ئۇزسەن، ئۇزاقتىسەن—ئىستانبۇل



ئۇزسەن، ئۇزاقتىسەن—ئىستانبۇل

ھەر بىر شەھەرنىڭ بىر قەلبى بار. بۇ قەلبتىن ئۇنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. بۇ قەلب ھەر ۋاقىت كوچىدىكىلەرنىڭ تۈگىمەس ۋاڭ-چۇڭلىرى، بالىلارنىڭ قىيقاس-چۇقانلىرى، ئاپتوۋۇزلارنىڭ سىگناللىرى، ماشىنىلارنىڭ غۇيۇلداپ چېپىشلىرى، پويىزلارنىڭ گۈدۈكى، شەھەردىكى ئۇششاق ساتارمەنلەرنىڭ ئۇھ تارتىشى، كېسەلخانىدىكىلەرنىڭ ئىڭراشلىرى، ئاشىقلارنىڭ نەپەسلىرى، تاملاردىكى رەڭگا-رەڭ ئېلانلار ۋە مېدىيالارنىڭ ھېلىدىن-ھېلىغا يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان خەۋەرلىرى بىرلە سوقۇپ تۇرىدۇ. ئىستانبۇلنىڭمۇ ھەم بىر قەلبى بار.  ھاياتنىڭ قاتتىقلىقىدىن تويۇپ سەپرالىشىپ كەتكەن ئەرلەر، چىرايىدىن ئاددىي-ساددىلىق، مېھىر ۋە بىر غۇرۇر چاقناپ تۇرىدىغان ئاياللار، كۆزلىرىنى يىراققا ئۇزاققىچە جىممىدە تىكىشتىن ھۇزۇرلىنىدىغان قىزلار، ھەممە نەرسىگە چەكسىز قىزىقىش بىلەن تويماي قارايدىغان بالىلار بۇ قەلبنىڭ رېتىمىدۇر.  ئىستانبۇلدىكى ھاياتنىڭ جىددىيلىكى ئادەمگە ھېلىلا ھەممە نەرسە يوقاپ كېتىدىغاندەك تەسىر بېرىدۇ. لېكىن، ئاشۇ جىددىيلىكنىڭ ئىچىدە يەنىلا بىر ۋەزمىنلىك بار.
            ئىستانبۇل دۇئالىزمدىن (ئىككىلىكتىن) پۈتكەن بىر قەدىمىي شەھەردۇر. ئالدى بىلەن، ئۇ جۇغراپىيىلىك جەھەتتىن غەرب بىلەن شەرقنىڭ ئۇچرىشىش نۇقتىسىدۇر. مەزكۈر نۇقتا غەرب بىلەن شەرقتىن ئىبارەت ئىككى دۇنيانى ھەم ئايرىپ ھەم بىر-بىرى بىلەن باغلاپ تۇرىدۇ. بۇنىڭغا كۆرە، ئۇ ھەم بۇ ئىككى دۇنياغا تەۋە ھەم تەۋە ئەمەس—مانا بۇ ئىستانبۇلنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا سىڭىپ كەتكەن ئۆزگىچىلىكتۇر. ئۇ ھەم تارىخ ھەم تارىخ ئەمەس؛ ئۇ ھەم  پەقەت بىر شەھەر ھەم ئەمەستۇر؛ ئۇ ھەم ئۆزى ھەم ئۆزى ئەمەستۇر. ئۇ شۇنىڭ ئۈچۈن پەقەتلا تارىخ بولالمايدۇكى، ئۇ يەنە كەلگۈسىنى ئىزدەۋاتقان بىر كوللېكتىپ ئىرادىنىڭ تاشقىيلىشىشىدۇر. ئۇ شۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت بىر شەھەرلا بولالمايدۇكى، ئۇ يەنە دۇنياۋى ئىدىيىلەر، كۇلتۇرلار ۋە ئىدېئولوگىيىلەر  مۇجەسسەملەنگەن كىچىك دۇنيادۇر. ئۇ شۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت ئۆزىلا بولالمايدۇكى، ئۇ يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئىشارىلەيدۇ—ئۇ بىر ھەرىكەتتىكى سىمۋول، ئۆزگىچە ھاياتلىق شەكلى ۋە يېگانە ئىدىيىدۇر.
