مۇھەممەد ئەلى: مەڭگۈلۈك ئېلىشقۇچى

مۇھەممەد ئەلى: مەڭگۈلۈك ئېلىشقۇچى


...بىز ئۈچۈن ئېلىشقان ئادەم.
--باراك ئوباما



بىر بۈيۈك شەخس ئالەمدىن ئۆتتى. بىر ئۇلۇغ بوكسچىنىڭ بەدىنى ھەرىكەتتىن توختىدى. بىر يانماس ئېلىشقۇچىنىڭ كاللسى تەپەككۈردىن توختىدى. بوكس دۇنياسىدىكى ئەڭ مەشھۇر شەخس مۇھەممەد ئەلى 4-ئىيۇن كۈنى بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى.
ئۇنىڭ ھاياتى  بىر رېئال قەھرىماننىڭ ئاللىبۇرۇن ئەپسانىلاشقان ھاياتىدۇر. ئۇ بوكس مەيدانىدا رەقىبلىرىنى بىر-بىرلەپ يەر چىشلەتكەن پەۋقۇلئاددە تالانتقا ئىگە بوكسچى بولسا،  رېئال تۇرمۇشتا ئەركىنلىك ۋە ئادالەت ئۈچۈن كۈرەش قىلغان بىر قەھرىماندۇر. ئۇ بوكس مەيدانىدا قانچىلىك دەرىجىدە ئېلىشقۇچى بولسا، رېئال ھاياتتىمۇ شۇنچىلىك ئېلىشقۇچىدۇر. ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا چاقماقتەك تېزلىك بىلەن پەۋقۇلئاددە كۈچ، تارتىملىق سالاپەت بىلەن قارشى تۇرۇپ بولغۇسىز شىددەت، ئۆتكۈر نەزەر بىلەن كەم كۆرۈلىدىغان ئۆزىگە ئىشىنىش ئاجايىپ ئۆزگىچە بىر شەكىلدە بىرلىشىپ كەتكەنىدى. بۇ خۇسۇسىيەتلەرنى ئۇنىڭ ھەر بىر سۆزى، ھەر بىر ھەرىكىتى ۋە ھەر بىر ئويىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىشى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ: «مەن <مەن ئەڭ ئۇلۇغمەن> دېگەننى ئۆزۈم شۇنداقلىقىمنى بىلىشتىن بۇرۇنلا دېگەنىدىم.» مۇشۇ ئىشىنىش سەۋەبلىك، ئۇ ئامېرىكىلىقلارنىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مىليونلىغان كىشىلەرنى ئۆزىگە ئىشەندۈرەلىگەنىدى.
ئۇ ئۆزىنى بىر ئۆمۈر ئاتىغان بوكسيورلۇقنى «ئاق تەنلىكلەر ھوزۇرلىنىدىغان، قارا تەنلىكلەر بىر-بىرى ئېلىشىدىغان» تەنتەربىيە تۈرى دەپ تەرىپلىگەنىدى. بۇ مەنىدىن، ئۇنىڭ تەرىپى ئادەمگە قەدىمقى رىم ئىمپېرىيىسىدىكى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ كۆڭۈل ئېچىش شەكلى بولغان گلادىياتورلارنىڭ ئېلىشىشىنى ئەسلىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھازىرقى زامان بوكسىيورلۇقى ئۇنىڭ داۋامى، مۇھەممەد ئەلى بولسا ئۇنىڭدىكى بىر يەڭگۈچى—تېخىمۇ توغرىسى، بىر «گلادىياتور» ئىدى. ئۇ بوكستا قانچىلىك كاتتا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرمىسۇن، شۇنى ھەر ۋاقىت ئېسىدە چىڭ تۇتاتتىكى، ئۇ تەنلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن ۋەھشىيلەرچە ئېلىشىشىدىن ھوزۇرلانغۇچىلارنىڭ كۆڭۈل ئېچىش ئەرمىكى ئىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇ تەننىڭ ۋەھشىيلىكىدىن ئېستېتىك گۈزەللىك تۇيغۇسى ئېلىشقا ئىنتىلگۈچىلەرنىڭ، ئۇنىڭ رەقىبىنى ئۇرۇپ قوپالماس قىلىۋېتىشىنى كۆرۈش ئارقىلىق قەلبىدىكى زوراۋان قوزغىلىشلارنىڭ غىدىقلىشىنى بېسىشقا ئۇرۇنغۇچىلارنىڭ ۋە ياكى  ئىنساننىڭ تېنىنىڭ ئۆزىدىكى يوشۇرۇن قۇدرەتنى ئەڭ ئىپتىدائىي ۋە ئەڭ يالىڭاچ ۋە ئەڭ تەبىئىي شەكىلدە قانچىلىك ئىپادىيەلەيدىغانلىقىنى بىلىشكە ھېرىسمەنلەرنىڭ قەلبىدىكى بىر قەھرىمان ئىدى. يىغىپ ئېيتقاندا، ئۇ بىر يېڭىلمەس تەننىڭ غەلىبىسى ئىدى.
