۇمنىڭ ئاسارىتى بار. ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ھاياتى قارشىلىققا تولغان ھاياتتۇر.  ئەمما ھەممە ئۇيغۇردا جاپپارنىڭكىدەك جاسارەت يوق. ئۆزىنىڭ دۈشمىنىگە تىكىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ياق دېيەلەيدىغان جۈرئەت يوق. ئەگەر بۇ مىللەتنىڭ ئەرلىرى ئاياللىرىنى ئۆزىنىڭ غۇرۇرى كەبى قوغدىيالمىسا، ئاياللىرى خورلۇققا ئۇچرايدۇ؛ ئەگەر بۇ مىللەتنىڭ ئاياللىرى ھەم ئەرلىرى پەرزەنتلىرىنى قوغدىيالمىسا، ئۇ زامان بۇ مىللەتنىڭ كەلگۈسىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. بۇ كەلگۈسىنىڭ يارىتىلىشى ئۈچۈن مىليونلىغان غۇرۇرلۇق جاپپارلار كېرەك.  ئۇنىڭ غەزەب-نەپرىتى كېرەك. ئۇنىڭ ئېگىلمەس-سۇنماس ئىرادىسى كېرەك.
جاپپارنىڭ قارشىلىقى دۇنياغا شۇنى سۆزلەيدۇكى، ئۇيغۇرلار ئادەمنىڭ ئەقلى يەتكۈسىز زۇلۇمغا ئادەمنىڭ ئەقلى يەتكۈسىز شەكىلدە قارشىلىق بىلدۈرىۋاتىدۇ. قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى بولمىغان بۇ مىللەت چىش تىرنىقىغىچە قوراللانغان خىتايلارغا ئۆزىنىڭ يېشىدىن، ئەقلىي يېتىلىشىدىن ۋە شارائىتىدىن ھەلقىغان شەكىلدە قارشىلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ--خىتاينىڭلا ئەمەس بەلكى دۇنيانىڭمۇ كۆزىچىلاپ قارشى تۇرىۋاتىدۇ. بىرى يىقىلسا يەنە بىرى، چوڭى يىقىلسا كىچىكى، كىچىكى يىقىلسا بۆشۈكتىكىچە قارشى تۇرىۋاتىدۇ. جاپپارنىڭ ۋۇجۇدىدىن پارتلاپ چىقىۋاتقان غەزەب سۈكۈتكە تۇرىۋاتقان مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ غەزىپىدۇر. ئەگەر بۇ غەزەب كوللېكتىپ شەكىلدە بىراقلا پارتلاپ چىقسا، ئۇنىڭ دولقۇنى خىتايدىن ھالقىپ، ياۋروپا تۇپراقلىرىغا ۋە ئامېرىكىنىڭ ساھىللىرىغا يېتىدۇ. دۇنيا شۇ ۋاقىتتا جاپپارنىڭ غەزىپىنىڭ ۋەزنىنى ھەقىقىي بىلىدۇ.
سالام جاپپار،  سەن مېنىڭ پەخىرلىك قەھرىمانىمسەن!  

Comments

Popular posts from this blog

ئۇيغۇرلاردا ئىسلام ۋە سوتسىيالىزم

«ئەخمەتجان ئوسمان تاللانما شېئىرلىرى» غا كىرىش سۆز