ئاۋسترالىيە، ئاۋسترالىيە
ئاۋسترالىيە، ئاۋسترالىيە 1922-يىلى ئاۋسترالىيىگە كېلىپ، سىدنىيدا ئايالى ڧرېدا بىلەن قىسقا مەزگىل تۇرغان ئەنگلىيە يازغۇچىسى د. خ. لاۋرېنس «كەنگېرۇ» دېگەن ئەسىرىنىڭ ئاخىرقى بابلىرىدا ئاۋسترالىيىلىكلەرنى يۈزە ۋە ئەقىل بىلەن ھېسسىياتنىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىنى ۋە ئۈستۈنلۈكىنى ئىنكار قىلىدىغان مودېرن خەلق دەپ يازىدۇ. ئۇ تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ، ئۇلارنى «ئۆي سىرتىدا يۈرىدىغان ھايۋانلار» دەپ ئاتايدۇ. لاۋرېنسنىڭ سۆزلىرىدىن نۇرغۇن ئاۋسترالىيىلىكلەر تا ھازىرغىچە ھاقارەت ھېس قىلىدۇ. ئادەمنىڭ ھېسسىياتىنىڭ نومۇسلۇق، قاراڭغۇ ۋە رەزىل تەرەپلىرىنى ئەڭ شەپقەتسىزلەرچە ئىپادىلىگەن يازغۇچى دەپ قارىلىدىغان لاۋرېنىسنىڭ ئاۋسترالىيىلىكلەرگە قاراتقان شەپقەتسىز باھاسىدا ئەلۋەتتە يەڭگىلتەكلىك بار. بولۇپمۇ، ئۇنىڭ مەسخىرىلىك تەنقىدىدە قوبۇل قىلغۇسىز بىر ھاكاۋۇرلۇق بار. ئەمما، ئۇنىڭ مەسخىرىسىدە يەنىلا بىر كىچىككىنە ھەقىقەت بار—ياققال قارىماققا، ئاۋسترالىيىدە ھەممە نەرسە تېيىز كۆرۈنىدۇ: تۇپراق، سۇ، ئېلېمېنتلار ۋە باشقىلار. بۇ دېمەك، ئاۋسترالىيىدە ياكى زىيادە چوڭقۇرلۇق ياكى زىيادە ئېگىزلىك يوق. ئۇ بىر پايانسىز تۈزل...