ئەمما، ئۇنىڭ غەلىبىسى ھەرگىزمۇ بىر تەننىڭ غەلىبىسىلا ئەمەس. ياكى، ئۇ بىر يېڭىلمەس تەنلا ئەمەس—ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر يانماس، يىقىلماس ۋە يېڭىلمەس روھتۇر. مۇھەممەد ئەلى بىر ئۇلۇغ روھتۇر—ئۇ بىر كۇلتۇرال بەلگە، سىمۋول ۋە نامايەندىدۇر. مانا مۇشۇ روھ ئالدى بىلەن ئامېرىكىدىكى ئەسىرلەردىن بېرى داۋاملىشىپ كەلگەن ئىرقىي ئايرىمچىلىق ۋە كەمسىتىشتە ئېزىلگەن مىليونلىغان قارا تەنلىكلەرگە نەمۇنە بولىدۇ. ئۇنىڭ ھەر بىر غەلىبىسى قارا تەنلىكلەر ئۈچۈن «زۇۋۇلى» خۇدا تەرىپىدىن ئالاھىدە قىلىنىپ ئۈزۈلگەن ۋە تارىختا كەم ئۇچرايدىغان بىر بوكسچىنىڭ غەلىبىسىلا ئەمەس، بەلكى بىر ئەركىن روھنىڭ غەلىبىسى ئىدى. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەققىقىي ئەركىنلىككە ۋە باراۋەرلىككە تەشنا مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ئارزۇ-ئارمىنىنىڭ ئىپادىلىنىشى ئىدى. بۇ بوكس مەيدانىدىلا جارى قىلىنىدىغان باراۋەرلىك ئەمەس، بەلكى رېئال دۇنيادا—ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىدىكى نامرات قارا تەنلىكلەر رايونلىرىدىن تارتىپ شىمالدىكى چوڭ شەھەرلەردە ئادەمدەك ياشاش ئۈچۈن جان- جەھلى بىلەن تىركشىۋاتقان قارا تەنلىكلەرنىڭ رېئال ھاياتىدا كۆرۈشنى خالايدىغان ھەقىقىي باراۋەرلىك ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىرقداشلىرىغا ۋە ئاق تەنلىكلەرگە ئۆزىنىڭ تېنىنىڭ تىرەن-تىرەنلىرىدىن كېلىدىغان مانا مۇشۇ روھنى نامايان قىلىدۇ. مانا مۇشۇ روھ ئۇ ئۆزىنى بېغىشلىغان بوكسقا مەنە ئېلىپ كېلىدۇ: ئۇنى «ئادىمىيلاشتۈرىدۇ»، ئۇنى ئۆزىنىڭ غايىسىنى ئىپادىلەشنىڭ سەھنىسىگە ئايلاندۇرىدۇ  ۋە ئۇنى ئاق تەنلىكلەر بىلەن ئاكتىپ ئالاقىلىشىش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە قىلىدۇ.
ئەمما، ئۇ بوكس مەيدانىدىكى قەھرىمانلىقى ئۈچۈن ئالتۇن مېدال ۋە كەمەرلەر بىلەن مۇكاپاتلانغىنى بىلەن، رېئال ھاياتتىكى قەھرىمانلىقى ئۈچۈن ھاقارەتلىنىدۇ، كەمسىتىلىدۇ ۋە ھەتتا جازالىنىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا ئۇنىڭ ھاياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە مۇنۇ ئىككى ۋەقەنى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتۈش زۆرۈردۇر: ئۇنىڭ ئىسلامغا كىرىشى ۋە ۋېتنام ئۇرۇشىغا قاتنىشىشنى رەت قىلىشى.
