20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدا دېتېرمىنىزمنىڭ ئىپادىلىرى


20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدا دېتېرمىنىزمنىڭ ئىپادىلىرى



قەدىمكى گرېك تراگېدىيىلىك ئەپسانىلىرىدە ئىدىپېس دېگەن بىر شاھزادە ئۆتكەنىدى. ئۇ كىچىك ۋاقتىدا دېلڧىدىكى دانىشمەنلەر ئۇنىڭ چوڭ بولغاندا شاھ ئاتىسىنى ئۆلتۈرۈپ، خانىش ئانىسىنى ئۆز نىكاھىغا ئالىدىغانلىقى ھەققىدە بېشارەت بېرىدۇ. بۇ بېشارەتنىڭ يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن، نۇرغۇن قارشى تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشىغا قارىماي، ئۇ ئاخىرى يەنىلا ئۆزىنىڭ ئاتىسى پادىشاھ لايئۇسنى ئۆلتۈرۈپ، ئانىسى جوكاستا بىلەن توي قىلىدۇ. توي قىلىشتا ھەر ئىككىسى ئىشنىڭ ئەسلىنى بىلمەيدۇ. كېيىن، خانىش جاكوستا ئېرىنى ئۆلتۈرگۈچىنىڭ ھەم ھازىرقى ئېرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، نومۇس ۋە ھەسرەت-نادامەتتە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ. ئىشنىڭ تەكتىگە يەتكەن ئىدىپېسمۇ ئاخىرى بىر تال يىڭنە بىلەن ئىككى كۆزىنى كور قىلىۋېتىدۇ.
            مەزكۇر تراگېدىيە، قانچىلىك ئەپسانىۋى تۈسكە ئىگە بولۇشىغا قارىماي، گرېك ئېڭىدىكى مۇنداق تۈپكى تېمىنى سۆزلەيدۇ: ئادەمنىڭ خاراكتېرىدىكى كەمتۈكلۈكلەر ۋە ئۇنىڭ تەقدىرىنىڭ تراگېدىيىلىك ھالىتى. بۇ ئەپسانىۋى تراگېدىيە بىزنى تەقدىرنىڭ ئىنتايىن سىرلىق، قاراڭغۇ، سۈرلۈك ۋە شەپقەتسىز يۈزى بىلەن ئۇچراشتۇرىدۇ. بۇ يۈزدىن بىز تەقدىرنىڭ ئەڭ قەدىمقى مەنىسىنىڭ شولىسىنى كۆرىمىز—تەقدىر دېمەك كونترول قىلغۇسىز بىر كۈچنىڭ ئادەمنىڭ ھاياتىنى ئۇنىڭ ئىختىيارىسىز كونترول قىلىشىدۇر.   
ئەمەلىيەتتە، ئىدىپېسنىڭ ئۆزىنىڭ كۆزىنى كور قىلىۋېلىشى تەقدىرنىڭ كورلۇقىنى ۋاسىتىلىق ئىشارىلەيدۇ. بۇ كورلۇقتا خالىغانچىلىق ۋە شەپقەتسىزلىك بار—تەقدىر خۇددى كور ئادەمگە ئوخشاش ھېچقانداق گۇناھى يوق بىر بالىنى خالىغانچە تاللاپ، ئۇنىڭغا ئاتىسىنى ئۆلتۈرگۈزۈپ، ئۇنى ئانىسى بىلەن توي قىلغۇزۇپ، ئاخىرى پۈتۈن ئائىلىنى خانۇ ۋەيران قىلىدۇ. ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغىنى يۇقىرىقى تراگېدىيىدىكى ئالدىنئالا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئەقىلگە سىغماسلىقى ۋە بىمەنىلىكىدۇر—بۇ ئائىلىنىڭ بۇ قەدەر خانۇ ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىشىدا ئۇلارنىڭ ھېچقانداق گۇناھى ھەم ئۇلارنىڭ بۇ قەدەر ئېغىر جازالىنىشىغا قارىتا ھېچقانداق بىر ئەخلاقىي ئاساس يوق ئىدى. ئۇنىڭدىكى خالىغانچىلىق شۇنداق تەسىراتنىمۇ بېرىدۇكى، خالىغان بىر ئادەم بۇنداق بەختسىزلىككە خالىغان ۋاقىت ۋە خالىغان ئورۇندا ئۇچرىشى مۇمكىن. ئۇلار تەقدىر تەرىپىدىن خالىغانچە تاللىنىدۇ، ئەخلاقسىزلىقلارنى ۋە ھەتتا قاتىللىقنى بىئىختىيار قىلىدۇ. ئاخىرىدا، بۇ ھادىسىلەر ئۇلارغا ئۇلار ھەم ئالدىن كۆرەلمىگۈدەك ھەم ئالدىنى ئالالمىغۇدەك دەرىجىدە يۈز بېرىدۇ. ھەممە نەرسە ئالدىنئالا بېكىتىلگەن بۇنداق دۇنيادا، ئادەم ھەتتا ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە بېرىلگەن بېشارەتنى بىلسىمۇ، ئۇنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. تەقدىرنىڭ ئالدىدا ياكى ئىچىدە، ئادەم چارىسىز، يار-يۆلەكسىز ۋە ئىرادەسىزدۇر.
بۇ تراگېدىيىدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، تەقدىرنىڭ ئىنسانغا يۈز بېرىشى ساقلانغۇسىزدۇر. بۇنى تەقدىرنىڭ خاراكتېرى بەلگىلىگەن: تەقدىر ئىنساننىڭ قاتنىشىشىدىن سىرت تۇرىدىغان بىر كۈچ ياكى كۈچلەر تەرىپىدىن ئالدىنئالا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھادىسىلەرنىڭ ئىنسانغا ئۇنىڭ ئىختىيارىسىز يۈز بېرىشىنى كۆرسىتىدۇ. تەقدىرنىڭ يۈز بېرىشى شۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇكى، ئۇنىڭ يۆنىلىشىنى توسۇپ قېلىشلا ئەمەس، بەلكى توختىتىپ قويۇش ياكى باشقا ياققا، باشقا ئادەمگە بۇرىۋېتىش مۇمكىن ئەمەس. ئۇ قىلچە خاتاسىز ھالدا ئالدىن بەلگىلەنگەن شەكىلدە ئالدىن بەلگىلەنگەن ئادەمگە يۈز بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلۇش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، ئۇنىڭدا ئادەمنىڭ قېچىش يوللىرىنىڭ ھەممسى ئالدىنئالا ئېتىۋېتىلگەن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى، تېخىمۇ مۇھىمى، ئادەمنىڭ ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىمۇ ئاشۇ تەقدىر تەرىپىدىن ئالدىنئالا بېكىتىلگەن. ئۇ ئىنساننىڭ ئىرادىسى بىلەن ھېسابلاشمايدۇ ھەم ئىنساننىڭ ئىرادىسدىمۇ ئۇنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.
تەقدىرچىلىك قارىشى، ماھىيەتتە، ئادەمنىڭ چۈشىنىكسىز رېئاللىقنىڭ كونترول قىلىشقا بولمايدىغان ئېقىمىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان دەپ قاراش ئارقىلىق كونترول قىلىنغان ھالەتتە چۈشىنىشتۇر. يەنى، ئۇ ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىكى ساپ تاسادىپىيلىقنى—ساپ سەۋەبسىزلىكنى— ۋە تەرتىپسىزلىكنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭغا بىر ھالقىما سەۋەب بېرىش ئارقىلىق، ئۇنى «ئەقلىيلەشتۈرۈش» كە ئۇرۇنۇشتۇر. چۈنكى، تەقدىرچىلەرگە شۇ نەرسە ئېنىقكى، ئەگەر ھادىسىلەر ھېچقانداق سەۋەبسىز يۈز بەرسە، ئۇلارنىڭ نېمىشقا باشقا ھالەتتە ئەمەس، بەلكى ئاشۇ ھالەتتە يۈز بەرگەنلىكىنى ھەم چۈشەنگىلى ھەم چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ. ھادىسىلەرنىڭ ئادەمگە تاسادىپىي يۈز بېرىشىنى چۈشەنگىلى بولماسلىق ئادەمگە قورقۇنچ، ئەندىشە ۋە ھەتتا پارانويا ئېلىپ كېلىدۇ. ساپ تاسادىپىيلىق ئېلىپ كېلىدىغان تەرتىپسىزلىكتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئادەم تەقدىرچىلىك قارىشىغا مايىل بولىدۇ—ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىكى تەرتىپسىزلىكتىن—ياكى مۇرەككەپلىكتىن—قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئۇنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقتەك تەرتىپكە ۋە سەۋەبكە باغلاپ چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىدۇ. بۇ نۇقتىدىن، ئۇ ئىنساننىڭ ھاياتىدا ئۆزى كونترول قىلالمايدىغان، مۇرەككەپ ۋە ئەقىلگە سىغمايدىغان ھادىسىلەرنى ئەقلىي يوسۇندا ئاددىيلاشتۇرۇپ چۈشەندۈرىدىغان بىلىش شەكلىدۇر.  دېمەك، يۇقىرىقىلارنى يىغىنچاقلىساق، تەقدىرنىڭ مۇنداق ئۈچ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىگە ئېرىشىمىز: بىرىنچى، تەقدىر ئالدىنئالا ئورۇنلاشتۇرۇلغاندۇر. ئىككىنچى، تەقدىر ساقلانغۇسىز ۋە توسۇۋالغۇسىزدۇر. ئۈچىنچى، تەقدىر ئىنسان ئىرادىسىگە بېقىنمايدۇ.
تەقدىرچىلىك قارىشى ھەققىدىكى يۇقىرىقى مۇلاھىزىلەر بىزنى نۆۋەتتىكى تېمىمىزدىكى ئاچقۇچلۇق ئۇقۇم بولغان دېتېرمىنىزمنى چۈشىنىشكە ئېلىپ بارىدۇ. كەڭرى مەنىدىن ئېيتقاندا، كۆپلىگەن كىشىلەر ئۈچۈن، تەقدىرچىلىك بىلەن دىتېرمىنىزمنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق چوڭ پەرق يوق، چۈنكى ھەر ئىككىسى مەلۇم نەتىجىنىڭ ئىنساننىڭ ئىرادىسىدىن سىرت ھالدا ئالدىنئالا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە مەيدانغا كېلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئىدىيىدۇر. يۇقىرىقى قاراش، ئەمەلىيەتتە، تەقدىرچىلىك بىلەن دېتېرمىنىزم ئوتتۇرىسدىكى باشقا ماھىيەتلىك پەرقلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلىدۇ.
دېتېرمىنىزم، تەقدىرچىلىكنىڭ ئەكسىچە، بىر خىل پەلسەپىۋى ئۇقۇم بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەرقانداق ھادىسە، ئىش-ھەرىكەت، ئىنساننىڭ قارارى ۋە پائالىيىتىنى ئۇنىڭدىن ئىلگىرى يۈز بەرگەن ھادىسىلەرنىڭ نەتىجىسى دەپ قارايدۇ. ئەگەر تەقدىرچىلىك مەلۇم ھادىسىنىڭ يۈز بېرىشىنى ئالدىن بېكىتىۋېتىلگەنلىكى سەۋەبلىك زۆرۈر ۋە ساقلانغۇسىز شەكىلدە مۇقەررەر يۈز بېرىدۇ دەپ قارىسا، دېتېرمىنىزم ئۇنى سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى بويىچە چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىدۇ—ئۇنىڭدا مەلۇم نەتىجە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى سەۋەبلەرگە كۆرە بارلىققا كېلىدۇ. بىر تەقدىرچى ئۈچۈن، مەلۇم ھادىسىنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەررەرلىككە ئىگە بولۇپ، ھېچقانداق تاسادىپىيلىققا يول يۇق. ۋەھالەنكى، ئوخشاش نۇقتىدا، بىر دېتېرمىنىست شۇنداق دەيدۇكى، ئەگەر ئىلگىرىكى  سەۋەبلەردە ئاز-تولا ئۆزگىرىش بولسا، نەتىجىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ (ياكى بولۇشى مۇمكىن). بولۇپمۇ، تەقدىرچىلىكتە ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ سەۋەبىنى تەبىئەتتىن ھالقىغان كۈچ تەرىپىدىن بېكىتىلگەن دەپ قارايدۇ؛ ۋەھالەنكى، دېتېرمىنىزمدا ئۇلارنى تەبىئەت سىستېمىسىنىڭ ئىچىدە دەپ قارايدۇ ۋە ئۇنىڭدا ئادەمنىڭ ئەركىنلىكىنى نەزەرگە ئالىدۇ. شۇ نۇقتىدىن، تەقدىرچىلىكنىڭ كۆپرەك تەكىتلەيدىغىنى ئۆتمۈش، ھازىر ۋە كەلگۈسىدە يۈز بېرىشى ئالدىنئالا بېكىتىلگەن ھادىسىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ساقلانغۇسىزلىقى ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشنىڭ (ياكى ئۇنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇشنىڭ) پۈتۈنلەي بىھۇدىلىكىدۇر. دېتېرمىنىزمنىڭ تەكىتلەيدىغىنى شۇكى، ھەرقانداق بىر ھادىسىنىڭ يۈز بېرىشى ئۇنىڭدىن ئىلگىرى يۈز بەرگەن ھادىسىلەر تەرىپىدىن سەۋەبلەنگەن بولىدۇ.