            ئىستانبۇلنىڭ مانا مۇشۇ دۇئالىزمىغا نائېنىقلىق سىڭگەن. شۇنداقتىمۇ، تۈركلەر تەبىئىتىدىن نائېنىقلىقتىن قورقىدۇ. ئۇلار ھەر ۋاقىت دۇئالىستىك شۇڭا نائېنىق دۇنيادىن ئېنىقلىق ئىزلەيدۇ. 1453-يىلى تۈرك سۇلتانى مەھمەت II كونستانتىپۇلنى ئېلىشتا خەلقىگە، جۈملىدىن ئەسكەر-قوماندانلىرىغا، مۇنداق خىتاب قىلدى: «مەن يا ئىستانبۇلنى بوي سۇندۇرىمەن، يا ئىستانبۇل مېنى بوي سۇندۇرىدۇ.» شۇ يىلى ئۇ 21 يېشىدا كونستانتىپۇلنى ئاخىرى بوي سۇندۇرۇپ، تارىختا «بوي سۇندۇرغۇچى مەھمەت» دەپ ئاتالدى. ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئاشۇ نائېنىقلىقنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى ھەرگىزمۇ بوي سۇندۇرغۇچى بىلەن بوي سۇنغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا بولماستىن، بەلكى بارلىق نائېنىقلىقلارنى ئۈزۈل-كېسىل بوي سۇندۇرۇش ھەققىدىكى ئۇلۇغۋار تىرىشچانلىقتۇر. تۈركلەرنىڭ ئۈچ قىتئەگە كېڭەيگەن ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇشقا ھالقىلىق يول ئاچقان سۇلتان مەھمەتنىڭ غەلىبىسى ئۆز نۆۋىتىدە تۈركلەرنى كەلگۈسىدە ئىستانبۇلنىڭ قورغانلىرىدىن ھالقىپ كېتىدىغان يېڭى ئېنىقسىزلىققا يۈزلەندۈردى—ئۇلار تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ پۈتۈن ياۋروپانى بوي سۇندۇرماقچى بولدى. تۈركلەرنىڭ ياۋروپاغا قاراتقان ھەربىي يۈرۈشلىرىنىڭ نۇرغۇن سەۋەبلىرى بار. بۇنىڭدىكى مۇھىم بىر سەۋەب شۇكى، تېگى-تەكتى يايلاق مىللىتىدىن بولغان تۈركلەر ئۆزىگە ئىستانبۇلدەك بىر گۈزەل شەھەردە بېكىنىپ ياشاشنى راۋا كۆرمىدى. يەنى، تۈركلەرنى ئىستانبۇلدەك كىچىك بىر دائىرىگە بەنت قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى—ئۇلار ھەر ۋاقىت يۆتكىلىپ تۇراتتى، ھېچ بولمىسا ئۆزلىرىنىڭ چۈشىدە، خام خىيالىدا ياكى تەسەۋۋۇرىدا.
            تۈركلەرنىڭ ياۋروپانى بوي سۇندۇرۇشتىكى ھالقىلىق كىرىش ئېغىزى بولغان ۋيېنادا 17-ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىدا مەغلۇب بولۇشى بۇ دۇئالىزمنى يېڭى توقۇنۇش نۇقتىسىغا يۆتكىدى. ۋيېنادىكى مەغلۇبىيەت تۈركلەرگە قاتتىق ئەلەم قىلدى. غەربىي ياۋروپانىڭ بوسۇغىسىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن ئۆتەيلا دەپ قالغان ۋە ئاخىرى ئۇنى  بوي سۇندۇرالمىغان تۈركلەرنىڭ ئارمىنى شۇ كۈندىن تارتىپ ئۇلارنىڭ زېھنىيىتىدىن يوقىمىدى—بۇ ئارمان ئۇلارغا ئىزچىل ئەگەشتى، ئۇلارنى ئارامسىزلاندۇردى ۋە ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ كۈچىنىڭ چېكىنى بىلدۈردى.  ۋيېنادا تۈركلەر ھەربىي مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ھەربىي ئىستىلا ئارقىلىق بوي سۇندۇرالمايدىغان يېڭى خىرىسقا دۇچ كەلدى—تۈركلەرنىڭ ياۋروپالىقلارنىڭ نەزەرىدىكى ئوبرازى. تۈركلەر شۇنىڭدىن تارتىپ ياۋروپالىقلارنىڭ ئاممىۋى ئىدراكىدا تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئالۋاستىلارغا ۋە  شەيتانلارغا ئوخشىتىلدى. ئەرەب، گرېك ۋە گېرمان ئىدىيوملىرىدا «تۈركلەرنىڭ قەدىمى يەتكەن يەردە گىياھ ئۈنمەس» دېيىلىدىغان بولدى. ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرىنىڭ بىرى بولغان ۋولتېر تۈركلەرنى قەدىمقى گرېك ئاقارتىشىدىن مەنبەلەنگەن غەرب مەدەنىيىتىنىڭ دۈشمىنى قاتارىدا ساناپ مۇنداق دېدى: «مەن شۇنى چىن قەلبىمدىن ئارزۇ قىلىمەنكى، تۈرك ياۋايىلىرى تېزلىكتە زېنوفوننىڭ، سوقراتنىڭ، ئەپلاتوننىڭ، سوفوكلېسنىڭ ۋە يۇرىپىدېسنىڭ ۋەتىنى بولغان گرېتسىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلىشى كېرەك.» 19-ئەسىردىكى بۈيۈك برىتانىيە باش ۋەزىرى ۋىليام گلەدستون تۈركلەر ھەققىدە تېخىمۇ قاتتىق قىلىپ مۇنداق دېدى: « ئوسمانلىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ياۋروپاغا كىرگەن ئاشۇ قاراڭغۇ كۈنىدىن ئېتىۋارەن  ئىنسانىيەتنىڭ ئىنسانغا قارشى بىر بۈيۈك ئۈلگىسى بوپ كەلدى. ئۇلار نەگىلا بارسا، ئارقىسىدىن چوڭ بىر قان ئىزىنى قالدۇرۇپ ماڭدى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى يەتكەن جايلاردا مەدەنىيەت كۆزدىن غايىب بولدى. ئۇلار ھەممە يەردە قانۇن ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى كۈچ ئىشلىتىش ئارقىلىق ئىدارە قىلىشقا ۋەكىللىك قىلدى.» ياۋروپالىقلارنىڭ ئۆزىگە قىلغان تۈگىمەس قارغىشلىرىدا تۈركلەر ئۆزىنى مۇنداق بىر يامان دەۋرىيلىنىشتە كۆردى—ئۇلار زەپەر قۇچقانسېرى، ئۇلارنى قارغاش شۇنچە ئەسەبىيلەشتى. ئۇلارنى قارغاش قانچە ئەدىگەنسېرى، تۈركلەر ياۋروپانى ئېلىش نىيىتىدىن تېخىمۇ يانمىدى. تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇلار قانچلىك غەلىبە قىلسا، ئۇلارنىڭ غەلىبىسى زوراۋانلىققا شۇنچىلىك باغلاندى؛ مۇبادا ئۇلار مەغلۇب بولسا، ئۇلارنىڭ مەغلۇبىيىتى يەنە ئايلىنىپ ئۇلارنىڭ ياۋايىلىقىغا ئارتىلدى. مۇھىم نۇقتا شۇكى، 17-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا تۈركلەرنىڭ ۋيېنادىكى مەغلۇبىيىتى تۈركلەرنىڭ سىياسىي ھاياتىنى مەڭگۈلۈك ئۆزگەرتىۋەتتى. كونستانتىپۇلنى، شەرقىي ياۋروپانىڭ كۆپ قىسمىنى ۋە ئەرەبىيەنى بوي سۇندۇرغان تۈركلەر دەل غەربىي ياۋروپانى بوي سۇندۇرالمىدى. ئەمەلىيەتتە شۇنىڭدىن باشلاپ تا ھازىرغىچە ھېچكىم ھېچكىمنى بوي سۇندۇرالمىدى—بوي سۇندۇرۇلدى دېسە، بوي سۇندۇرۇلغىنى تۈركلەرنىڭ توختاۋسىز كېڭىيىش ھېرىسى بىلەن ئۇلارنىڭ ياۋروپا خرىستىيانلىرىغا ئېلىپ كەلگەن خىرىسى بولدى. ئەنە شۇ يىلدىن باشلاپ، تۈركلەر ئۆزىنى توسۇپ تۇرغان ۋيېنا سېپىلىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى گۈزەل، سىرلىق ۋە قۇدرەتلىك بىر مەدەنىيەتكە كىرىشكە قانچىلىك ئىنتىلسە، شۇنچىلىك رەت قىلىندى. شۇندىمۇ، مەيلى ياۋروپالىقلار تۈركلەرنى قانچىلىك رەت قىلسۇن ۋە قارغىسۇن، تۈركلەر ھېچ قاچان ئۆزىنىڭ ياۋروپا چۈشىدىن ۋاز كەچمىدى. ھەتتا 21-ئەسىردىمۇ، تۈركلەرنىڭ كوللېكتىپ ئاڭسىزلىقىدا غىل-پال تەۋرەپ تۇرىدىغان ئاشۇ مەغلۇبىيەت ئۆزىنىڭ تەسىرىنى يوقاتقىنى يوق: ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا بولۇش. ئەمدىكىسى ئات ئوينىتىپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى ياتلارغا يۈرگۈزۈش ئەمەس، بەلكى ئۆزى بوي سۇندۇرالمىغان ئاشۇ ۋيېنا سېپىلىنىڭ ئىچىدىكىلەرنىڭ كوللېكتىپ ئىرادىسى ئارقىلىق قۇرۇلغان سىياسىي-ئىقتىسادىي بىرلىككە ئەزا بولۇشنى تەلەپ قىلىشتۇر.  
            شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركلەريەنە شۇ ياۋروپالىقلار تەرىپىدىن كەم كۆرۈلىدىغان ماختاشلارغىمۇ سازاۋەر بولدى. ناپالېئون تۈركلەر ھەققىدە مۇنداق دېدى: «ئادەمنى مۇنداق ئىككى سۈپەت ئۇلۇغلايدۇ. بىر ئەركەك ئۈچۈن، قورقۇمسىز ، بىر ئايال ئۈچۈن پەزىلەتلىك بولۇشتۇر. بۇلاردىن سىرت، بۇ يەردە بىر ئەركەك بىلەن بىر ئايالنى ئۇلۇغلايدىغان مۇنداق بىر سۈپەتمۇ بار: ئۆزىنىڭ ۋەتىنى ئۈچۈن زۆرۈر تېپىلغاندا ئۆزىنى قۇربان قىلىشقا تەييار تۇرۇش. تۈركلەر مانا مۇشۇنداق قورقۇمسىز ۋە پەزىلەتلىك خەلقتۇر. شۇڭلاشقا، سەن بىر تۈركنى ئۆلتۈرەلىشىڭ مۇمكىن، ئەمما ئۇنى ھەرگىز بوي سۇندۇرالمايسەن.» ئۇ ھەتتا، «ماڭا بىر تۈرك ئارمىيىسىنى بەرسەڭ، پۈتۈن دۇنيانى بوي سۇندۇرالايمەن.» دېدى. 19-ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر ئىنگلىز شائىرى بايرون تۈركلەر ھەققىدە مۇنداق دېدى: «تۈركنىڭ قىلىچنى ماھارەت بىلەن تۇتىدىغان قولى ئۆز نۆۋىتىدە ئۆزى بوي سۇندۇرغانلارنىڭ يارىلىرىنى ماھارەت بىلەن ساقايتىدىغان قولدۇر.»
            دېمەك، تۈركلەرنىڭ روھىيىتى بوي سۇنۇش بىلەن بوي سۇندۇرۇش، ماختىلىش ۋە قارغىلىش ئوتتۇرىسىدىكى تۈگىمەس دۇئالىستىك توقۇنۇشتىن پۈتكەن روھىيەتتۇر. ئۇلار ئۆزىنى ئىپتىخار ۋە غۇرۇر بىلەن تەبىرلىگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشقىلار تەرىپىدىن ياۋايىلىق ۋە زوراۋانلىق ھەققىدە قارغالغۇچىدۇر. باشقىلارغا بوي سۇنۇشنى رەت قىلغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزلىرىنى بۇ دۇنياغا ئادالەت ئېلىپ كەلگۈچى دەپ قارىغۇچىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلار توقۇنۇشقا تولغان روھىيىتىدە ئارامىنى يىتتۈرگۈچىدۇر. ئارامىنى يىتتۈرۈش تۈركلەرنى ھاردۇرىدۇ. تۈركلەر جاسارىتىدىن ھارغىنلىق ھېس قىلىدىغان ۋە ھارغىنلىقىدا يەنە جاسارەتلىنىدىغان قوۋمدۇر. شۇڭا، ئۇلارنىڭ ھارغىنلىقىمۇ ھەم دۇئالىزملىقتۇر. ھارغىنلىقنىڭ ئەڭ تىرەن بوشلۇقىدا، جاسارەتلىنىشنىڭ ئەڭ نىشانسىز ۋاقىتلىرىدا، تۈركلەر ئۆزىنى ئۆزىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان كۈچكە تاپشۇرىدۇ. بۇ كۈچ—قىسمەتتۇر.
تۈركلەر قىسمەتكە چوڭقۇر ئىشىنىدۇ. بۇ ئارقىلىق مەنىۋى ھارغىنلىقىغا تەسكىن تاپىدۇ. شۇنداقلا، ئۇلار ئۈچۈن، تۈرك بولۇشنىڭ ئۆزى بىر قىسمەتتۇر. بۇ قىسمەت  بىر تەرەپتىن ئۇلارغا تۈرك بولۇش ئېلىپ كېلىدىغان بۇرچ تۇيغۇسىنى بىلدۈرۈپ تۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ ھاياتىنى مۇرەككەپلىكلەردىن خالىي قىلىپ، ئاددىيلاشتۇرىدۇ. قىسمەتكە ئىشىنىدىغان ھايات ئاددىي ھاياتتۇر—ياكى ئۇ ھاياتنىڭ مۇرەككەپلىكلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ چۈشىنىش شەكلىدۇر. ئۇنىڭدا گۇناھ تۇيغۇسى كۈچلۈك بولمايدۇ. روھ كەچمىشلەرنىڭ ئېغىرلىقىدىن ھالسىرىمايدۇ. ئادەم ئۆزىنى ئاددىي مېتافىزىكىلىق ھەقىقەت ئارقىلىق كائىناتنى چۈشەنگەندەك ھېس قىلىدۇ. مانا مۇشۇ مېتافىزىكىلىق چۈشىنىشتىن بىز تۈرك ئىنسانپەرۋەرلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.
            تۈركلەر بىلەن ئالاقە قىلغان ھەرقانداق بىر ئادەم ئۇلاردىكى چوڭقۇر ۋە ھەتتا مىستىك شەكىلگە كىرگەن بىر ئىنسانپەرۋەرلىكنى بايقىيالايدۇ. تۈرك ئىنسانپەرۋەرلىكى ھەرگىزمۇ تۈركلەرنىڭ  باشقىلارنىڭ ئۆزى ھەققىدە ئېيتقان «ياۋايىلىقتىن» قۇتۇلۇشقا بولغان ئۇرۇنۇشى بولماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ روھىغا قاپسىلىپ قېلىشنىڭ خەتىرىدىن قۇتۇلۇشقا بولغان ئۇرۇنۇشىدۇر. شۇنىڭغا كۆرە، تۈرك ئىنسانپەرۋەرلىكى تۈرك بولالاش ھەم ئۇنىڭدىن ھالقىيالاشنىڭ چەكسىز مۈمكىنچىلىكىدۇر. ئۇ تۈركلەرنى ھەم ئۆزى قىلىدۇ ھەم ئۆزىدىن ھالقىتىدۇ. 