ئۇ 1942 -يىلى 17-يانۋار ئامېرىكىدىكى كېنتاكې شتاتىدا تۇغۇلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا كەسيۇس كلېي دەپ ئىسىم قويىلىدۇ. 12 يېشىدىن ياشلاپ بوكستا كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىغان مۇھەممەد ئەلى 1960-يىلى رىم ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېغىر دەرىجىلىكلەر بوكسيورلۇقىدا ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىدۇ. 1963-يىلى ئۇ ئامېرىكىدىكى  مەشھۇر ئىسلام ئالىمى مالكولم ئېكسنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى ئىرقىي جەھەتتىن ئايرىلىپ چىقىشنى تەرغىب قىلىدىغان ئىسلام ئۈممىتى((Nation of Islam  دېگەن دىنىي تەشكىلاتنىڭ تەسىرىدە ئىسلام دىنىغا كىرىدۇ. ئۇنىڭ «مۇھەممەد ئەلى» دېگەن ئىسمىنى ئۇستازى ئېلىجاھ مۇھەممەد قويۇپ بېرىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسلى ئىسمى بولغان «كەسيۇس كلېي» نى ئۆزىنىڭ «قۇللۇق ئىسمى» دەپ قاراپ، ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىدۇ. ئۇنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرىشى ۋە ئىسمىنى مۇھەممەد ئەلىگە ئۆزگەرتىشىگە نۇرغۇن ئامېرىكىلار نارازى بولىدۇ. ۋە ھەتتا ئۇنى يېڭى ئىسمى بىلەن ئاتاشنى رەت قىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئۇ ھەممە يەردە ئۆزىنىڭ ئېتىقادىنى ۋە ئىسمىنى ئوچۇق-ئاشكارا تىلغا ئالىدۇ ۋە ئۇنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدايدۇ. ئىسلام ئۈممىتى تەشكىلاتىنىڭ رادىكال قاراشلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان مۇھەممەد ئەلى ھەتتا خرىستىيان دىنىنىڭ ئاق تەنلىكلەرگە، ئىسلام دىنىنىڭ بولسا قارا تەنلىكلەرگە باب كېلىدىغان دىن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ئۇ يېڭى دىنىي كىملىكى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىرقىي كىملىكىگە قايتىدىن مەنە ئىزدەيدۇ. ئۇنىڭچە، ئىسلام دىنىنىڭ ئۇنىۋېرساللىقى ئۇنىڭ ئىرقىي كىملىكىنى قايتا ئىپادىلەشتىكى كۆڭۈلدىكىدەك يولغا ئايلىنىدۇ. ئۆز دىنداشلىرى تەرىپىدىن ئىرقىي جەھەتتىن ئوخشىماسلىق سەۋەبىدىن يەكلىنىش ئۇنى ئىسلام دىنىغا يۈزلەندۈرىدۇ. خرىستىيان دىنىدىكى پەرىشتىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاق دەپ نارازى بولغان مۇھەممەد ئەلى ئىسلام دىنىدا قارا پەرىشتىلەرنىڭ مەۋجۇت بولالايدىغانلىقىغا چىن پۈتىدۇ.
يەنە بىرى، 1967-يىلى ئۇ ۋېتنامدىكى ئۇرۇشقا چاقىرىلغاندا، ئۇ ئۇرۇشنىڭ ئۆزىنىڭ دىنىغا مۇناسىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭغا قاتنىشىشنى رەت قىلىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ۋىژدانىم ھەرگىزمۇ ئۆز قېرىندىشىمنى بېرىپ ئۆلتۈرۈشكە ياكى بەزى قارىراق كىشىلەرنى، بەزى نامرات ۋە پاتقاقتا ئىڭراۋاتقان ئاچ-زېرىن كىشىلەرنى بۈيۈك ۋە قۇدرەتلىك ئامېرىكا ئۈچۈن ئۆلتۈرۈشكە يول قويمايدۇ. ئۇلارنى نېمىشقا ئۆلتۈرگۈدەكمەن؟ ... ئۇلار مېنى ھېچقاچان <نېگىر> دەپ باقمىدى. ئۇلار مېنى ھېچقاچان  سوتسىز جازالاپ ئاسمىدى. ئۇلار ھېچقاچان ماڭا ئىتلىرىنى قويۇپ بەرمىدى. ئۇلار مېنىڭ مىللىتىمنى بۇلاپ تالىمىدى، مېنىڭ ئانامغا باسقۇنچىلىق قىلمىدى ۋە دادامنى ئۆلتۈرمىدى... ئۇلارنى نېمىشقا ئۆلتۈرگۈدەكمەن؟ قانداقمۇ نامرات كىشىلەرنى ئۆلتۈرەلەي؟ بولدى، مېنى تۈرمىگىلا ئاپىرىۋېتىڭلار». ئۇنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىشنى رەت قىلىشى بىلەن ئامېرىكا تەۋرەپ كېتىدۇ. سوت ئۇنى بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئۇ مۇخبىرلارغا مۇنداق دەيدۇ: «بىز بۇ دۆلەتتە تۆت يۈز يىلدىن بېرى تۈرمىدە ياشاۋاتىمىز. تۆت-بەش يىل قانچىلىك ئىدى؟!» گەرچە ئۇ تۈرمە جازاسىنى ئۆتىمىگەن ۋە ئاخىرى ئۇنىڭ كېسىمى ئالىي سوت مەھكىمىسىدە بىكار قىلىنغان بولسىمۇ، بوكس مۇسابىقىلىرىگە 3 يىل قاتناشتۇرۇلمايدۇ.
