Posts

جاپپارنىڭ جاسارىتى

جاپپارنىڭ جاسارىتى ئۈچ ياشلىق بالا—كۆزلىرىدە  غەزەب، مۇشتى كىرىشكەن، قەددى تىك، ئاۋازى ياڭراق. ئۇنىڭ ئىسمى جاپپار. قارشىسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خىتاي شەھەر باشقۇرۇش خادىملىرى، ئەتراپىدا بۇ كۈتۈلمىگەن قارشىلىشىشنى كۆرۈپ تۇرغان خىتاي تاماشىبىنلىرى بار. جاپپار ئانىسى ۋە سىڭلىسىنى خىتاينىڭ زوراۋان شەھەر باشقۇرۇش خادىملىرىدىن قوغداۋاتىدۇ؛ خىتاي خادىملار ھەدەپ ئۇلارنىڭ ھاياتلىق يولىنى ئۈزۈۋېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ... بۇ دراماتىك كۆرۈنۈش ئادەمگە دەماللىققا خىيالىي تۇيغۇ بېرىدۇ: خۇددى ئۇ راست ئەمەستەك، ئۇنى كومپيۇتېردا قۇراشتۇرۇپ چىققاندەك، ھەتتا بۇ بالىغا بىرى بۇنداق قىلىشنى ئالدىنئالا ئۆگىتىپ قويغاندەك. ئەمما بۇ راست بولغان ۋەقە. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ رېئاللىقىنىڭ بىر كارتېنىسى. يەنى ئۇ بىر نان ئۈچۈن جان-جەھلى بىلەن تىركىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ بىر پارچىسى. ئۇ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان خورلۇق ۋە ھاقارەتنىڭ بىر كىچىك قىسمى خالاس.   جاپپار شەكسىزكى بالا قەھرىماندۇر. ئۇ ئېھتىمال دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ كىچىك قارشىلىق كۆرسەتكۈچى  بولۇشى مۇمكىن. تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇ ئۇيغ...

ئاقارتىش ھەققىدە

ئاقارتىش ھەققىدە ئازاب چېكىش يامان چۈش كۆرگەنلىكىڭنى، خۇشاللىق ياخشى چۈش كۆرگەنلىكىڭنى بىلدۈرسە، ئاقارتىش چۈشتىن تەلتۆكۈس ئويغانغانلىقىڭنى بىلدۈرىدۇ. --جېد مەككېنا گېرمان پەيلاسوپى ئېممەنۇئېل كانت ئۆزىنىڭ ئاقارتىش ھەرىكىتى ھەققىدىكى «ئاقارتىش دېگەن نېمە؟» دېگەن ماقالىسىنى مۇنداق باشلايدۇ:« ئاقارتىش ئادەمنىڭ ئۆزى كەلتۈرۈپ چىقارغان پىشىپ يېتىلمەسلىكتىن قۇتۇلۇپ چىقىشىنى كۆرسىتىدۇ. پىشىپ يېتىلمەسلىك ئادەمنىڭ ئۆز ئەقلىنى باشقىلارنىڭ يېتەكلىشىسىز ئىشلىتەلمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ پىشىپ يېتىلمەسلىكنى ئادەم ئۆزى كەلتۈرۈپ چىقارغان.  يەنى بۇنىڭ سەۋەبى چۈشىنىشنىڭ كەمچىللىكىدە ئەمەس، بەلكى ئۇنى باشقىلارنىڭ يېتەكلىشىسىز ئىشلىتىش نىيىتىنىڭ ۋە ئىرادىسىنىڭ كەمچىللىكىدىدۇر. Sapere Aude !  <ئەقلىڭنى ئىشلىتىشكە جۈرئەت قىل!>--مانا بۇ ئاقارتىشنىڭ شوئارىدۇر.» كانتنىڭ قارىشىچە، بىلىشكە بولغان ھۇرۇنلۇق، ئۆزىدىن تاشقىرى تۇرىدىغان نوپۇزنىڭ ئۆزىگە يېتەكچىلىك قىلىشىغا يول قويۇش ۋە ھەقىقەتكە ئەقلى ئارقىلىق يېتىشتە قورقۇنچاقلىق قىلىش ئادەمنىڭ مەرىپەتسىز قېلىشىنىڭ تۈپكى سەۋەبلىرى...

زىيالىيلىقنىڭ يۈزلىرى

شۇڭا، مەن ئۆزۈمنىڭ تىرەن- تېرەنلىرىدە -- يەنى، مېنىڭ بولۇش سۈپىتى بىلەن ھېچقانداق تېرەنلىكتىن قېلىشمايدىغان تېرەنلىكتە –ئىدىم، شۇڭا مەن مەندىن باشقا ھېچكىمگە  چۈشەندۈرۈش تەس كەلمەيدىغان زىيالىي دېگەن بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى ئۆزۈمنىڭ تىرەن- تېرەنلىكلىرىدە تۇرۇپ بالىغا، ياۋايىغا، پەرىشتىگە ۋە ئۆزۈمگە چۈشەندۈرۈشكە ئاجىزلىق قىلدىم .                      -  پول ۋالېر: «تېستې ئەپەندىم» زىيالىيلىق دېگەن نېمە؟ — بۇ بىر ئونتولوگىيىلىك سوئال بولۇپ، زىيالىيلىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكلىرى بارلىقىنى ئىزدەشنى مەقسەت قىلىدۇ. زىيالىيلىق ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت دەۋرىگە قەدەم قويۇشىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئىپادىسىدۇر. شۇنداقلا ئۇ ھەر قانداق شەكىلدىكى مەدەنىيلەشكەن جەمئىيەتنىڭ مۇھىم ئوي توپى قاتلىمىنى تەشكىل قىلىدۇ. جەمئىيەت قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىچە فۇنكسىيىگە ئىگە بولۇش سۈپىتى بىلەن، زىيالىيلىق بەزىدە جەمئىيەتنىڭ ئۇنتۇلغان ھەم بېسىلغان ئاۋازىغا ۋە غۇرۇرىغا ۋەكىللىك قىلسا، بەزىدە مەلۇم...