            تۈرك ئىنسانپەرۋەرلىكىنىڭ ئۈچ مەنبەسى بار: يايلاق ئېتىقادچىلىقى، مەۋلانە جالالىددىن رۇمىنىڭ مىستىك سۇفىزمى ۋە تۈركلەرنىڭ ۋۇجۇدىغا سىڭگەن ئىمپېرىيە قوزغىلىشى (ئىنستىڭكىتى). يايلاق مىللەتلىرىدىن بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۈركلەرنىڭ كوللېكتىپ ئاڭسىزلىقىدا ھەر ۋاقىت كۆچۈشنى ئىزدەشتەك بىر كۇلتۇرال خاھىش بار. مانا مۇشۇ خاھىش ئۇلارنى كونستانپۇلغا قانداق ئېلىپ كەلگەن بولسا، ئۇلارنى يەنە ئۇنىڭدىن ھالقىتىپ تېخىمۇ يىراق جايلارغا شۇنداق ئېلىپ باردى. رۇمىنىڭ مىستىك سۇفىزمى بىلەن ئۇچرىشىش توختىماستىن كۆچىدىغان، كۆچۈش جەريانىدا توختىماستىن ئۇرۇش قىلىدىغان ۋە ئۇرۇش قىلىش جەريانىدا توختىماستىن يېڭى ئېنىقسىزلىقنى كۈتۈۋالىدىغان تۈركلەرنىڭ ھاياتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتتى. رۇمى تۈركلەرنىڭ تىنچسىز روھىنى بەلختە گۈللەنگەن پارىس كۇلتۇرىنىڭ گۈزەل مەسنىۋىلىرىدىن پۈتكەن مىستىك تەلىملىرى بىلەن پەپىلىدى. رۇمى ئېيتتىكى، «ئىزلىگۈچىنىڭ سەپىرىدە ئاقىللار بىلەن نادانلار بىردۇر؛ خۇدانىڭ سۆيگۈسىدە قېرىنداشلار بىلەن ناتونۇشلار بىردۇر.» مەۋلاناچىلىقنىڭ تەسىرىدە، تۈركلەرنىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرىڭ مەقسىتى يېڭى نىشانغا ئىگە بولدى. تۈركلەر شۇنى كوللېكتىپ ھېس قىلىشقا يېتەكلەندىكى، ئۇلارنىڭ يۈرۈشلىرى باشقىلارنى ئىستىلا قىلىشنى ئەمەس، بەلكى بىر ئىلاھىي سۆيگۈدە قېرىنداشلار بىلەن ناتونۇشلارنى، ئۆز بىلەن ئۆزگىنى بىر ئارىغا ئېلىپ كېلىشنى مەقسەت قىلىشى كېرەك. 
            رۇمى تۈركلەرنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىدىيىسى ۋە ئەمەلىيىتىنى قۇرۇپ چىقىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇلارنىڭ دىنىي كۇلتۇرىنىڭ ئەڭ نازۇك قىسمىنى پەرۋىش قىلدى. يايلاق ئىتىقادچىلىقىدىن قالغان يانغا توختاۋسىز كېڭىيىش يېڭى يۈنىلىشكە ئىگە قىلىندى—پانىي دۇنيادا ئىبادەت، بىر يۈرۈش مۇراسىملار ۋە ئۆزىنى بېغىشلاش ئارقىلىق خۇدانىڭ روھى بىلەن بىر بولۇش. رۇمىچە بىرلىشىشتىن روھلانغان تۈركلەر تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا، ئوسمانلى سۇلتانلىرىنىڭ ئىرادىسى ئاستىدا ياۋروپانى كۆزلىگەن تېخىمۇ چوڭ بىرلىشىش سەپىرىنى باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رۇمى روھى ئۇلارغا ئۇلار تا ھازىرغىچە تاماملىيالمىغان مۇنداق بىر تارىخىي ۋەزىپىنى يوشۇرۇن تاپشۇردى—ئۆزى بىلەن بىرلىشىش.
            مەۋلانا جالالىددىن رۇمىدىن كېيىن، تۈركلەرنىڭ روھىنى تۈرتۈپ، ئۇلارغا يېڭى يول كۆرسىتىدىغان دۇنياۋى مۇتەپەككۈر چىقىپ باقمىدى. ئۆزىنى «ئەسكىرىي مىللەت» دەپ قارايدىغان تۈركلەر ئىدىيە تارىخىدا ئۇنچە سەلتەنەتلىك ئىزلارنى قالدۇرالمىدى. ئۇلارنىڭ گرېك، ئەرەب ۋە پارىس مەدەنىيەتلىرى بىلەن كەڭ كۆلەملىك ئۇچرىشىشلىرى ئۇلارنىڭ يايلاق كۇلتۇرىنى توختاۋسىز بېيىتتى. شۇنداقلا، دۇنياۋى ئىمپېرىيىلىشىش ئۇلارنىڭ تۈركلۈك كىملىكىگە يوشۇرۇن خىرىس كۆرسىتىپ ماڭدى.  بۇ تاكى ئوسمانلىلار يىقىلىپ، مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك باشچىلىقىدا تۈرك مىللەتچىلىك ئىدىيىسى ئۈستىگە قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتچىلىككە قەدەر داۋاملاشتى.           