ۋاقىتچانلىق نۇقتىسىدىن ئالغاندا، تەقدىرچىلىكنىڭ قارىشىچە، رادىكال ۋە زىت نۇقتىدىن ئالغاندا، كەلگۈسى مەۋجۇت ئەمەس. چۈنكى، ئۇ ئۆتمۈشتە ئاللىبۇرۇن بېكىتىلگەن ۋە يۈز بېرىپ بولغان بولىدۇ—كەلگۈسى پەقەت ئۆتمۈشتە يۈز بېرىشى ئالدىنئالا بېكىتىلگەن ھادىسىنىڭ ۋاقىت جەھەتتىن كېڭىيىشىدۇر. دېتېرمىنىستنىڭ نەزەرىدە، كەلگۈسى ھازىردا ئۆتمۈشتىكى ئامىللارنىڭ سەۋەب كۆرسىتىشى بىلەن يۈز بېرىدۇ.  شۇڭلاشقا، ئالدىنقىسى ئۈچۈن،كەلگۈسى سۈپىتىدىكى ئۆتمۈش ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بارلىققا كېلىدىغان ھېچقانداق ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلمايدۇ؛ كېيىنكىسى بولسا، ئۆتمۈشنىڭ كەلگۈسىدە يۈز بېرىشىنى ھازىرنىڭ ئالدىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرلىكتە تەسىر كۆرسىتىشى دەپ قارايدۇ ۋە بۇ سەۋەبلەرنىڭ نورمالسىزلىق، تاسادىپىيلىق ۋە  خالىغانچىلىقنىڭ ئۈنۈمىگە ئاز-تولا يول قويىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. مانا مۇشۇ يول قويۇش ئادەمنىڭ تۈپكى قابىلىيىتىنى دىققەت مەركىزىگە ئېلىپ كېلىدۇ—ئادەمنىڭ ھەرىكىتى شارائىت، ئىلگىرىكى ھادىسىلەر ۋە باشقا ئامىللار تەرىپىدىن ئاللىبۇرۇن بېكىتىلگەنمۇ؟
گەرچە تەقدىرچىلىك بىلەن دېتېرمىنىزم نۇرغۇن جەھەتلەردە پەرقلەنسىمۇ، ئۇلار مۇنداق بىر نۇقتىدا ئورتاقلىققا ئىگە—ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنئالا بېكىتىلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ يۈز  بېرىشىنىڭ ساقلانغۇسىزلىقى ۋە ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بېقىنماسلىقى. يۇقىرىقى ئورتاقلىق ئۇلارنىڭ ئادەمنىڭ ئەركىنلىكى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ روشەنلىشىدۇ—ئەگەر ھەممە نەرسە ئالدىنئالا بېكىتىلگەن بولسا، ئۇ ھالدا ئىنساندا ئەركىن ئىرادە بولامدۇ؟ ئەگەر بولسا، ئۇ ئالدىن بېكىتىلگەنمۇ؟ ئاددىي ئېيتقاندا، ئەگەر ئىنساننىڭ ئىرادىسى مەۋجۇت بولمىسا ياكى ئۇ ئالدىنئالا بەلگىلەنگەن بولسا، ئادەم ئەركىن بولمىغان بولىدۇ. ئەگەر ئىنسان ئەركىن بولمىسا، ئۇنىڭ ھەرىكىتى، ئويى، قارارى ۋە ئۇنىڭ ئىجراسىمۇ ئالدىن بېكىتىلگەن بولىدۇ. ئەگەر شۇنداق بولسا، ئىنسان ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ سەۋەبى بولمايدۇكى، ئۇ تاشقى ياكى ئىلگىرىكى ھادىسىلەرنىڭ سەۋەبلىك ھالەتتە تەسىر كۆرسىتىشىگە ئۇچرىغان بولىدۇ. بۇ نۇقتىدىن، ئەگەر ئادەم ئەركىن بولمايدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىگە مەسئۇل بولمايدۇ. چۈنكى، ئادەم ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىگە مەسئۇل بولۇشى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى ئەركىن ھالدا قارار قىلغان ياكى قىلالىغان بولۇشى كېرەك؛ ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، ئادەمنى ئۆزىنىڭ ھەرىكىتى سەۋەبلىك مەيدانغا كەلگەن نەتىجىگە مەسئۇل دەپ قاراشقا بولمايدۇ. مەسئۇلىيەت بولمىغان ھەرىكەت شەكسىزكى شۇ شەخسكە تەۋە بولمايدۇ، گەرچە ئۇنىڭغا قاتناشسىمۇ. بۇنداق ھەرىكەتنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ئەيىبلىگىلى بولمىغىنىدەك، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن تەقدىرلىگىلىمۇ بولمايدۇ.
بۇنى تۆۋەندىكى مىسال ئارقىلىق تېخىمۇ ئېنىقراق چۈشىنىپ باقايلى. ئەمەتنى ھاراق ئىچىپ، كوچىدا جېدەل چىقىرىپ، باشقىلار تەرىپىدىن پىچاقلىنىپ ھاياتىدىن ئايرىلدى، دەپ قىياس قىلايلى. ئۇ كىشىلەر ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان بىر نەچچە ئېسىل شېئىرلارنىڭ ئاپتورى بولسۇن. شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ھاراقكەشلىكى ھەممىگە مەلۇملۇق ئىش بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى «زابوي» دەپ ئاتىسۇن. ئەمما ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەر ئۇنىڭ ھاراق ئىچىشكە بېرىلىشىنىڭ ۋەتىنىدە بولۇۋاتقان سىياسىي بېسىملاردىن بوشىنىش تېپىشقا ئۇرۇنۇشتىكى  بىر يول ئىكەنلىكىنى بىلمىسۇن، دەيلى. ئۇ ئۆزىنىڭ قارنىغا پاتمايدىغان پىغان-ھەسرىتىنى ھاراقتىن ئالسۇن ۋە ھەر قېتىم مەس بولغىنىدا ئاللىكىملەرنى تىللاپ، قارغاپ ۋە يىغلاپ ناھايىتى ئوسال مەست بولسۇن. ئۇ ئاشۇ كۈنى ئادىتى بويىچە غەرق مەست بولۇپ، خىتايلارنىڭ يېقىندا يۈزگۈزگەن سىياسەتلىرىنى ئەيىبلەپ، ئاچچىقىنى باسالماي دەردىنى باشقىلاردىن ئالىمەن دەپ، جېدەل تېرىپ، ئاخىرى پىچاق يەپ، ھاياتىدىن ئايرىلغان بولسۇن. ئۇنداقتا، ئۇنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى نېمە؟ ئۇنىڭ ھاراقكەشلىكىمۇ؟ ئۇنىڭ سىياسىي بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلمەي، ھاراق ئىچىشكە بېرىلىشى ۋە ھاراق ئىچكەندە ئۆزىنىڭ كونترول قىلالماسلىقىمۇ؟ ياكى ئۇنىڭ ئاشۇ كۈنى ئاچچىقىنى باسالماي، خاتا ئادەم بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ، پىچاقلىنىشىمۇ؟ ياكى ئۇ جېدەللەشكەن ئادەمنىڭ ۋەھشىيلىكىمۇ؟ ياكى باشقىلارنىڭ بۇ جېدەلنى ۋاقتىدا بېسىقتۇرالماسلىقىمۇ؟ ياكى ئۇ ياشاۋاتقان تەڭسىز جەمئىيەتمۇ؟ ياكى ئۇنىڭ ئاتا-ئاتىسىنىڭ تەربىيىسىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىمۇ؟ ياكى ئۇنىڭ خاراكتېرىدىكى كەمتۈكلۈك ۋە ئاجىزلىقمۇ؟ ياكى ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىسىدىن قالغان ئۇرۇشقاقلىقمۇ؟ ياكى شۇ كۈنى نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ يېڭى سىياسەت تۈپەيلىدىن پىسخىك جەھەتتىن جىددىيلىشىپ قالغانلىقىمۇ؟ ۋەھاكازالار. بۇ سەۋەبلەرنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرسەك، تېخىمۇ نۇرغۇن ۋە ئاخىرى تۈگىمەس سوئاللارغا دۇچ كېلىمىز. ئەمما، كۆپ ھاللاردا ئۇنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سەۋەبى ئاددىي چۈشەندۈرۈلىدۇ--«ئەمەت ھاراق ئىچىپ، جېدەل چىقىرىپ، پىچاقلىنىپ ھاياتىدىن ئايرىلدى». ئەگەر ئۇ ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىغا ئۆزىنىڭ بىر نەچچە نادىر شېئىرلىرى بىلەن كىرگۈزۈلسە، ئۇنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سەۋەبى ئاشۇ ئاددىي قۇرلار بىلەن پۈتۈشى مۇمكىن.
دېمەك، ئەگەر بىز ئەمەتنىڭ شۇ كۈنكى ھەرىكىتىنى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈۋاتقان بارلىق سەۋەبلەرنىڭ ھەممىسىنى تەسۋىرلەيمىز دېسەك، ئۇنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى ناھايىتى تېزلا ھېس قىلالايمىز. ئاچقۇچلۇق مەسىلە شۇكى، ھەر بىر سەۋەبنىڭ ئارقىسىدا كەم دېگەندە بىر سەۋەب بار بولغان بولىدۇ. بىر ھادىسىنىڭ بارلىق سەۋەبلىرىنى، ۋاقىت نۇقتىسىدىن، ئۆتمۈشكە ۋە ھازىرغا سۈرۈپ، تېپىپ چىقىشقا ھەرىكەت قىلساق، ئاخىرقى نەتىجە پۈتۈنلەي مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. چۈنكى ھەرقانداق بىر ھادىسە، ئىدىيە، مەۋجۇدات مەۋجۇت بولۇشتا ئۆزىدىن ھەم ئىلگىرى ھەم ئۆزى بىلەن زامانداش بولغان نۇرغۇن سەۋەبلەرگە باغلىق. ئۇلارنىڭ قايسى بىرىنى تۇتقا قىلماقچى بولساق، چېكىكە يەتكىلى بولماس سەۋەبلەر تورىغا كىرىپ قالىمىز. بۇ مەلۇم مەنىدىن زېنو زىتلىقىغا (پارادوكسىغا) ئوخشاپ كېتىدۇ[i]. ئاخىرى، شۇنداق نەتىجىگە كېلىمىزكى، ھېچقانداق بىر ھادىسىنى تارىخىي نۇقتىدىن سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى بىلەن تەلتۆكۈس ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدۇ. بۇ ھۆكۈمنى چېكىگە تۈرتسەك شۇنداق دېيىش مۇمكىنكى، تارىخ يېزىش مۇمكىن ئەمەس. يېزىلدى دېيىلسە، ئۇ پەقەت تارىخشۇناسنىڭ پاكىت ۋە ۋەقەلەرنى ئۆزىنىڭ مۇددىئاسى ۋە قارىشى بويىچە مۇئەييەن ۋاقىت بۆلىكىنى ئاساس قىلىپ چەكلىك، بىر تەرەپلىمە ۋە تولۇقسىز ھالدا قايتا قۇراشتۇرۇپ چىقىشىدۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا، تارىخ رېئاللىقنىڭ ئەمەس بەلكى تارىخشۇناسنىڭ كۆرۈش نۇقتىسىنىڭ ئىپادىلىنىشىدۇر. تارىخ رېئاللىقنىڭ ئاددىيلاشتۇرۇلغان شۇڭا بۇرمىلانغان تەسۋىرىدۇر—ئۇ بىزگە ئۆتمۈشنىڭ تۈگىمەس سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى ئىچىدىن تارىخشۇناسنىڭ كۆرۈش نۇقتىسىدا مۇھىم دەپ قارالغان قىسىملىرىنىڭ تاللاپ ئېلىنىشى ۋە قايتىدىن يېڭى سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى كاتېگورىيىسىگە سېلىنىشىدۇر.