ھېچكىمگە باش ئەگمەي كەلگەن مۇھەممەد ئەلى 1981-يىلى پاركىنسېن كېسەللىكىگە گىرىپتار بولىدۇ. دۇنيانى ئۆزىنىڭ چەبدەس ماھارىتى ۋە كۈچتۈڭگۈر بەدىنى بىلەن تاڭ قالدۇرغان بۇ بوكسچى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا—يېڭىلمەسلىكىگە—يوشۇرۇنغان ئاجىزلىقنى ئاشكارىلايدۇ. دۇنيانى ھەيۋىسىدىن تىترەتكەن ئاشۇ مۇستەھكەم بەدەن ئاستا-ئاستا كېسەللىكنىڭ تەسىرىدىن تىترەشكە باشلايدۇ. ئۇنىڭ بەدىنى ئاستا- ئاستا ھەرىكەتتىن قالىدۇ، ماغدۇرسىزلىنىدۇ، ئاجىزلىشىشقا يۈزلىنىدۇ. ئۇ بۇرۇنقىدەك جاراڭلىق سۆزلىيەلمەس بوپ قالىدۇ. مۇشۇ چاغدا،مۇھەممد ئەلى ئۆزىنىڭ يەنىلا بىر ئىنسان—ئىنسان بولغاندىمۇ باشقا ھەممىمىزگە ئوخشاش قان بىلەن گۆشتىن پۈتكەن بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلايدۇ، ئۆزىنىڭ بەندىچىلىكىنى تەن ئالىدۇ.
ئەمما، ئۇنىڭ روھى بۇ زەربىدىن ئۆزىنى يوقىتىپ قويمايدۇ. ئىلگىرى بوكس سەھنىلىرىدە قاراملىق، ئاگرېسىفلىق (ھۇجۇمچانلىق) ۋە يانماسلىق بىلەن تەرىپلەنگەن تەننى تۇتۇپ تۇرغان بۇ روھ ئۆزىدىكى تىرەن رەھىمدىللىك ۋە ئىزگۈلۈكنى نامايىش قىلىدۇ. بۇ ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئەڭ سېھىرلىك قىسمىدۇر--ئۇ ھېچكىم يېڭەلمىگەن مەزمۇت بىر تەندىكى ھەممىگە ئىزگۈلۈك ئىزدەيدىغان بىر ئەۋرىشىم قەلبنىڭ ئىگىسىدۇر. ئۇ تەندە ئېگىلمەس-سۇنماسلىقلا ئەمەس، بەلكى يەنە مۆرۈۋەتمۇ بار. ئۇ خەير-ساخاۋەت ئۈچۈن 1980-يىلدىن كېيىن نۇرغۇن ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي، ئىنسانىي ۋە دىنىي مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «باشقىلارنىڭ خىزمىتىدە بولۇش سېنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئۆيۈڭگە تۆلىنىدىغان ئىجارە ھەققىدۇر.»