            تۈركلەرنىڭ نەچچە ئەسىرلىك ئىمپېرىيە تارىخى ئۇلار كۆزلىگەندەك، ياكى رۇمى ئېيتقاندەك، قېرىنداش بىلەن ياتلارنى بىرلەشتۈرمەستىن، بەلكى ئۇلارنى تېخىمۇ ئايرىۋەتتى. ئىمپېرىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تۈركلەرگە بولغان ئۆچمەنلىك ۋە ھەتتا دۈشمەنلىك تارىخنىڭ ھەرقانداق ۋاقتىدىكىنمۇ ئېغىر بولدى. باشقا ئىمپېرىيىلەر ياكى ئىزسىز يوقالغان (مەسىلەن موڭغۇل ئىمپېرىيىسىدەك) ياكى ئۆزىنى يېڭىۋاشتىن قۇرۇپ چىققان (مەسىلەن رىم ئىمپېرىيىسىدەك) ۋە ياكى دۇنيانى يېڭى يوللار بىلەن ئىدارە قىلغان (مەسىلەن بۈيۈك برىتانىيە ئىمپېرىيىسى) بولسا، ئوسمانلىلارنىڭ ئەۋلادى بولغان تۈركلەر تا ھازىرغىچە قۇرىمىغان دۈشمەنلىككە پېتىپ قالدى. يەنى، ئۇلار دۈشمەنلىك ئارقىلىقلا ياكى ئارىسىدىلا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلىدىغان، ئۇنىڭغا مەنە بېرىدىغان ۋە ئۇنى ئىپادىلەيدىغان بولدى.
            تۈرك دۈشمەنلىكى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركلەرنى كوللېكتىپ پارانوياغا دۇچار قىلدى. ئۇلار ئۆزىنىڭ زېھنىيىتىنى ھەر ۋاقىت ھەم سىرتتىن ھەم ئىچىدىن كېلىدىغان دۈشمەنلىكنى ئويلاشتىن خالىي قىلالمىدى. ھەتتا ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرى ئۇلارنىڭ تىلىدا سۆزلىدى، ئۇلار بىلەن دىنداش بولدى، ئۇلارغا ئوخشاپ كېتىدىغان چىرايدا بولدى ۋە ئۇلارچە ئىسىمدا ئۇلار بىلەن بىللە ياشىدى.
            تۈركلەرگە خاس پارانويا ئۇلارنىڭ سۇيىقەست نەزەرىيىسىگە بولغان مەستانىلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى. ھەرقانداق بىر تۈرك بېشىغا كەلگەن بالا-قازانى ياكى تەقدىرىدىن  ياكى ئۆزىنىڭ دۈشمەنلىرىدىن كۆرىدۇ. ئۇنىڭ نەزەرىدە دۇنيا بىر سۇيىقەستلىك ئويۇندۇر. ئەمما بۇ ئويۇننىڭ تۈركچە چۈشىنىلىشى ئاددىيدۇر—ھەر قانداق بىر ۋەقە سەۋەبسىز يۈز بەرمەيدۇ. ئۇنىڭ ئارقىسىدا چوقۇم بىر قارا قول بولىدۇ. بۇ ھەم تۈركچە قىسمەتنىڭ ئىپادىسىدۇر. تۈركىيىدە «ئامېرىكىلىقلارنىڭ»، «ماسونچىلارنىڭ»، «يەھۇدىيلارنىڭ» ۋە «ياۋروپالىقلارنىڭ» «ئويۇنى» دېگەن سۆزلەر يۇقىرى دەرىجىلىك بيۇروكراتلاردىن تارتىپ ئىستانبۇلنىڭ چەت ۋە قالايمىقان كوچىسىدا قىيلىنىپ جان بېقىۋاتقان بىر باققالغىچە ھەممىسى زىكىر قىلىدىغان سۆزلەردۇر—ئۇلارنىڭ سىياسىي تەپەككۈرىنىڭ ئاساسلىق ئۇقۇملۇق قۇرۇلمىسىدۇر. بۇ ئويۇننىڭ ئىگىلىرىنىڭ يۈزىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ؛ ئەمما ھەممىسى ئۇلارنىڭ پەردە ئارقىسىدا تۈركلەرنىڭ مەنپەئەتىگە قارشى ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئۇلار شۇ ئارقىلىق ئۆزىنى ھەر زامان بۇ ئويۇننىڭ قۇربانى دەپ قارايدۇ. كەمدىن-كەم ئەھۋالدا «ئامېرىكىلىقلار»، «يەھۇدىيلار»، «ماسونچىلار» ياكى «ياۋروپالىقلار» تۈركلەرنىڭ ئويۇنىنىڭ  قۇربانى بوپ قالىدۇ. ئەمما، بۇنداق