ئېتىراپ قىلىنىشى كېرەككى، رېئال دۇنيادا مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر رېئاللىقنى چۈشىنىشتە چەكسىز سەۋەب-نەتىجە زەنجىرىدىن ئىش باشلىمايدۇ. چۈنكى، ئاددىي ئېيتقاندا، بۇ مۇمكىنسىزدۇر. ئۇلار پەقەت مەلۇم نەتىجىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان بىر نەچچە سەۋەبنىلا تەكشۈرەلەيدۇ. بۇيەردە بىز  ئىنسانلارنىڭ پىكىر قىلىشىدىكى چەكلىمىلىكنى كۆرەلەيمىز. چەكسىز سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىش ھېچقانداق ئىنساننىڭ تەپەككۈرىنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. چۈنكى، ھەرقانداق بىر ھادىسىنىڭ سەۋەبى نۇرغۇن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ھەر بىر تارماق نەتىجىمۇ يەنە ئىچىدىن نۇرغۇن سەۋەبلەرلەرگە، ئۇنىڭدىكى ھەر بىر نەتىجە يەنە تېخىمۇ كۆپ سەۋەبلەرگە چەكسىز ئايرىلىپ مېڭىۋېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئىنسان چەكسىزلىك ئىچىدە تېڭىرقايدۇ ۋە ھەتتا ئۆزىنى يوقىتىپ قويىدۇ. شۇڭا، ئادەم دىققىتىنى چەكسىز سەۋەب-نەتىجە تورىغا تىكىشنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ بېشى بىلەن ئايىغىنىلا بىر-بىرىگە باغلايدۇ. نەتىجىدە ئەڭ يېڭى نەتىجە بىلەن ئەڭ بۇرۇنقى سەۋەب ئوتتۇرىسىدىكى بارلىق جەريانلار قىسقارتىلىۋېتىدۇ—مەسىلەن، «ئەمەت ھاراق ئىچىپ، جېدەل چىقىرىپ، باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى» دېيىلگىنىدەك. بۇ رېئاللىقنى ئاددىيلاشتۇرۇشتۇر. رېئاللىق چۈشەنجىسى ئادەمنىڭ سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىنىڭ چەكسىزلىكىگە قارىتا ئېلىپ بارىدىغان ئاڭسىز قارشىلىقىنىڭ ئىنكاسىدۇر. ئۇ سەۋەبنى چەكسىز سۈرۈشتە قىلىشنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى قوبۇل قىلىشتىن قېپ قالغان تەسىرات، ھېسسىياتلار ۋە تەجرىبىلەرنىڭ يىغىندىسىدۇر. 
ئادەم كۆپ ھاللاردا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئۇسۇل ئارقىلىق رېئاللىقنى سەۋەب-نەتىجە كاتېگورىيىسىدە ئاددىيلاشتۇرىدۇ: بىرىنچى، ئادەم بىر پىسخىك كۈچ مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن تاشقى دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكۈچىدۇر (ئادەم ئەركىن ئىرادىگە ئىگە. شۇڭلاشقا ئۇ ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ بىردىنبىر ئاپتورىدۇر)؛ ئىككىنچى، ئادەمنىڭ بارلىق قابىلىيىتى ۋە چەكلىمىلىكلىرى ئۇنىڭ گېن تۈزۈلۈشى تەرىپىدىن ئاللىبۇرۇن شەرتلەنگەن (ئادەمنىڭ قايسى ئىرق، قوۋم ۋە ئىجتىمائىي توپقا تەۋە بولۇشى ئۇنىڭ قانداق ئادەم بولۇشى ۋە نېمىلەرنى قىلالىشىنى يوشۇرۇن بەلگىلەيدۇ. شۇڭلاشقا ئادەمنىڭ ئەركىن تاللاش قابىلىيىتى ئۇنىڭ گېنى تەرىپىدىن شەرتلەنگەن)؛ ئۈچىنچى، تاشقى مۇھىت ئادەمنىڭ ھەرىكىتى، خاراكتېرى، ئوي شەكلى ۋە قابىلىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ (ئادەم مۇھىتنىڭ مەھسۇلىدۇر. شۇڭلاشقا ئۇنىڭ ئەركىن تاللىشى مۇھىت تەرىپىدىن شەرتلەنگەن)؛ تۆتىنچى، ئادەمنىڭ تەقدىرى ئىلاھىي ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئىگە (خۇدا ھەممىگە قادىر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئادەمنىڭ ھەر بىر تاللىشىنى ئالدىنئالا بېكىتكەن. شۇڭلاشقا ئادەمنىڭ ئەركىنلىكى ئىلاھىي ھەممىگە قادىرلىق تەرىپىدىن ئالدىن شەرتلەنگەن.) يۇقىرىقى تەھلىلدە بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئامىل ئىچكى ئامىل بولسا، ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچىلەر تاشقى ئامىللاردۇر. يۇقىرىقى ئامىللارنىڭ بىر-بىرىدىن پەرقى ئۇلارنىڭ ئادەمنىڭ ئەركىن ئىرادىگە ئىگە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى مۇستەقىل قىلالاش-قىلالماسلىقى ھەققىدىكى قارىشىغا باغلىقتۇر. پەقەت بىرىنچى ئامىللا ئادەمنىڭ ئەركىن ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۇنىڭ تاشقى ۋە ئىچكى ئامىللار تەرىپىدىن ئالدىن شەرتلەنمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. قالغانلىرى بولسا ئادەمنىڭ ئەركىن ئىرادىگە ئىكەنلىكىنى ياكى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىدۇ ياكى ئۇنىڭ ئىچكى-تاشقى ئامىللار تەرىپىدىن ئالدىنئالا بەلگىلەنگەنلىكىنى شۇڭا چەكلىمىلىككە ئىگىلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ يەردىكى ئەركىنلىك مەسىلىسى ئاخىرى ئەركىن ئىرادىنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىلەن دېتېرمىنىزمنىڭ رولى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە بېرىپ تاقىلىدۇ.
يۇقىرىقىلاردىن قارىغاندا، ئەركىن ئىرادە بىلەن دېتېرمىنىزمنىڭ مۇناسىۋىتىنى تۆۋەندىكى ئۈچ خىل شەكىلدە چۈشىنىشكە بولىدۇ: سىغىشماسلىق (قاتتىق دېتېرمىنىزم)، سىغىشىشچانلىق (يۇمشاق دېتېرمىنىزم) ۋە ئۆزگۈرلۈكچىلىك. قاتتىق دېتېرمىنىزمنىڭ قارىشىچە، دېتېرمىنىزم بىلەن ئەركىن ئىرادە بىر-بىرى بىلەن سىغىشالمايدۇ. دېتېرمىنىزملىق ئۇقۇم ۋە لوگىكىلىق مەنە نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەممە شەيئى تاشقى ئامىل ياكى كۈچ تەرىپىدىن ئاللىبۇرۇن بېكىتىلگەن دەپ قارايدىغان دېتېرمىنىزم بىلەن ئادەم ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى بەلگىلەيدىغان ئەركىن ئىرادىگە ئىگە دەپ قاراش بىر-بىرىنى ئىنكار قىلىدۇ—ئەگەر دۇنيا ئالدىن بېكىتىلگەن بولسا، ئادەمنىڭ بارلىق مۇمكىنچىلىكلىرىمۇ ئالدىن بېكتىلگەن بولىدۇ؛ شۇڭا، ئۇنىڭدا ئۆزىنىڭ دۇنياسىنى ئەركىن بېكىتىدىغان ئىرادە بولمايدۇ—بۇ ئەركىن ئىرادىچىلىكنى ئىنكار قىلىدۇ. ئەگەر ئادەمدە ئەركىن ئىرادە بولىدىكەن، ئۇ تاشقى كۈچ تەرىپىدىن ئالدىن شەرتلەنمىگەن ۋە بېكىتىلمىگەن بولۇشى كېرەك—بۇ دېتېرمىنىزمنى ئىنكار قىلىدۇ. بۇ سىغىشالماسلىق شۇنداق نەتىجىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇكى، ئەركىن ئىرادە خام خىيالدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
 قاتتىق دېتېرمىنىزمنىڭ يۇقىرىقى مەيدانى مۇنداق خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ: ئەگەر ئەركىن ئىرادە خام خىيال بولىدىكەن، ئەركىنلىكمۇ ۋە ھەتتا ئۇنىڭغا باغلىنىدىغان مەسئۇلىيەتمۇ خام خىيال بولۇشى كېرەك. ئادەمدە ئەركىن ئىرادە بولمايدىكەن، شۇنداقلا ئۇ ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ سەۋەبكارى ئەمەس ئىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىگە مەسئۇل بولماسلىقى كېرەك. چۈنكى، بىر ئادەم ئەخلاق جەھەتتىن ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىگە مەسئۇل بولۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭدا مەلۇم ھەرىكەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا كەم دېگەندە ئىككى ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق تاللاش مۇمكىنچىلىكى بار  بولۇشى كېرەك. تاللاش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بولۇشى، مەنتىقىي جەھەتتىن، ئەركىن ئىرادىنىڭ ئۆز خاھىشى بويىچە ھەرىكەتكە يېتەكچىلىك قىلىشىنى ئەمەلىي ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇ مەلۇم ھەرىكەتنى ئۇنىڭ سۇبيېكتى (ھەرىكەتنىڭ ئىگىسى ياكى ھەرىكەت قىلغۇچى) بىلەن شۇنداق باغلايدۇكى، ئادەم ھەرىكەتنىڭ سەۋەبى، ھەرىكەت ئۇنىڭ نەتىجىسى بولىدۇ. ئەگەر ئادەمدە ئەركىن ئىرادە يوق دەپ قارالسا، ئادەم بىلەن ئۇنىڭ ھەرىكىتى بىر-بىرىدىن ئاجراپ كېتىدۇ—ئادەم ئۆزىدىن سىرت تۇرىدىغان بىر كۈچنىڭ—مەيلى ئۇ تەبىئەتتىكى ياكى تەبىئەتتىن ھالقىغان كۈچ بولسۇن—ئالدىنئالا ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن مەلۇم نەتىجىنى روياپقا چىقىرىشتىكى ۋاسىتىگە ئايلىنىدۇ. ھەتتا ئۇنىڭ ۋاستىلىق رول ئوينىشىمۇ--خۇددى ئاشۇ ھەرىكەتنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىدەك—ئالدىنئالا بېكىتىلگەن بولىدۇ.  بۇ خىل قاراشنى چېكىگە تۈرتسەك، شەكسىزكى ئەخلاق نىھىلىزمىدا توختايمىز—ئادەمدە ئەركىن ئىرادە بولمايدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ئامىلى بولمايدۇ. شۇڭا، ئۇ ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىگە مەسئۇل بولمايدۇ. ئۇنداق بولغاندا، ھېچكىمنى ئۇنىڭ ھەرىكىتىنىڭ سەلبىي تەسىرى ۋە ئاقىۋىتى تۈپەيلىدىن ئەيىبلىگىلى بولمايلا قالماستىن، بەلكى جازالىغىلىمۇ بولمايدۇ. بۇنداق نېھىلىستىك دۇنيادا ياخشى ۋە توغرا قىلمىش بىلەن يامان ۋە ناتوغرا قىلمىشنىڭ پەرقى يوقايدۇ.
