Posts

ئۇيغۇر ياشلىرىغا مۇراجىئەت

ئۇيغۇر ياشلىرىغا مۇراجىئەت ھۆرمەتلىك ئۇيغۇر ياشلىرىمىز، پېقىر ئۇشبۇ خەتنى سىلەر بىلەن ھازىرقى دەۋرىمىزنى تەبىرلەيدىغان ئېنىقسىز ۋاقىتتا ھەمسۆھبەتتە بولۇش ئىستىكىدە يېزىۋاتىمەن. ئەگەر ئۇشبۇ سۆھبەتنىڭ خاسىيىتىدە دىققىتىڭلارغا بىزنىڭ مەۋجۇتلۇق ھالىتىمىز، قىممەتلىرىمىز ۋە كەلگۈسىمىزدىن ئىبارەت تەخىرسىز مەسىلىلەرنى ئېلىپ كېلەلىسەم، قەۋەتلا خۇرسەن بولىمەن. سىلەرگە شۇنى ئېنىق بىلدۈرمەكچىمەنكى، سىلەرنىڭ ئەمدى بالىلىقنىڭ بۇرۇنقى غەمسىز، ساددا ۋە ھېسسىياتچان شادلىقلىرىنى ۋە قورامىغا يەتكەنلىكنىڭ ساختا باھانە-سەۋەبلىرىنى تاشلاپ، ھاياتىڭلاردىكى ماھىيەتلىك نىشاننى ئىشقا ئاشۇرىدىغان پەيتىڭلار كەلدى—ئۆزۈڭلارغا ۋە ئۆزۈڭلار تەۋە ۋەتەنگە سادىق بولۇش. چۈنكى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كەلگۈسى يەلكەڭلەرگە چۈشىدۇ، شۇنداقلا سىلەر ھەر ۋاقىت ۋەتىنىڭلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەشكە چاقىرىلىسىلەر.                ھۆرمەتلىك ئۇيغۇر ياشلىرىمىز، سىلەر سەلتەنەتلىك تارىخ ياراتقان بىر قوۋمنىڭ ئەۋلادىسىلەر. ئەپسۇسكى، قانچىلىك سەلتەنەتلىك بولۇشىغا قا...

ئۇزسەن، ئۇزاقتىسەن—ئىستانبۇل

ئۇزسەن، ئۇزاقتىسەن—ئىستانبۇل ھەر بىر شەھەرنىڭ بىر قەلبى بار. بۇ قەلبتىن ئۇنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. بۇ قەلب ھەر ۋاقىت كوچىدىكىلەرنىڭ تۈگىمەس ۋاڭ-چۇڭلىرى، بالىلارنىڭ قىيقاس-چۇقانلىرى، ئاپتوۋۇزلارنىڭ سىگناللىرى، ماشىنىلارنىڭ غۇيۇلداپ چېپىشلىرى، پويىزلارنىڭ گۈدۈكى، شەھەردىكى ئۇششاق ساتارمەنلەرنىڭ ئۇھ تارتىشى، كېسەلخانىدىكىلەرنىڭ ئىڭراشلىرى، ئاشىقلارنىڭ نەپەسلىرى، تاملاردىكى رەڭگا-رەڭ ئېلانلار ۋە مېدىيالارنىڭ ھېلىدىن-ھېلىغا يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان خەۋەرلىرى بىرلە سوقۇپ تۇرىدۇ. ئىستانبۇلنىڭمۇ ھەم بىر قەلبى بار.  ھاياتنىڭ قاتتىقلىقىدىن تويۇپ سەپرالىشىپ كەتكەن ئەرلەر، چىرايىدىن ئاددىي-ساددىلىق، مېھىر ۋە بىر غۇرۇر چاقناپ تۇرىدىغان ئاياللار، كۆزلىرىنى يىراققا ئۇزاققىچە جىممىدە تىكىشتىن ھۇزۇرلىنىدىغان قىزلار، ھەممە نەرسىگە چەكسىز قىزىقىش بىلەن تويماي قارايدىغان بالىلار بۇ قەلبنىڭ رېتىمىدۇر.  ئىستانبۇلدىكى ھاياتنىڭ جىددىيلىكى ئادەمگە ھېلىلا ھەممە نەرسە يوقاپ كېتىدىغاندەك تەسىر بېرىدۇ. لېكىن، ئاشۇ جىددىيلىكنىڭ ئىچىدە يەنىلا بىر ۋەزمىنلىك بار.     ...

20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدا دېتېرمىنىزمنىڭ ئىپادىلىرى

20 -ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدا دېتېرمىنىزمنىڭ ئىپادىلىرى قەدىمكى گرېك تراگېدىيىلىك ئەپسانىلىرىدە ئىدىپېس دېگەن بىر شاھزادە ئۆتكەنىدى. ئۇ كىچىك ۋاقتىدا دېلڧىدىكى دانىشمەنلەر ئۇنىڭ چوڭ بولغاندا شاھ ئاتىسىنى ئۆلتۈرۈپ، خانىش ئانىسىنى ئۆز نىكاھىغا ئالىدىغانلىقى ھەققىدە بېشارەت بېرىدۇ. بۇ بېشارەتنىڭ يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن، نۇرغۇن قارشى تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشىغا قارىماي، ئۇ ئاخىرى يەنىلا ئۆزىنىڭ ئاتىسى پادىشاھ لايئۇسنى ئۆلتۈرۈپ، ئانىسى جوكاستا بىلەن توي قىلىدۇ. توي قىلىشتا ھەر ئىككىسى ئىشنىڭ ئەسلىنى بىلمەيدۇ. كېيىن، خانىش جاكوستا ئېرىنى ئۆلتۈرگۈچىنىڭ ھەم ھازىرقى ئېرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، نومۇس ۋە ھەسرەت-نادامەتتە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ. ئىشنىڭ تەكتىگە يەتكەن ئىدىپېسمۇ ئاخىرى بىر تال يىڭنە بىلەن ئىككى كۆزىنى كور قىلىۋېتىدۇ.             مەزكۇر تراگېدىيە، قانچىلىك ئەپسانىۋى تۈسكە ئىگە بولۇشىغا قارىماي، گرېك ئېڭىدىكى مۇنداق تۈپكى تېمىنى سۆزلەيدۇ: ئادەمنىڭ خاراكتېرىدىكى كەمتۈكلۈكلەر ۋە ئۇنىڭ تەقدىرىنىڭ تراگېدىيىلىك ھالىتى. بۇ ئەپ...