ئەكسىلەشنىڭ سەۋەبى ۋە زۆرۈرىيىتى ئوخشىمايدۇ—تۈركلەر ئۆزىگە تامامەن ئىشەنگەندە، ئاندىن ئۆزىنى ئويۇن ئوينىغۇچى  قىلىپ كۆرسىتەلەيدۇ. شۇنىڭدەك، ئۆزى قارىسىغا كەتكەن ئويۇنلاردا، تۈركلەر سەۋەبنى ھېچ زامان ئۆزىدىن كۆرمەيدۇ. ئۇلارنىڭ پىسخىكىسىدا ئويۇن ئوينىغۇچىنى ئەيىبلەشنىلا قوبۇل قىلغىلى بولىدۇكى، ئويۇندا ئۇتتۇرغۇچىنى ئۆزىنىڭ بىخۇتلۇقى سەۋەبلىك ئەيىبلەشكە بولمايدۇ. كۈچلۈك كوللېكتىپ پارانويا تۈركلەرنى ئالدىراپ باشقىلارغا ئىشەنمەس قىلىدۇ. تېگىدىن سۈرۈشتۈرگەندە، بۇ ئۆزىگە ئىشەنمەسلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر. شۇ سەۋەب، بىر تەرەپتىن ئادەم تۈركلەرنىڭ سۇيىقەست نەزەرىيىسىگە تولغان سىياسىيغا بولغان زىيادە قىزىقىشى ۋە ئۆزىنى بۇ نەزەرىيىنىڭ دائىملىق قۇربانى قىلىپ كۆرسىتىشىنىڭ ھەددىدىن ئاشقان شەكلىگە ھەيران قالسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزىگە زىيادە ئىشىنىدىغان قىلىپ كۆرسىتىش ئۇرۇنۇشىدىن قايمۇقۇپ قالىدۇ.
            تۈركلەر زاتىدىن دوستىغا چوڭقۇر مەرھەمەت، دۈشمىنىگە قاتتىق زالالەت كۆرسىتىدىغان مىللەتتۇر. ئۇنىڭ دۇنياسى دوست بىلەن دۈشمەننى توختىماستىن ئايرىشقا ئاتالغان ھاياتتۇر. تېخىمۇ توغرىسى، ئۇنىڭ دۇنياسى ئۆزىنى قورشاپ تۇرغان دۈشمەنلىك ئىچىدە تەبىئىتىدىكى بىر مۆرۈۋەتنى يوقاتماي ياشاشقا بېغىشلىنىدىغان دۇنيادۇر. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، لۇغىتىدە «يۇۋاشلىق» دېگەن كەلىمە بولمىغان تۈركلەر دۈشمەنلىكنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلالايدىغان بىر تەبىئەتكە ئىگە. ئۇلار شۇنداق بىر خەلقكى، ئۇلارنى كەمسىتىش مۇمكىن، ئەمما ئۇلارنى خورلاش مۇمكىن ئەمەس. ئۇلارنى قارغاش مۇمكىن، ئەمما ئۇلارنى قەلبىدىن ئۆزىگە ئۆچ قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئۇلارنىڭ زېمىنى ئىگىلىۋېلىش مۇمكىن، ئەمما ئۇلارنى غۇرۇرىدىن ئايرىۋېتىش مۇمكىن ئەمەس.
            مانا مۇشۇ باش ئەگمەسلىكتە، ھەر تەرىپىنى قاپلىغان دۈشمەنلىكتە، تۈركلەر ئۆزىنى تەنھا ھېس قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ روھىدا ئاسان بايقىغىلى بولمايدىغان تىرەن تەنھالىق بار. ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ تارىخىدا نەچچە قىتئە ئاتلىغان، نۇرغۇن ئەللەرنى كەزگەن ۋە بوي سۇندۇرغان تۈركلەر ئاقىۋەتتە تەنھادۇر. شۇ نەرسە دېيىلىشى كېرەككى، تۈرك تەنھالىقى بىر ئاجىزنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن يەكلەنگەن تەنھالىقى ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ بېتى كۆتۈرمەيدىغان ساختا ساخاۋەتلەرنى، ئاجىزلىقنى ۋە شەرەپسىزلىكنى رەت قىلىدىغان تەنھالىقتۇر. بۇ تەنھالىقتا قانچىلىك ئازاب بولسا، يەنە شۇنچىلىك مۆرۈۋەت ۋە غۇرۇر بار. ئۇ روھى چۈشىدىغان، ئەمما غۇرۇرى چۈشمەيدىغان بىر مىللەتنىڭ تەنھالىقىدۇر.