ئىككىنچىسى، يۇمشاق دېتېرمىنىزم (سىغىشىشچانلىق) قارىشىدا ئەركىن ئىرادە بىلەن دېتېرمىنىزم بىر-بىرى بىلەن سىغىشىدۇ. باشقا نۇرغۇن يۇمشاق نەزەرىيىلەرگە ئوخشاش، سىغىشىشچانلىقنىڭ قىلىدىغىنى ئالدى بىلەن بىر-بىرىنى ئىنكار قىلىدىغان ئىككى ئاشقۇن قاراشنى بىر-بىرىگە كېلىشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئورتاق بوشلۇق ھاسىل قىلىشتۇر. نەزەرىيىۋى نۇقتىدىن، ئۇشبۇ قاراش دۇنيانىڭ سەۋەب-نەتىجە قانۇنىيىتى ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ پرىنسىپنى قوللايدۇ. شۇنداقلا، ئۇنى ئادەم بىلەن ئۇنىڭ ھەرىكىتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشىنىشكە تەدبىق قىلىدۇ: دېتېرمىنىستىك دۇنيادا ئادەم—مۇئەييەن مەنىدە ۋە شەكىلدە—ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ سەۋەبكارى بولالايدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭدا ئەركىن ئىرادە بار، شۇڭلاشقا ئۇ دېتېرمىنىستىك دۇنيانىڭ كوئوردىناتلىرى يول قويغان ئەھۋال ئاستىدا ئەركىن تاللىيالايدۇ ھەم ئۆزىنىڭ تاللىشىغا مەسئۇل بولىدۇ. ئىنكاسچانلىق نۇقتىسىدىن، بۇ قاراشنى دۇنيانى سەۋەب-نەتىجە  قانۇنىيىتى بىلەن ھەرىكەت قىلمايدۇ دەپ قاراشتىن كېلىپ چىقىدىغان تەرتىپسىزلىككە قارىتا سېزىمچانلىققا ئىگە دېيىش مۇمكىن. شۇنداقلا بۇ قاراش ئەركىن ئىرادە بولماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان مەسئۇلىيەتسىزلىككە—ۋە ئۇنىڭغا ئۇلىشىپ كېلىدىغان ئەخلاقىي  كرىزىسكە—قارىتامۇ ئوخشاشلا سېزىمچاندۇر. ئاددىي ئېيتقاندا، ئۇشبۇ قاراش دېتېرمىنىزمنىڭ نۇقتىئىينەزەرى ئاساسىي جەھەتتىن توغرا دەپ قارايدۇ. يەنى، ئىنسان تەرىپىدىن قىلىنىدىغان ھەرقانداق ھەرىكەتنىڭ نۇرغۇن ڧىزىكىلىق ۋە پىسخىك تەركىبلىرى ئالدىنئالا بېكىتىلگەن. لېكىن، دېتېرمىنىستىك دۇنيادا، ئادەمدە ئۆزىنىڭ مەقسىتىگە يارىشا ھەرىكەت ئەركىنلىكى بولىدۇ. ئادەم مانا مۇشۇ ئەركىنلىك ئارقىلىق ئالدىنئالا بېرىلگەن ئامىللارنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، قارار چىقىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
            ئۈچىنچىسى، ئۆزگۈرچىلىك قارىشى. ئۆزگۈرلۈكچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئىنساننىڭ قارارى ئۇنىڭ ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم ۋە ھېچ نەرسە تەرىپىدىن ئالدىن بېكىتىلمىگەن ۋە شەرتلەنمىگەن بولىدۇ. ئىرادە ئۆزىدىن سىرت ھېچقانداق ئامىلنىڭ كونتروللۇقىدا ۋە ئالدىن بېكىتىشى ئاستىدا ئىش ئېلىپ بارمايدۇ. چۈنكى، ئىرادە زاتىدىن ئەركىندۇر. ئىرادە ئەركىن بولىدىكەن، ئۇ دېتېرمىنىستىك دۇنياقارىشى بىلەن سىغىشالمايدۇ.
            يىغىپ ئېيتقاندا، دېتېرمىنىزم، پەلسەپىۋى نۇقتىدىن، بىزنىڭ ئىنساننىڭ ئەركىنلىكى ۋە مەسئۇلىيىتىنى چۈشىنىشىمىزدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. بولۇپمۇ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ پائالىيىتىنىڭ مۇددىئاسى، سەۋەبى ۋە ئۇنىڭ تەسىرىنى چۈشىنىشىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.  شۇنداقلا، بىز دېتېرمىنىزم دۇنياسىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئادەمنى ئاددىي ھالدا بىرلا تەسىرگە ئەمەس، بەلكى كۆپ خىل تەسىرگە بىرلا ۋاقىتتا ئۇچراۋاتىدۇ دەپ قارىيالايمىز. ئۇ بىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىمىزدىكى مۇنداق ماھىيەتلىك ۋە ئەزەلىي توقۇنۇشنى كېلىشتۈرۈپ چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ: تەبىئەتتە ياشىغۇچى ئادەم بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇنىڭ دېتېرمىنىستىك قانۇنىيەتلىرىنىڭ تەسىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايمىز؛ ئەمما، ئاڭغا، ئۆزلۈك ئېڭىغا ۋە ئىستەككە ئىگە مۇرەككەپ پىسخىك كۈچ مەركىزى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۆزىمىزنىڭ دۇنياسىغا ئىنكاس قايتۇرىمىز، ئۇنى ئىدراك قىلىمىز ۋە ئۇنىڭدا ھەرىكەت قىلىمىز. ئۇشبۇ مۇرەسسە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىزنىڭ ھەم ماتېرىيالىستىك ۋە مەنىۋى (روھانىي) تەركىبكە ئىگە مۇرەككەپ شەخسىي دۇنيايىمىزنى چۈشىنىشىمىزگە يول ئاچىدۇ.
دېتېرمىنىزمنى ئىدىيە تارىخىغا تەدبىقلىساق، تارىخىي ۋەقەلەرگە ۋە شەخسلەرگە قارىتا يېڭىچە كۆرۈش بۇلۇڭىغا ئېرىشىمىز. شۇنىڭغا كۆرە، تۆۋەندە بىز 20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى بەزى ۋەقە ۋە شەخسلەرگە دېتېرمىنىزملىق قاراش نۇقتىسىدىن قاراپ چىقىمىز. بۇنىڭدىكى ئۇسلۇب ئىجتىمائىي دېتېرمىنىزم، تارىخىي دېتېرمىنىزم ۋە سىياسىي دېتېرمىنىزملىق بولىدۇ. ئۇشبۇ ئىزدىنىشنىڭ نەتىجىسى بىزنى شۇنىڭغا ئىشەندۈرىدۇكى، ئەركىن ئىرادىگە ئىگە بولۇش ئىنساندىكى ماھىيەتلىك قابىلىيەت بولۇش سۈپىتى بىلەن بىزنىڭ دۇنيايىمىزنى قانچىلىك كونترول قىلالايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بىزنىڭ قارارىمىزنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە تاشقى دۇنيانىڭ كونتروللۇقىغىمۇ ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بىز يەنە شۇنىمۇ تونۇپ يېتىمىزكى، ئەركىن ئىرادىگە ئىگە بولۇش ئادەمنى قانچىلىك دەرىجىدە غۇرۇرلاندۇرسا، شۇنچىلىك دەرىجىدە ئىزتىراپقا سالىدۇ—چۈنكى، بىز قانچىلىك ئەركىن بولساق، ئۆزىمىزنىڭ ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسىگە شۇنچىلىك مەسئۇل بولىمىز.

1.       ئىجتىمائىي دېتېرمىنىزم—ئاياقلاشمىغان ئاقارتىش ھەرىكىتى

ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىدا 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا باشلانغان ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىگە  20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇچرىغانىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئوقۇمۇشلۇق زىيالىيلىرىنى جەلپ قىلغىنى ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ نىشانىنىڭ مودېرنلىقىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ قالاق جەمئىيەتلەرگە قويغان دىئاگنوزىنىڭ دەللىكى ۋە ئۇنى ھەل قىلىش چارىسىنىڭ ئۈنۈملۈكلۈكىدۇر. شەرق دۇنياسى جۈملىدىن شەرقنىڭ ئىسلام دۇنياسى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى نىشان قىلغان ئۇشبۇ ھەرىكەتنى كەڭ كۆلەملىك بىر ئىجتىمائىي ئىسلاھاتچىلىق ھەرىكىتى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا مەزكۇر مەسىلىلەر ھەققىدە قويغان دىئاگنوزى ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلەرنىڭمۇ دىئاگنوزى ئىدى: نادانلىق ۋە خۇراپاتلىق بارلىق ئىجتىمائىي كېسەللىكلەرنىڭ سەۋەبكارىدۇر. ئۇنى ھەل قىلىش چارىسى مەسىلىنىڭ سەۋەبىدەكلا ئاددىي ئىدى—مائارىپ ئارقىلىق خەلقنى تەربىيىلەش ئۇلارنى نادانلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئاچقۇچىدۇر.
ئۇيغۇرلار ھەققىدە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە قەلەم تەۋرەتكەن ئەجنەبىيلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىيىتىنى قالاق، نادان ۋە خۇراپىيلىققا تولغان دەپ تەسۋىرلەيدۇ. ئەگەر 19-ئەسىردە «قەشقەرىيە» دېگەن ئەسەرنى يازغان ئا.كروپاتكىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىيىتىدىكى ۋەيرانچىلىقنىڭ سەۋەبىنى باش-ئاخىرى چىقماس دىنىي جېدەل-ماجىرا دەپ قارىسا، شەرقىي تۈركىستان زىيارەت قىلغان باشقا ئەجنەبىيلەر ئۇيغۇرلارنى دۇنيادىن تامامەن ئايرىلغان ھالدا ئوتتۇرا ئەسىرچە قالاق ھالەتتە ياشاۋاتقان مىللەت دەپ تەسۋىرلەيدۇ. «ئالتىشەھەر مەكتۇپلىرى» نىڭ ئاپتورى نوشىرۋان يائوشېڧ ئۇيغۇرلارنى كىملىكىنى ئاڭقىرالماي ياشاۋاتقان خەلق—ئالامان—دەپ قارايدۇ. ئۇ قەشقەردە ئاق-قارىنى پەرق قىلالايدىغان زىيالىيدىن پەقەت ئابدۇقادىر داموللامنىڭلا بارلىقىنى ئېيتىدۇ. ئابدۇقادىر داموللام ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ۋەيرانلىقىغا بىر ئاقارتقۇچى بولۇشى سۈپىتى بىلەن قارايدۇ ۋە ئىشنى مەسىلىنىڭ نېگىزىنى تېپىش بىلەن باشلايدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ «نەسىھەتى ئاممە» دېگەن ئەسىرىدە مۇنداق يازىدۇ: «بىر مىللەتنىڭ خار ۋە زەبۇن بولۇشىنىڭ  سەۋەبى نېمە؟ ئىككى نەرسىدۇر. بىرى، بىلىمسىزلىك؛يەنە بىرى، نادانلىقتۇر.»
            بىزنىڭ بۇ يەردە قىزىقىۋاتقىنىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ماددىي ۋە مەنىۋى ۋەيرانچىلىقىغا نېمىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىدۇر. ئەلۋەتتە، نادانلىق ۋە ئىلىمسىزلىكنى بۇنىڭغا سەۋەب بولغان دەپ ئېيتىش تامامەن مۇمكىن. ئەمما نادانلىق ۋە ئىلىمسىزلىكنىڭ سەۋەبى نېمە؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابى تەبىئىي ھالدا ئۇنىڭ سەۋەبىنىڭ يەنە نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى يېڭى سوئالغا يول ئاچىدۇ. ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان جاۋاب يەنە بىر يېڭى سوئالغا يول ئاچىدۇ. شۇنداق قىلىپ، بىز سەۋەب-نەتىجە زەنجىرىدە باغلىنىدىغان ۋە ئۆتمۈشكە چەكسىز سۈرگىلى بولىدىغان بىر قاراڭغۇ كوچىغا كىرىپ قالغانلىقىمىزنى تېزلا بايقىيالايمىز. شۇڭا، ئۇشبۇ سوئالنى كەينىگە چەكسىز سۈرۈشنىڭ ئورنىغا، ئۇنى مۇنداق ئىككى سوئالغا يىغىنچاقلايمىز: نادانلىق بىلەن بىلىمسىزلىك ھەقىقەتەن ئۇيغۇرلارنىڭ خار ۋە زەبۇن بولۇشىنىڭ ئاساسىمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، نادانلىق بىلەن بىلىمسىزلىكنى نېمە كەلتۈرۈپ چىقارغان؟
            شۇنىسى مۇنازىرىسىزكى، نادانلىق بىلەن بىلىمسىزلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك مەغلۇبىيىتىدىكى ھالقىلىق ئامىللاردۇر. شۇنداقتىمۇ، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ خار ۋە زەبۇنلۇقتا قېلىشىنىڭ زۆرۈر ئەمما يېتەرلىك شەرتلىرى ئەمەس. بولۇپمۇ، موڭغۇل ئىستىلاسىدىن كېيىن ئاستا-ئاستا چېكىنىشكە يۈزلەنگەن ئۇيغۇر جەمئىيىتى 17-، 18- ۋە 19-ئەسىرلەردە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ۋەيران بولۇشقا ۋە ھەتتا مۇنقەرزلىككە يۈز تۇتقانىدى. بۇ يۈزلىنىشتە ئۇيغۇرلارنىڭ نادانلىقى، ئىلىمسىزلىكى ۋە تەپرىقچىلىقتىن كېلىپ چىققان باش-ئاخىرى چىقماس يېغىلىقلارنى مۇھىم سەلبىي سەۋەبلەر سۈپىتىدە ساناش مۇمكىن.
            ئەمدى، «بىر مىللەتنىڭ خار ۋە زەبۇن بولۇشىغا ئۇنىڭ نادان ۋە بىلىمسىز بولۇشى سەۋەب بولغان» دېگەن ھۆكۈمنى تېخىمۇ چوڭقۇر تەكشۈرسەك، ئۇنىڭدىكى سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىنىڭ ئايلانمىلىقىنى بايقايمىز. شۇنىسى رەت قىلغۇسىزكى، خار ۋە زەبۇنلۇقنى نادان ۋە بىلىمسىزلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  شۇنداقلا، مەلۇم مەنىدىن، بۇ ھۆكۈمنىڭ ئەكسىمۇ توغرا: نادان ۋە بىلىمسىزلىكنىمۇ خار ۋە زەبۇنلۇق كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ئىككى يۈرۈش ئامىللارنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ھەم بىر-بىرىنىڭ سەۋەبى ھەم بىر-بىرىنىڭ نەتىجىسى بولۇشى بىزنىڭ قايسى يۈرۈشنىڭ قايسى يۈرۈشنى سەۋەبلەيدىغانلىقى ۋە بەلگىلەيدىغانلىقىنى بېكىتىشىمىزنى ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچار قىلىدۇ. بۇ يەردە يۇقىرىقى ئايلانمىلىقنى توختىتىپ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى سەۋەب-نەتىجە تەرتىپىنى قايتا تۇرغۇزۇش تەخىرسىزدۇر.  
            شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇيغۇرلارنىڭ خار ۋە زەبۇن بولۇشىنى ئۇلارنىڭ نادانلىقى ۋە ئىلىمسىزلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى. ئەمما، ئۇلارنىڭ نادان ۋە ئىلىمسىز قېلىشىغا ئۇلارنىڭ ئۆزى، گېنى ياكى جۇغراپىيلىك جايلىشىشىلا ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلارنىڭ جەمئىيىتى سەۋەب بولغانىدى. ئىجتىمائىي دېتېرمىنىزملىق نۇقتىدىن ئالغاندا، بىر قوۋمنىڭ ئىلىمسىز قېلىشى نوقۇل ھالدا ئىقتىسادىي، جۇغراپىيىۋى ۋە بىئولوگىيىلىك ئامىللاردىن كۆرە ئالدى بىلەن ئىجتىمائىي ئامىللارغا باغلىقتۇر. ئەلۋەتتە، بۇ ھەرگىزمۇ يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەن ئامىللارنىڭ بىر مىللەتنىڭ نادان قېلىشىدا ھېچقانداق رولى يوق دېگەنلىكنى بىلدۈرمەيدۇ. مۇھىم نۇقتا شۇكى، ئىجتىمائىي ئامىللار شۇ مىللەتنىڭ نادانلىقتا قېلىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. بۇ مەسىلىگە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىجتىمائىي دېتېرمىنىزم نۇقتىسىدىن قاراپ باقايلى.  ئىجتىمائىي دېتېرمىنىزم ماھىيەتتە ئەركىن ئىرادە بىلەن دېتېرمىنىزمنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بىر ئىدىيىدۇر. بۇ نۇقتىدىن، ئۇنى يۇمشاق دېتېرمىنىزمغا يېقىن كېلىدۇ، دېيىش مۇمكىن. ئۇ ئىنساننىڭ ئەركىن ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى رەت قىلمىسىمۇ، ئۇنى يەنىلا  شۇ جەمئىيەتنىڭ ئاللىبۇرۇن مەۋجۇت نورمىلىرى، قائىدە-تۈزۈملىرى، كۇلتۇرى، مۇناسىۋەت قۇرۇلمىلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، دەپ قارايدۇ.
ئەگەر بىر جەمئىيەت ئۆزىنىڭ ئەزالىرىغا مائارىپ يولى ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىيالمىغان بولسا، بۇنداق جەمئىيەت يېپىق، قالاق ۋە فۇنكسىيىسىز جەمئىيەت قاتارىغا كىرىدۇ. بۇنداق جەمئىيەتتىكى كىشىلەر شەكسىز يوسۇندا  نادان ۋە ئاڭقاۋ بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ. ئىجتىمائىي دېتېرمىنىزم ئادەمنىڭ ھەرىكىتىنى، ئىدىيىسىنى ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتىنى نوقۇل ھالدا ئۇنىڭ بىئولوگىيىلىك كېلىپ چىقىشى ۋە تاشقىي جۇغراپىيىلىك شارائىتلىرىغا باغلاپ چۈشىنىشنى رەت قىلىدۇ. ئۇنىڭچە، ئادەم ئىجتىمائىي جانلىق بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرايدۇ. ئىجتىمائىي تەسىر جەمئىيەتتە قوبۇل قىلىنغان ھەرىكەت ئۆلچىمى، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر، مائارىپ ئۇسۇلى، سىياسىي تۈزۈم، مەدەنىي-ئاقارتىش مەپكۇرىلىرى، ئەدەبىيات-سەنئەت  مۇھىتى ۋە كۈلتۈر ھاياتى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ—مانا مۇشۇ ئامىللار ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكى ۋە كىم بولالىشىنى قۇرۇپ چىقىدۇ.
20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيتى مۇنتىزم بىر جەمئىيەت بولۇشتەك ئالاھىدىلىكنى تېخى ھازىرلىمىغانىدى. ئۇ ئەنئەنىۋى دىنىي كۈچلەرنىڭ، ئەخلاقىي قاراشلارنىڭ ۋە جامائەت ئاقساقاللىرىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدىكى ئىنتايىن ئىپتىدائىي ۋە كونسېرۋاتېپ بىر جەمئىيەت ئىدى. مەزكۇر جەمئىيەت خوجىلار، موللىلار ۋە شەيخ-ئىشانلاردىن تەركىب دىنىي تەبىقە، خانلار، بەگلەر ۋە يۇرت چوڭلىرىدىن تەركىب تاپقان سىياسىي تەبىقە، سودىگەرلەر، ئۇششاق سودا-سېتىقچىلار، كاسىپلار ۋە شەھەر كەمبەغەللىرىدىن تەركىپ تاپقان ئىقتىسادىي تەبىقە ۋە دېھقانلار، ھاشارچىلار ۋە مەدىكارلاردىن تەركىب تاپقان ئىشلەمچىلەر تەبىقىسىدىن تۈزۈلگەنىدى. شۇنىڭدەك، ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە يۇقىرىقى تەبىقىلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئۇنچە ئېنىق ئايرىلمىغانىدى. شۇڭا، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي رولى بەك ئېنىق بەلگىلەنمىگەنىدى. تەبىقىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئېنىق پاسىلنىڭ يوقلۇقى ئىجتىمائىي روللارنىڭ تەقسىملىنىشى ۋە ئارتقۇرۇلۇشىدا ئېنىقسىزلىق ۋە قالايمىقانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى. شۇنداقتىمۇ، شۇنى ئېيتىش كېرەككى، پەقەت دىنىي تەبىقىنىڭ ئىجتىمائىي رولىلا ناھايىتى ئېنىق بەلگىلەنگەن ۋە تونۇلغان بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ باشقا تەبىقىلىرى ۋە ساھەلىرىنى كونترول قىلغانىدى. بولۇپمۇ، دىنىي تەبىقىنىڭ ئىنتايىن زور كونترول قىلىش كۈچى سىياسىينىڭ ھەممە ساھەلىرىگە قەدەر كېڭەيگەنىدى. دىنىي ھايات بىلەن سىياسىي ھاياتنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق پەرق بولمىغانىدى. شۇ سەۋەب، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى دىنىي جەھەتتىكى بۆلۈنۈش تەبىئىي ھالدا سىياسىي جەھەتتىكى بۆلۈنۈشنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋەتكەنىدى. ئاقىۋەتتە، ئۇيغۇر جەمئىيىتى دىنىي جەھەتتىن مەزھەپلەشكەن، سىياسىي جەھەتتىن پارچىلانغان، ئىقتىسادىي جەھەتتىن چۈشكۈنلەشكەن ۋە ئەخلاق جەھەتتىن چېكىنگەن بىر جەمئىيەتكە ئايلانغانىدى.
دىنىي تەبىقە كونتروللۇقىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ھېچقانداق پەننىي مائارىپ يولغا قويۇلمايلا قالماستىن، بەلكى ئۇ ھەقتىكى ھەرقانداق  تىرىشچانلىقمۇ قاتتىق چەكلەنگەنىدى. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئەسلىدىن مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن كونسېرۋاتېپلىق بىلەن ئاقارتىش ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش دىن بىلەن يېڭى ئىلىم-پەنچىلىك  ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشقا يول ئاچقانىدى. پەننىي مائارىپنىڭ كەمچىللىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بىر ئەقلىي جەمئىيەت ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئالاھىدىلىكلەردىن خېلى يىللارغىچە مەھرۇم قالدۇرغانىدى. ئىلىم-پەن ئىزدىنىشى ئومۇميۈزلۈك رىغبەتلەندۈرۈلمىگەن ئۇيغۇر جەمئىيىتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر ئەقلىي جەمئىيەتتە بولۇشى كېرەك بولغان تەنقىدچىلىك روھىنى مەيدانغا كەلتۈرەلمىگەنىدى. دىنىي تەبىقىنىڭ مۇتلەق نوپۇزى ئۇنىڭغا قارشى ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان ھەرقانداق شەكىلدىكى ئىجتىمائىي تەنقىدچىلىككە يول قويمىغانىدى. تەنقىدچىلىك كەمچىل جەمئىيەت شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جەمئىيەتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىجتىمائىي ئىسلاھاتچىلىك، ئىجتىمائىي ئادالەت ۋە رىقابەت ئېڭىنى بوغۇپ قويغانىدى.
شۇنىڭغا كۆرە، ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئاقارتىش ئىدىيىسىنىڭ مۇھىم ئۇتۇقلىرىنىڭ بىرى بولغان سانائەتلىنىش ھەققىدىكى ئىدىيىنى قوبۇل قىلىشلا ئەمەس، بەلكى ئۇنى ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاش ئۈچۈنمۇ ئۇزۇن يىل ۋاقىت سەرپ قىلغانىدى. يەنى، سانائەتلىشىش تەلەپ قىلىدىغان بايلىق يارىتىش ئۈچۈن توختىماستىن تىرىشىش، توختاملىشىش، پۇل قەرز ئېلىش ۋە بېرىش، بانكىچىلىق، بانكا ئۆسۈمى، ئوروبوت، مۈلۈك ھوقۇقى ۋە ۋە ئۇنى باشقۇرۇش، قاتارلىقلار ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈن تېخى ئومۇملاشمىغان ئۇقۇملار ئىدى. بولۇپمۇ كاپىتالىستىك ئىقتىساد تەلەپ قىلىدىغان تۆۋەندىكىدەك پوزىتسىيىلەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تولۇق ۋە ئومۇميۈزلۈك يېتىلمىگەنىدى—قاتتىق ئىشلەش ئارقىلىق، پۇل يىغىش ۋە ئۇنى مەبلەغ سېلىپ ئايلاندۇرۇش ۋە كاپىتالنى توختىماستىن ئاشۇرۇش، قاتارلىقلار. سانائەتلىشىش بارلىققا كەلتۈرىدىغان شەخس بىلەن ئۇنىڭ ھەرىكىتىنىڭ توختام ئارقىلىق باغلىنىش مۇناسىۋىتىنىڭ كەمچىللىكى شەخس ۋە ئۇنىڭ ئەركىنلىكى ھەققىدىكى ئىدىيىنىڭ بارلىققا كېلىشىنىڭ كېچىكىشىگىمۇ  مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتكەنىدى. نەتىجىدە، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنىڭ ئاددىيلىقىدىن كېلىپ چىققان ئىجتىمائىي قۇرۇلمىنىڭ ئاددىيلىقى تەبىئىي ھالدا كوللېكتىپنىڭ تەپەككۈرىنىڭ ئاددىيلىقىنى كەلتۈرۈپ چىققانىدى. مۇسابايلار جەمەتىدىن سىرت، ئۇيغۇرلاردا ئاساسەن كۆلەملەشكەن ۋە مودېرنلاشقان سانائەتلىشىشكە كۆڭۈل بۆلىدىغانلار ئىنتايىن ئاز بولغانىدى. شۇنىسى ھەيران قالارلىق ئەمەسكى، ئەينى ۋاقىتتىكى ئوتتۇرا ئەسىر سەۋىيىسىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى كاپىتالىستىك ياكى ئالدىنقى كاپىتالىستىك جەمئىيەتكە ئېلىپ كىرىدىغان ئوتتۇرا بۇرژۇئا قاتلىمى ئاساسەن شەكىللەنمىگەنىدى.
مۇھىمى، ئۇيغۇرلارنىڭ خار-زەبۇنلۇقى نادانلىق ۋە ئىلىمسىزلىكتىنمۇ ئىلگىرى تۇرىدىغان مۇنۇ پاكىتتىن باشلانغانىدى—ئەقلىيلىكى تۆۋەن بولغان ئۇيغۇر جەمئىيىتى شەخسنىڭ ئۆز ئۈستىگە ئېلىش كېرەك بولغان ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتلىرىنى كۆرسىتىپ بېرەلمىگەنىدى. بۇنداق جەمئىيەت ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ كىملىكىنى ھېچقانداق ئىجتىمائىي مەنە، بەلگە ۋە سىمۋول بىلەن تەمىنلىمىگەنىدى. كوللېكتىپ كىملىك ئېڭىنىڭ تۇتۇق بولۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ يەككە شەخسچىلىك—ئۆزلۈكچىلىك—ئىدىيىسىنى بارلىققا كەلتۈرمىگەنىدى. نەتىجىدە، ئۇيغۇرلار ئىنتايىن تۇتۇق كوللېكتىپ كىملىككە ئىگە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەركىنلىكى ھەققىدە ئىنتايىن تۇتۇق قاراشتا قالغانىدى. چۈنكى، ئۇلاردا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىدىغان يەككە ئىدىۋىدۇئاللىق—ئۆزلۈك—تەلتۆكۈس شەكىللەنمىگەنىدى.