مۇھەممەد ئەلىنىڭ ئىنتايىن ئۆتكۈر سۆزلىرى ئۇنى ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن بەھسلەرنىڭ سەۋەبچىسىگە ئايلاندۇرىدۇ. بۇ سۆزلەر ئامېرىكىدىكى سولچىلارنى قانچىلىك بىئارام قىلسا، ئوڭچىلارنىمۇ شۇنداق بىئارام قىلىدۇ. ئۇ ئامېرىكا دېموكراتىيىسىنىڭ كەڭچىللىكىنى ئۆلچەشتىكى بىر مۇھىم ئامىلغا ئايلىنىدۇ. ماھىيەتلىك نۇقتا شۇكى، ئۇ ئامېرىكا دېموكراتىيىسىدىكى بىر تەڭقىسلىقتۇر—ئۇنىڭ سۆزلىرىنى رەت قىلىش مۇمكىن، ئەمما ئۇنىڭ ئۆزىنى رەت قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئىشىنىشىنى رەت قىلىش مۇمكىن، ئەمما ئۇنىڭ ئىرادىسىنى رەت قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ  ئىجتىمائىي بىرلىشىشنى رەت قىلىش ئىدىيىسىنى رەت قىلىش مۇمكىن، ئەمما ئۇنىڭ تىرەن ئىنسانپەرۋەرلىكىنى رەت قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭ ساددىلىقتەك بىلىدىغان بەزى قارارلىرىنى رەت قىلىش مۇمكىن، ئەمما ئۇنىڭ سۈكۈتتىكى مىليونلىغان كىشىلەرگە ۋەكالىتەن ئوتتۇرىغا چىقىپ سۆزلىگەن ھەققانىي خىتابلىرىنى رەت قىلىش مۇمكىن ئەمەس.
ئۇنىڭ ھاياتى 4-ئىيۇن ئاخىرلاشتى، ئەمما ئۇنىڭ ئىدىيىسى تېخى ئاخىرلاشمىدى. بولۇپمۇ، ئامېرىكىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى دەپ قارىلىۋاتقان ۋە «سىياسىي توغرىلىق» نى كېرەك قىلماسلىق بىلەن داڭق چىقارغان ۋە مۇسۇلمانلارنى ئامېرىكا كىرگۈزمەسلىكنى ئوتتۇرىغا قويغان دونالد چۇرامپ ئۈچۈن بۇ ئىدىيە تېخىمۇ ئاخىرلاشمىدى. ئەگەر ئۇ پرېزىدېنتلىققا سايلانسا، كۈنسېرى كۆپ قۇتۇپلىشىۋاتقان ئامېرىكىدىكى ئىرقىي، دىنىي ۋە ئىجتىمائىي توقۇنۇشنى نوقۇل ھالدا مۇسۇلمانلارنى ئامېرىكىغا كىرگۈزمەسلىك، ياكى مېكسىكا بىلەن ئامېرىكا چېگرىسىغا تام قوپۇرۇش بىلەنلا بىر تەرەپ قىلالمايدۇ. مۇسۇلمانلارنى ئامېرىكىغا كىرگۈزمەسلىك ئۈچۈن، ئۇ ئالدى بىلەن ئامېرىكىدىكى مۇھەممەد ئەلىدەك ئىجتىمائىي ئادالەت ئۈچۈن ئورنىدىن دەس تۇرغان ۋە تۇرالايدىغان مىڭلىغان مۇسۇلمانلارنى ئامېرىكا چېگرىسىدىن چىقىرىۋېتىشى كېرەك. ئەمما دونالد چۇرامپ ئۇنداق قىلالمايدۇ. چۈنكى مۇھەممەد ئەلى ئامېرىكا ھاياتىنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك بىر قىسمىدۇر. تېخىمۇ رادىكال ئېيتقاندا، ئۇ ئامېرىكا دېمەكتۇر.  بۇ ھەقتە مۇھەممەد ئەلى ئاللبۇرۇن مۇنداق دېگەنىدى: « مەن ئامېرىكىدۇرمەن. مەن سەن تونۇمايدىغان ئاشۇ قىسىمدۇرمەن. لېكىن ماڭا كۆنۈككىن. قارا تەنلىك، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ۋە تەكەببۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن مېنىڭ ئىسمىم سېنىڭ ئەمەستۇر؛ مېنىڭ دىنىم سېنىڭ ئەمەستۇر؛ مېنىڭ نىشانىم سېنىڭ ئەمەستۇر؛ ئەمما ماڭا كۆنۈككىن.» 

Comments

Popular posts from this blog

ئۇيغۇرلاردا ئىسلام ۋە سوتسىيالىزم

«ئەخمەتجان ئوسمان تاللانما شېئىرلىرى» غا كىرىش سۆز