 دۈشمەنلىكنىڭ تىرەنلىرىدە، تەنھالىقنىڭ زىللاشقان نۇقتىلىرىدا، ھارغىنلىقنىڭ ئەۋجىدە، ئستانبۇللۇقلار ئۆزىدىكى كوللېكتىپ پىسخىك ھالەت بولمىش «ھۈزۈن» (مېلانكولى ياكى چۈشكۈنلىشىش) نى ئىپادىلەيدۇ. ئورخان پامۇك ئۆزىنىڭ «ئىستانبۇل: خاتىرىلەر ۋە شەھەر» دېگەن ئەسىرىدە ئىستانبۇللۇقلاردىكى كوللېكتىپ ھۈزۈن ھېسسىنى ئۇلارنىڭ كۇلتۇرال ئېىتىقادچىلىقىدىكى سۇفىزمغا باغلاپ مۇنداق دەيدۇ:«ھۈزۈن [...] ئىستانبۇلنىڭ ئالاھىدە خاراكتېرىدۇر، ئۇ ئىستانبۇللۇقلارنى بىر-بىرىگە باغلايدۇ. ھۈزۈن ئۇلارنىڭ مەغلۇبىيەتنى، قارارسىزلىقنى، يېڭىلىشنى ۋە نامراتلىقنى تاللىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئۇ ھاياتتىكى ئەندىشىلەرنىڭ ۋە چوڭ يوقىتىشلارنىڭ مەھسۇلى بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ پرىنسىپلىق سەۋەبىدۇر.» بۇ مەنىدىن، ئىستانبۇل ئادەمگە ھۈزۈن ھېس قىلدۇرماستىن، بەلكى ھۈزۈن ئادەمگە ئىستانبۇلنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرىدۇ—ئۇنىڭ گۈزەللىكىدىكى ئازابنى ھېس قىلدۇرىدۇ؛ ئۇنىڭ تارىخىي شانۇ شەۋكەتلىرىدىكى قايمۇقۇشنى سۆزلەيدۇ؛ ئۇنىڭ تەنھالىقىغا سىڭىپ كەتكەن غۇرۇرنى نامايان قىلىدۇ.
ئىستانبۇل بىر چۈشتۇر. ئۇ تۈركلەرنىڭ تېخى كۆرۈپ تۈگىتىپ بولالمىغان بىر چۈشىدۇر. ئۇ ئۇزاق ئەسىرلەر ياشىغان بىر قەدىمىي  ئىمپېرىيىنىڭ گۈللىنىشى، خاراب بولۇشى ۋە يەنە گۈللىنىشكە ئىنتىلىشى ھەققىدىكى چۈشتۇر. ئستانبۇلنىڭ قەدىمىي كوچىلىرى، مۇزېيلىرى، دېڭىزى، ئاسمىنى ۋە ئورمانلىرىدىن بۇ چۈشنى ھەر ۋاقىت ھېس قىلىش مۇمكىن. قانچىلىك رېئالسىز، بىھۇدە ۋە قەدىمىي بولۇشىغا قارىماي، بۇ چۈش مەستخۇشلۇقتىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇنىڭدا تارىخقا بولغان تىرەن مەستخۇشلۇق—مەپتۇنلۇق—بار. ئىستانبۇلدا بۇ مەپتۇنلۇقنى ھەريەردە ھەرزامان كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. تۈركلەر مانا مۇشۇ مەپتۇنلۇقتا ئۆزىنى تارىخىغا قايتا-قايتا قايتۇرىدۇ، رېئاللىقى بىلەن كېلىشتۈرىدۇ، كەلگۈسى ھەققىدە ئويلىنىدۇ.
بىر شەھەر ھەرگىزمۇ ئىمارەتلەرنىڭ، كوچىلارنىڭ ۋە باغچىلارنىڭ يىغىندىسى ئەمەس. ياكى ئۇ خەرىتە ئۈستىدىكى بىر نۇقتىلا ئەمەس. بەلكى ئۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ دۇنيا ھەققىدىكى خام خىياللىرىنى ماكانلاشتۇرۇشىدۇر. بۇ نۇقتىدىن، شەھەر خۇددى بالىلارنىڭ كىچىكىدە ئۆزى بىلىپ-بىلمەي ياسىغان ئويۇنچۇقلىرىغا ئوخشايدۇ—ھەر بىر ئويۇنچۇقتىن بالىنىڭ خام خىيالى، چۈشى، قورقۇنچى، ئۈمىدى، قىزغىنلىقى ۋە ئويلىرى چىقىپ تۇرىدۇ. ئىستانبۇلمۇ ھەم شۇنداق. ئۇ تۈرك روھىنىڭ ئەينىكىدۇر. شۇڭا، تۈركلەرنى چۈشەنمەك ئۈچۈن ئىستانبۇلنى، ئىستانبۇلنى چۈشەنمەك ئۈچۈن ئۇنىڭ تەنھالىقىنى، غۇرۇرىنى، ھارغىنلىقىنى، كەچمىشىنى ۋە ھۈزۈنىنى چۈشەنمەك لازىمدۇر.



2016-يىل 14-ئۆكتەبىر ئىستانبۇل

Comments

Popular posts from this blog

ئۇيغۇرلاردا ئىسلام ۋە سوتسىيالىزم

«ئەخمەتجان ئوسمان تاللانما شېئىرلىرى» غا كىرىش سۆز