2.      تارىخىي دېتېرمىنىزم--«يالتا يىغىنى»

1945-يىلى ئاپرېلدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ساھىبخانلىقىغا قىرىم يېرىم ئارىلىنىڭ يالتا شەھىرىدە تارىخىي ئەھمىيەتلىك «يالتا يىغىنى» ئېچىلىدۇ. بۇ يىغىنغا ستالىن، روزۋېلت ۋە چېرچىلدىن ئىبارەت 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ گېرمانىيىنىڭ مەغلۇبىيىتىگە قاراپ بۇرۇلۇشىغا سەۋەبچى بولغان ئۈچ گىگانت رەھبەر قاتنىشىدۇ. يىغىندا 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى دۇنيا تەرتىپىنى بۇ ئۈچ ئىمپېرىيىنىڭ قانداق بۆلۈشۈپ ئىدارە قىلىش مەركەزلىك مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
ئۈزۈپ ئېيتىش كېرەككى، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ھېچقانداق بىر خەلقئارالىق يىغىن ئۇيغۇر زىيالىيىلىرىنىڭ دىققىتىنى «يالتا يىغىنى» دەك تارتقان ئەمەس. ئالدى بىلەن، يىغىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە  بىرەر مەسىلىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇزاكىرە قىلغانلىقى ۋە ئۇ ھەقتە قارار ئالغانلىقى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئادەمنى تۈگىمەس قىياسقا سالغانلىقى بىلەن دىققەت تارتارلىقتۇر. مانا مۇشۇ ئېنىقسىزلىق ئۇنى تا ھازىرغىچە سىرلىق چۈمپەردە بىلەن ئوراپ تۇرىدۇ. ئادەمنى قىزىقتۇرىدىغىنى شۇكى، يىغىندا خىتاي ھەققىدە ئۇنچە كۆپ مۇزاكىرە بولۇنمىغان ۋە ئۇ ھەقتە ئۇنچە كۆپ قارار ئېلىنمىغانىدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، كىشىلەر خىتاي ھەققىدىكى قارارلارنىڭ بىر قىسمىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغان ۋە ئۇ ھەقتە قارار ئېلىنغان دەپ تەخمىن قىلىشىدۇ. ئەمما، «يالتا يىغىنى» دا شەرقىي تۈركىستان (ياكى شىنجاڭ) ھەققىدە ئېلىنغان قارار ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر يوق. بەزى تارىخچىلار ۋە تەتقىقاتچىلار ستالىننىڭ «يالتا يىغىنى» دىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندا 1944-يىلى نويابىردا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى قوللاشتىن ۋاز كەچكەنلىكى ۋە ئۇنى خىتايدىكى گومىنداڭچىلار بىلەن كوممۇنىستلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكى ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ماۋ زېدوڭغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىگە قاراپ، مەزكۇر يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە بىرەر مەخپىي كېلىشىمنىڭ تۈزۈلگەنلىكىنى قىياس قىلىشىدۇ.
            ئەمدى، يۇقىرىقى قاراشنى دېتېرمىنىزملىق نۇقتىدىن ئانالىز قىلىپ باقايلى. يالتا يىغىنى—بىر خىل تەسەۋۋۇرىي ۋە قىياسىي سىياسىي تەپەككۈر بولۇشىغا قارىماي—بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدا شۇنداق بىر قاراشنى شەكىللەندۈرگەنكى، ئىككىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ مەغلۇب بولۇشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبچىسى يالتا يىغىنىدۇر. بولۇپمۇ، ئۇنىڭغا ستالىننىڭ يالتا يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستاننى خىتايغا بېرىۋېتىشتىن ئىبارەت مەخپىي قارارى سەۋەبچىدۇر. نېمىلىكى بولمىسۇن، شۇنىسى ئېنىقكى، گەرچە مەزكۇر يىغىن 1949-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا نېمە كۈنلەرنىڭ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ئالدىنئالا بىرەر شەپە بېرەلمىسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھاياتىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى دەپ قارىلىدۇ. ئەنە شۇ يىغىندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرى، سىياسىي ھوقۇق-تەسىر دائىرىسى، تەشكىللىنىشى،  ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەقىل قىلىشقا ئۇرۇنۇشلىرى ئاستا-ئاستا، ئىنتايىن سىرلىق رەۋىشتە ۋەيران بولۇشقا يۈزلىنىدۇ. ئاخىرى 1949-خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى شەرقىي تۈركىستانغا بېسىپ كىرىپ، ئۇنى مۇنقەرز قىلىدۇ.
            «يالتا يىغىنى» دا ھەممە نەرسە بەلگىلەندى دېگەنلىك ئۇنىڭدىن كېيىن يۈز بېرىدىغان مۇھىم ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسى ئالدىنئالا بەلگىلەندى دېگەنلىكتۇر.  ئەگەر «يالتا يىغىنى» دا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاللىبۇرۇن بېكىتىلگەن بولسا، ئۇ چوقۇم ئۇيغۇرلارنىڭ—خۇددى تارىختا يۈز بەرگىنىدەك—1949-يىلى خىتايلار تەرىپىدىن مەغلۇب قىلىنىشى بىلەن ئاخىرلىشىشى كېرەك. بۇنىڭ يۈز بېرىشى ئۈچۈن مۇنداق بىر نەچچە ئاچقۇچلۇق جەريانلار—ھېچبولمىسا نەزەرىيىۋى نۇقتىدىن—ئالدىن بەلگىلەنگەن پىلان بويىچە بېسىپ ئۆتۈلۈشى كېرەك: سىياسىي ئىسلام شەرقىي تۈركىستان سىياسىي ھوقۇق تەڭپۇڭلۇقىدا تەدرىجىي چېكىنىشى، پان تۈركىزملىق ئامىللار ئاجىزلىشىشى، پىرقىچىلىك تەرەپدارلىرى چەتلەشتۈرۈلۈشى ۋە ئاخىرى كوممۇنىزم ئىدىيىسى پەيدىنپەي ھالقىلىق ئورۇننى ئىگىلىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا، ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ سىياسىي ئىدىيىۋى يۆنىلىشى ئاۋۋال سوۋېت كوممۇنىزم پارتىيىسىنىڭ ئاخىرى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ يۆنىلىشى بىلەن بىردەكلىشەلەيدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۆزگىرىشلەر مانا مۇشۇ بىر قاتار جەريانلار ئارقىلىق خىتايغا ئايرىپ بېرىۋېتىلىشتىن ئىبارەت ئاداققى مەقسەتكە ئۇيغۇنلىشىشى كېرەك. ئەمەلىيەتتە، يۇقىرىقى جەرياننىڭ ئىشقا ئېشىشى ئىچكى-تاشقى ئامىللارنىڭ تەسىر كۆرسىتىشى ۋە كونتروللۇقى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ. بولۇپمۇ تاشقى كونتروللۇقنىڭ كۈچى—بولۇپمۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاسترىتتىن شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنى كونترول قىلىش كۈچى—شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ تەدرىجىي ھالدا ئىسلامچىلىق، پان-تۈركىزمچىلىق ۋە پىرقىچىلىقتىن كوممۇنىزمچىلىققا بۇرۇلۇشقا سەۋەب بولىدۇ.
بىز «يالتا يىغىنى» نىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەشچانلىقىنىڭ يەنىلا بىر تارىخىي تاسادىپىيلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلالمايمىز. يۇقىرىقى ئۈچ دۆلەتنىڭ خالىغان بىرى ياكى ھەممىسى مەلۇم شارائىتتا—مەسىلەن ھىتلېر يادرو بومبىسىنى ئامېرىكىدىن بۇرۇن ياساپ، ئۇنى بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ بىرىگە ياكى ھەممىسىگە ئىشلەتتى دەپ قارىساق—ئۇرۇشتا يېڭىلىشى مۇمكىن ئىدى. ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا، «يالتا يىغىنى» دىكى كېلىشىملەرنىڭ ھەممىسى بىكار بولغان، دۇنيانىڭ شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي كەلگۈسىمۇ پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كەتكەن بولاتتى. شۇنداقلا، ئەگەر خىتايدا 1949-يىلى كوممۇنىستلار ئەمەس بەلكى پىرقىچىلەر غەلىبە قىلغان بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىنىڭ باشقىچە بولۇش مۇمكىنچىلىكى بولاتتى. بۇ يەردە بىز كۈچلۈك قىياسچانلىققا ئىگە بىر يىغىننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنىڭدىن كېيىنكى سىياسىي ھاياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولمايدىغان ھەم ئۆزگىرىشچان ئامىللارغا تولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەك. ئېنىقكى، ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولماسلىق يالتا يىغىنىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي مەغلۇبىيىتىنى بېكىتىشىدىكى بىردىنبىر ئامىل بولۇشتەك نوپۇزىغا يوشۇرۇن تەھدىد سالىدۇ.
«يالتا يىغىنى» نى ئىككىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ مەغلۇبىيىتىنىڭ بىردىنبىر ياكى ئاساسلىق سەۋەبى دەپ قارىۋېلىشنىڭ خەتىرى شۇكى، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۇلاردىن سىرتقا—باشقىلارغا--يۆتكەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن، مۇنداق ئىككى نۇقتىدا ئېغىر مۈجمەللىك كېلىپ چىقىدۇ. بىرى، ئەگەر «يالتا يىغىنى» ھەممە نەرسە ئالدىن بەلگىلىنىپ بولۇنغان بولسا، بىز بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان ئەخلاقىي كرىزىسنى بىر تەرەپ قىلىشقا قالىمىز: ئۇ زامان،  1944-يىلى قۇرۇلغان 2-جۇمھۇرىيەتتە ئېغىر سىياسىي خاتالىق ۋە جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى سۈرۈشتۈرگىلى بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇلار پەقەت ئۈچ گىگانت رەھبەر ئاللىبۇرۇن يازغان ۋە ستالىن بىۋاسىتە رېجىسسورلۇق قىلغان درامىدا بەلگىلەنگەن رولنى ئالغان قونچاقلارغا ئايلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ تارىختىكى رولى بىرەر شەخسنىڭ ۋە ھەتتا بىرەر رەھبەرنىڭ رولىدىن بىر بۈيۈك پىلاننىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىشلىتىلگەن بىر ڧۇنكسىيىنىڭ رولىغا تارىيىدۇ. بىر ڧۇنكسىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇلار 1944-يىلىدىن تاكى 1949-يىلىغىچە بولغان سىياسىي دەۋردە ھېچقانداق سىياسىي تاللاشنى ئەركىن تاللىمىغان، شۇڭا ئۇ تاللاشلارنىڭ ھېچقايسىسىغا مەسئۇل بولمىغان بولىدۇ. ئىككىنچىسى، «يالتا يىغىنى» نى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىنى ئاللىبۇرۇن بەلگىلىۋەتكەن دەپ قاراش شۇنداق بىر ئۇچۇرنى ئۇيغۇر كوللېكتىپىنىڭ كاللىسىغا سىڭدۈرىدۇكى، يالتا يىغىنىدا ھەممە نەرسە دۇنياۋى چوڭ كۈچلەر تەرىپىدىن ئاللىبۇرۇن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بولۇنغانىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھەرقانداق ئۇرۇنۇشى بىھۇدە، چۈنكى بېكىتىلىپ بولۇنغان سىياسىي ھالەتنى ئۆزگەرتىش مۇمكىن ئەمەس. تېخىمۇ ئېنىق ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تاللاش مۇمكىنچىلىكى «يالتا يىغىنى» تەرىپىدىن يوقىتىلغانىدى. شۇڭا، ئۇ ھەقتە قانچىلىك كۈچىگەن بىلەن بىكار. پەقەت يالتا يىغىنىدىكى ئاشۇ سىرلىق سىياسىي سودىنى ئاشكارىلاپ، ئۇنىڭغا شېرىك بولغانلارنى ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تۈزىتىشكە مەجبۇرلىمىغۇچە، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەقىقىي يوسۇندا ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.
            ئەمما، ئىككىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ مەغلۇبىيىتىگە ئىچكى جەھەتتىن نەزەر سالساق، ئۇيغورلارنىڭ سىياسىي قارار قىلىش ئەركىنلىكىنىڭ تامامەن يوقىمىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. مەسىلەن، 1945-يىللىرى قۇرۇلۇپ، يوشۇرۇن پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان «خەلق ئىنقىلاۋى پارتىيىسى» ئاللبۇرۇن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىس بىلەن ئالاقە قىلىشقا باشلىغانىدى. ئۇشبۇ ئالاقە—مەيلى قايسىلا نۇقتىدىن قارالمىسۇن—شەرقىي تۈركىستاندىكى باشقا سىياسىي يولدىكىلەرنىڭ—مەسىلەن، پانتۈركىستلەرنىڭ، پىرقىچىلەرنىڭ ۋە سىياسىي ئىسلامچىلارنىڭ—شەرقىي تۈركىستان سىياسىي سەھنىسىدىن بارغانسېرى سىقىپ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئاخىرى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئەسكىرىي تاجاۋۇزچىلىقىدىن ئىلگىرىلا كونترول قىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانىدى.  شۇنىڭ بىلەن بىز يۇمشاق دېتېرمىنىزم نۇقتسىدىن چىقىپ تۇرۇپ شۇنى ئېيتالايمىزكى، گەرچە «يالتا يىغىنى» ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي كەلگۈسىنىڭ قانداق بولۇشىدىكى بەزى مۇھىم ھالقىلارنى ئالدىن بەلگىلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىدا بىر نەچچە خىل تاللاش بولغانىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تاللاشلارنى خاتا تاللىشى ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ كاللىسىدا بۈيۈكلەشتۈرۈۋالغان «يالتا يىغىنى» نىڭ بىز بىلمەيدىغان نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قەدەممۇ قەدەم يېتەكلىگەنىدى—تەدرىجىي ھالدا خىتاي مۇستەملىكىسىگە چۈشۈش.  

3.      سىياسىي دېتېرمىنىزم—شەخسنىڭ مەسئۇلىيىتى

مۇھاكىمىمىزنى مۇنداق بىر قىياسىي ئەھۋالنى ئانالىز قىلىشتىن باشلايلى. شەرقىي تۈركىستاننى 2022-يىلى خىتاي مۇستەملىكىسىدىن تەلتۆكۈس ئازاد بولدى دەپ تەسەۋۋۇر قىلايلى. ئەنە شۇ چاغدا، خىتايلار تۈركۈملەپ ئىچكىرىگە قېچىپ، شەرقىي تۈركىستان ئۇنىڭ ئەسلى ئاھالىسى بولغان ئۇيغۇرلارغا قالدى دەيلى. ئۇ زامان، يېڭىدىن قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى 1949-يىلىدىن بېرى خىتايلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا قاتناشقان ھۆكۈمەت خادىملىرى، قانۇنچىلار، تەپتىشلەر، ساقچىلار، بىخەتەرلىك خادىملىرى، دوختۇرلار، زىيالىيلار، ژۇرنالىستلار، مۇئەللىملەر ۋە باشقىلار بولۇپ ھەممىسىنى تەكشۈردى ۋە ئاخىرى ئۇلار ھەققىدە دېلو تۇرغۇزۇپ سوتلاشقا باشلىدى دەيلى. ئەگەر سوتتا ئۇلار ئۆزىنىڭ نېمىشقا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا قاتناشقانلىقى ھەققىدە سورالغان سوئالغا باشتىن-ئاخىر ئىككى خىل جاۋاب بەرسۇن دەيلى: بىرى، ئامان قېلىش؛ يەنە بىرى يۇقىرىنىڭ (خىتاينىڭ) بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش. بىرىنچى جاۋاب، گەرچە مەلۇم تارىخىي پاكىتچانلىققا ئىگە بولسىمۇ، يەنىلا ئىنتايىن كەڭ دائىرىلىك بولۇش سۈپىتى بىلەن، نۇرغۇن نۇقتىلارنى يېتەرلىك يورۇتۇپ بېرەلمەيدۇ. چۈنكى، ئامان قېلىش گىرۋىكىدە قورقۇنچ ئىچىدە ياشاش خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ—جۈملىدىن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا قاتناشقان  ئۇيغۇرلارنىڭمۇ—ئورتاق ياشاش شارائىتى ئىدى. شۇڭا، ئەگەر ئامان قېلىشنى قايىل قىلارلىق جاۋاب سۈپىتىدە قوبۇل قىلساق، ئۇيغۇرلارنى باستۇرغان ئۇيغۇرلار بىلەن باستۇرۇلغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى پەرقنى يوقىتىپ قويىمىز. بۇ شۇنداق بىمەنە نەتىجە بىلەن ئاخىرلىشىدۇكى، ئۇلارمۇ ئوخشاشلا خۇددى ئۆزى باستۇرغان ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش پەقەت ئۇيغۇر بوپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردۇر. ئىككىنچى جاۋاب ئۇيغۇرلارنى باستۇرغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۇلاردىن ئۇلارغا بۇيرۇق چۈشۈردى دەپ قارىلىدىغان خىتايلارغا يۆتكىۋېتىدۇ. شۇڭا، ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا ئۇلار ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ قېرىندىشى بولغان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا بۇيرۇق بەرگەن خىتايلار مەسئۇل بولۇشى كېرەك. ئۇلار پەقەت خىتايلاردىن ئۆزلىرىگە بېرىلگەن بۇيرۇقنى سادىقلىق بىلەن ئىجرا قىلغۇچىدۇر. ئەگەر بۇيرۇق ئىجرا قىلىنمىسا، ئۇلار، خۇددى بىرىنچى جاۋابتا ئېيتىلغىنىدەك، ئامان قالمايدۇ؛ ئامان قېلىش ئۈچۈن، ئۇلار بۇيرۇقنى شەرتسىز ئىجرا قىلىشى كېرەك. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەملىكە رېئاللىقى بۇ جاۋابنى يوشۇرۇن تەھقىقلەيدۇ—مۇستەملىكىگە ئۇچرىغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇلاردا بۇيرۇق بېرىش ھوقۇقى بولمايدۇ. ئۇلار پەقەت خىتايدىن ئىبارەت ھۆكۈمران مىللەتنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشىلا كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇستەملىكە قىلىنغۇچىلار ئۆزىنىڭ قېرىنداشلىرىغا قىلغان باستۇرۇشلىرى ئۈچۈن جازاغا تارتىلماسلىقى كېرەك، چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ قېرىنداشلىرىنى باستۇرۇشتا ئۆزلىرىنى باستۇرىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن زورلانغانىدى. بۇ مەنىدىن، خىتاينىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇيغۇرلارنى باستۇرغۇچىلار بىلەن باستۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر ئىككىسى خىتاينىڭ باستۇرۇشىنىڭ قۇربانلىرىدۇر. ئۇشبۇ نەتىجە ئۇيغۇر باستۇرغۇچىلار بىلەن ئۇيغۇر باستۇرۇلغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى يەنە يوققا چىقىرىدۇ. ئاقىۋەتتە، ئۇيغۇر باستۇرغۇچىلارنى  ئەخلاقىي جەھەتتە ئەيىبلىگىلى بولمايدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ.
ئۇيغۇر باستۇرغۇچىلارنى جازالىغىلى بولماسلىق—ياكى ھېچ بولمىسا ئەخلاق جەھەتتىن ئەيىبلىگىلى بولماسلىق—شۇنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇكى، ئۇلار باستۇرۇشنى ئەركىن تاللىيالمايتتى، شۇڭا ئۇلار ئۆزى ئەركىن تاللىيالمىغان قىلمىشىنىڭ ئاقىۋىتىگە مەسئۇل بولماسلىقى كېرەك. ئۇشبۇ نۇقتىنى تېخىمۇ رادىكاللاشتۇرساق، شۇنداق دېيىش مۇمكىنكى، خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدا باستۇرغۇچى ئۇيغۇرلار بىلەن باستۇرۇلغۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر ئىككىسى ئۆز ئەركىنلىكىنى يوقاتقانلىقى ئۈچۈن، قىلمىشىغا مەسئۇل بولالمايدۇ. ئۇنىڭغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك بولىدىغىنى ئۇيغۇرلار ئەمەس، بەلكى خىتاي ھاكىمىيەت ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭدا ئىشلىگۈچىلەردۇر.
ئانالىزىمىزنى باشلاشتىن ئىلگىرى شۇنى ئېيتىپ قويۇش كېرەككى، يۇقىرىقى باستۇرغۇچىلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيانلىق ئىش قىلغانلىق بىلەن ئەخلاق جەھەتتىن ئەيىبلەش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ شۇ قىلمىشنى قىلىشتا ئەركىن ياكى ئەركىن ئەمەسلىكىگە قارىشىمىز كېرەك.  ئومۇمىي نۇقتىدىن ئالغاندا، خىتاينىڭ باستۇرۇشىغا قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى ئەركىن ئەمەستەك كۆرۈنىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەرىكەت قىلىۋاتقىنى ئەركىنلىك بولمىغان خىتاينىڭ ھاكىممۇتلەقچىلىككە تولغان سىياسىي مۇھىتىدۇر. شۇڭا، ئاددىي ۋە كەڭ دائىرىدىن ئالغاندا، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئەركىن ئەمەس، شۇڭا ئۇلار ئۆزىنىڭ قىلمىشىغا مەسئۇل بولماسلىقى كېرەك. ۋەھالەنكى، ئوخشاش سىياسىي شارائىتتا ياشىغان ئۇيغۇرلار ئەركىن بولمىغانلىقى ئۈچۈنلا ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە قارشى ھەرىكەت قىلمىغان ھەم قىلمايدۇ. شۇنىڭدەك، ئوخشاش شارائىتتا ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىگە قارشى ئىش قىلغانمۇ ئەمەس، گەرچە ئامان قېلىش ھەممىسىنىڭ ھاياتلىق مىزانى بولسىمۇ. خىتاي ئەخلاقىي گۇناھ تۇيغۇسى ئاجىز ۋە سىياسىي مەيدانى تۇراقسىز بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى مۇكاپاتلاش ۋە جازالاشتىن ئىبارەت شەرتلەش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئۆزىگە ئىشلەيدىغان مۇھىتنى ئاللىقاچان سىستېمىلىق شەكىلدە ھازىرلاپ بولغان. چۈنكى، بۇنداق بولغاندا، خىتايلار ئۇيغۇرلارغا قارىتا باستۇرۇش، زوراۋانلىق ۋە قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىش بىلەن ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك بولغان مەسئۇلىيەتنى ئاشۇ بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارغا ئارتالايدۇ ۋە ئۇلارنى يامانئاتلىق قىلالايدۇ. شۇنداقلا، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئۆچمەنلىك تۇيغۇسىنى چوڭقۇرلاشتۇرالايدۇ. خىتاي بولسا، ھېچ ئىش قىلمىغان قىياپەتكە كىرىۋالالايدۇ. بۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تارىخنى شۇنداق ئالدىن كۆرەلەشكى، ئۇنىڭدا كەلگۈسىدە ئېلىنىدىغان مەسئۇلىيەت ھازىردىن باشلاپ زوراۋانلىق يۈرگۈزگۈچى مۇستەملىكىچىلەردىن مۇستەملىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىغا ئاللىبۇرۇن يۆتكىلىپ بولغان بولىدۇ.
شۇڭا، چىقىش نۇقتىمىز شۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى ئەمەس  پەقەت بىر تۈركۈملىرىلا تۈرلۈك سەۋەبلەرگە كۆرە ئۆزىنىڭ كوللېكتىپىنىڭ مەنپەئەتىگە خىلاپ ياكى زىت ئىش قىلىدۇ (ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە قارشى ئىش قىلىدۇ دەپ قارالسا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا سالىدىغان ھېچقانداق بىر ئۇيغۇرغا ئېھتىياجى قالمىغان بولىدۇ. چۈنكى، بۇنداق ئۇيغۇرلار ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ئاللىقاچان مەغلۇب بولغان بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە ئېيتقاندا، ئەگەر ھېچقانداق بىر ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ كوللېكتىپ مەنپەئەتىگە قارشى ئىش قىلمايدۇ دەپ قارالسا، ئۇ ھالدا خىتاينىڭ مۇستەملىكىسى ئاللىقاچان مەغلۇب بولغان بولىدۇ. ئەمما، مۇستەملىكە شارائىتىدا بۇنداق ئەھۋالنىڭ مۇمكىنچىلىكى ئاساسەن يوق دېيەرلىك بولىدۇ.)  مانا مۇشۇ پەرقنىڭ  مەۋجۇتلۇقى بىزنىڭ ئەخلاقىي ئەيىبلەشنى ئېلىپ بارالىشىمىزنى مەنتىقە جەھەتتىن دەستەكلەيدۇ—ئوخشاش سىياسىي شارائىتتا، ھايات قېلىشقا ئىنتىلىش ھەممىگە ئورتاق ئىستەك بولۇۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، پەقەت بىر قىسىم ئۇيغۇرلارلا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ پرىنسىپىغا خىلاپ ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغان. شۇنىڭغا كۆرە، بىز خىتايغا ئىشلىمىگەن، ئۇنىڭغا بوي سۇنمىغان ۋە ھەتتا ئۇنىڭغا قارشىلىق بىلدۈرگەن كۆپ سانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئالاھىدە دىققەت بېرىشىمىز كېرەك. دەل مانا مۇشۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىزنى يۇقىرىقىلارنى ئەخلاق جەھەتتىن ئەيىبلىشىمىزگە ئاساس بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ ھەممە ئادەم قىلمايدىغان قىلمىشنى قىلغانلىقى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئوخشاش ھالەتتە ئوخشىمىغان تاللاش ئېلىپ بارغانلىقىدۇر (شۇنداقلا بارالىغانلىقىدۇر).  ئۇلاردا شۇنداق تاللاش مۇمكىنچىلىك بولغانىكەن، ئۇلار ئۆزىنىڭ باستۇرۇشقا قاتناشقانلىقىغا چوقۇم مەسئۇل بولۇشى كېرەك.
          
يۇقىرىقى مەسىلىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئانالىز قىلىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى قىياسىي مىساللارغا قاراپ چىقايلى. يەنە يۇقىرىقى شارائىتتا بىر خىتاي بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئۇيغۇر خادىمى، ۋەتەنگەن قايتقان ۋە ئىلگىرى تۈركىيىدە تۇرۇپ خىتايغا ئىشلىگەن بىر ئۇيغۇر جاسۇس ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنى ماختاپ، ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى بۆلگۈنچىلەر ۋە تېررورچىلار دەپ ئەيىبلەپ نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان  بىر ئالىي مەكتەپ پروڧېسسورى «مۇستەملىكە قىلغۇچى خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن ھەمكارلاشقانلىق» جىنايىتى بىلەن ئايرىم-ئايرىم سوتلاندى، دەپ قىياس قىلايلى. يۇقىرىقىلارنى ئىچىدە، ئەگەر يۇقىرىقى قىياستىكىدەك 2022-يىلى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىل بوپ قالسا، قايسىسى ئەڭ ئېغىر ئەخلاقىي ئەيىبلەشكە ئۇچرىشى كېرەك؟ (ئەلۋەتتە قانۇنىي ئەيىبلەشكە ئۇچرىشىمۇ مۇمكىن. ئەمما، بۇ بىزنىڭ ھازىرقى مۇھاكىمىمىزنىڭ تېمىسى ئەمەس.)
گەپنى پروڧېسسوردىن باشلايلى (تۆۋەندە زىيالىيلا دېيىلىدۇ). ئۇ يۇقىرىغا يامىشىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقچىلىرى ۋە ئەركىنلىك ئىزدىگۈچىلىرىگە قارشى نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەقدىرلىشىگە ۋە ئۆستۈرۈشىگە نائىل بولغان دەپ قىياس قىلايلى. ئۇنداقتا، ئۇنىڭ ھەرىكىتى ئۇنىڭ ئەركىن تاللىشىنىڭ مەھسۇلىمۇ؟ ئۇ سىياسىي جەھەتتىن باشقا بارلىق ئۇيغۇرلاردەك ئەركىن ئەمەس—يەنى ئۇ، نەزەرىيە جەھەتتىن ئالغاندا، خىتايغا قارشى ھېچقانداق سۆز-ھەرىكەتتە ۋە ھەتتا ئىدىيىدە بولالمايدۇ. ئەمما، ئۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارغا قارشى سۆز-ھەرىكەتتە بولۇشقا ۋە بۇ ھەقتىكى ئىدىيىلىرىنى ئىپادىلەشكە ئىنتايىن كەڭ مۇمكىنچىلىك بار. مانا مۇشۇ يوچۇقتىن ئۇنىڭ ئەركىنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ—ئۇ ھېچ بولمىسا خىتاينى (يوشۇرۇن) ئەيىبلەش بىلەن ئۇيغۇرلارنى (ئوچۇق-ئاشكارا) ئەيىبلەشنىڭ بىرىنى تاللىۋېلىش ئەركىنلىكىگە ئىگە. ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئەيىبلىشى ئەينى شارائىتتا شۇنداق رىغبەتلەندۈرۈلىدۇكى، ئۇ ئۇيغۇرلارنى قانچىلىك قارىلىسا، شۇنچىلىك مۇكاپاتلىنىدۇ؛ ئۇ ئۇيغۇرلارنى قارىلىغانسېرى، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى قارىشىدا تەۋرىنىش ۋە ھەتتا قايمۇقۇش كېلىپ چىقىدۇ. دېمەك، ئۇ كەلگۈسىدىكى مۇكاپاتلىنىشنى كۆزلەپ قەلەم تەۋرىتىدۇكى، ھەرگىزمۇ تۈرمىگە كىرىش ياكى ئۆلۈم جازاسىغا ئۇچراش تەھدىتى ئاستىدا قەلەم تەۋرەتمەيدۇ. ھەتتا، شۇنداق مەجبۇرلاندى دېيىلگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ يەنىلا ئاخىرقى تاللىشى بار: ياكى خىتايغا بوي سۇنۇپ، ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە ئىشلەش، ياكى ئازاب-ئوقۇبەت، ۋەيرانچلىق ۋە ھەتتا ئۆلۈمنى تاللاش ۋە ياكى زىيالىيلىقتىن ئۈزۈل-كېسىل ۋاز كېچىش. ھېچكىم قاتتىق مەجبۇرلىمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئۇنىڭ شەخسىي مەنپەئەت ئۈچۈن خىتايغا ئىشلەشنى تاللىشىدا ئۇنىڭ ئەركىنلىكىنىڭ دەرىجىسى ئەڭ ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ—ئۇ زورلانمىغان، قورقۇتۇلغان ۋە تەھدىدلەنمىگەن شارائىت ئاستىدا، خىتايغا ئىشلەشنى ئەركىن تاللىدى. شۇڭا، ئۇ ئۆزىنىڭ قىلمىشىغا تامامەن مەسئۇل بولۇشى كېرەك.
تۈركىيىدە تۇرۇپ، خىتايغا ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە يوشۇرۇن ئاخباراتلار بىلەن تەمىنلىگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا كېلەيلى (تۆۋەندە ئوقۇغۇچىلا دېيىلىدۇ). ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەتەندىكى ئاتا-ئانىسىغا ۋە چەتئەلدىكى ئۆزىگە سالغان تەھدىدلىرىدىن قورقۇپلا خىتايغا سېتىلغان بولسۇن. بۇ نۇقتىدىن، ئۇنىڭ قىلمىشىنى تەھدىدنىڭ نەتىجىسى دېيىش مۇمكىن. تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ، ئۇ تەھدىد ئاستىدا ئەركىن بولمىغانلىق سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ جاسۇسلۇق قىلمىشىغا مەسئۇل بولماسلىقى كېرەك دەپ قارىلىشى مۇمكىن. ياققال قارىماققا بۇنداق قاراش يوللۇقتەك قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ خىتايلارنىڭ بېسىمى ۋە تەھدىدىگە بوي ئەگمىسە ۋە ئۇنىڭغا ئىشلەشنى رەت قىلسا، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ ۋەتەندىكى ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى جازالىنىشى مۇمكىن. ئەمما، مۇھىم نۇقتا شۇكى، ئۇ تۈركىيىدە تۇرۇپ، خىتايغا ئىشلەشنى رەت قىلسا، ئاتا-ئانىلىرىنى ئوتقا ئىتتىرىپ قويغان بىلەن، ئۆزىنى قۇتۇلدۇرالىشى ۋە ئۆزىنىڭ تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان بۇزغۇنچىلىق پائالىيەتلىرىنىڭ تەسىرىنى ئاخىرلاشتۇرالىشى مۇمكىن. يىغىپ ئېيتقاندا، ئۇنىڭ يەنىلا خىتاينىڭ تەھدىدلىرىنى رەت قىلىش بىلەن قىلماسلىقنى تاللاش مۇمكىنچىلىكى بار.
ئەمدى، خىتاي بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئۇيغۇر خادىمىغا كېلەيلى (تۆۋەندە خادىملا دېيىلىدۇ). ئۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈشكە ئاز قالغاندا، يىراقتىكى نامرات يۇرتىغا كەتمەي، ئۈرۈمچىدە قېلىش ئۈچۈن، بىخەتەرلىك نازارىتىنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانىغا ئىلتىماس قىلغان ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاللىنىپ، خىزمەتكە قويۇلغان بولسۇن. ئۇنىڭ خىزمىتىنىڭ خاراكتېرى شۇكى، ئۇ مۇتلەق ھالدا يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشى كېرەك. بۇيرۇقنى ئىجرا قىلماسلىق ئۇنىڭ ئۈچۈن تۈرمىدە يېتىشتىن ۋە ھەتتا يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلۈشتىن دېرەك بېرىدۇ. (ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە خوتۇن-بالا ۋاقىسىغا كېلىدىغان بەدەلمۇ بار). ئۇ ۋەزىپىنى توختىماستىن ئىجرا قىلىشقا مەجبۇركى، ئۇنىڭدىن توختىۋالالمايدۇ، ئۇنى تاشلاپ قويالمايدۇ ياكى ئۇنى ھېچكىمگە ئاشكارىيالمايدۇ. ئۇ خۇددى ھەر ۋاقىت چېكىسىگە خۇددى قارا تاپانچا تەڭلەنگەندەك  خىزمەت قىلىشقا مەجبۇر. دېمەككى، ئۇ قورقۇتۇش، تەھدىد ئاستىدا ئىشلەيدۇ. خىزمىتىدە ئۇ ھېچقانداق ئىشتا ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە قارار قىلالمايدۇ. شۇڭا، ئۇ يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقىنى مۇتلەق ئىجرا قىلغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەركىنى يوقاتقان؛ شۇنداقلا ئۇ ئۆزىنىڭ قىلمىشىنىڭ ئاقىۋىتىنى كونترول قىلالمايدۇ.
ئەمدىكى مەسىلە ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيانلىق ۋە ھەتتا زىت ئىش-ھەرىكەت بىلەن بىلەن شۇغۇللانغان يۇقىرىقى ئۈچ شەخسنىڭ قايسىسىنىڭ ئەڭ قاتتىق ئەخلاقىي ئەيىبلەشكە دۇچار بولۇشىدۇر. بۇ مەسىلە ھەققىدە ئىزدىنىشتىن ئاۋۋال، شۇنى ئالدىن ئېيتىش كېرەككى بىزنىڭ نۆۋەتتىكى مۇھاكىمە رامكىمىزدا ئۇلارنى ئەخلاقىي جەھەتتىن ئەيىبلەش مۇنداق ئۈچ شەرتنى تەلەپ قىلىدۇ: بىرى، بىراۋ مەلۇم ھەرىكەتنى قىلىشنى تاللاشتا، قىلىشتا ۋە ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىشتە چوقۇم قورقۇتۇلمىغان، تەھدىدلەنمىگەن ۋە جازالىنىشقا ئۇچرىمىغان بولۇشى كېرەك. بۇ شەرت ئۇنىڭ ئەركىن ھەرىكەت قىلالىشىنى تەمىنلەيدىغان مۇھىم ئامىلدۇر. ئىككىنچىسى، ئۇنىڭدا مەلۇم قىلمىشنى قىلىشتا كەم دېگەندە ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق تاللاش مۇمكىنچىلىكى بولۇشى كېرەك. ئۈچىنچى، مەزكۈر قىلمىش باشقىلارغا زىيان سالغان بولۇشى كېرەك. 
يۇقىرىقى ئۈچ شەخسنى بىرىنچى شەرتكە سېلىپ تەكشۈرۈپ باقايلى. خىتايغا ئىشلەشتە ئەركىن تاللاش مۇمكىنچىلىكى بارى زىيالىي بىلەن خادىمدۇر. ئالدىنقىسى خىتايلارنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىگە خىلاپ ئىش قىلىشنى ئۆزى خالاپ ئەركىن تاللىغاندۇر. كېيىنكىسىنىڭ ئەھۋالىمۇ ئوخشاش. خادىمنىڭ تاللىشىغا قارىتا بەزىلەر ئېھتىمال ئاز-تولا ھېسداشلىق پوزىتسىيىسى تۇتۇشى مۇمكىن—خادىم خىزمىتىنى ئەركىن تاللىغان بىلەن، ئۇنىڭ ئۇ قەدەر شەپقەتسىز خىزمەت ئىكەنلىكىنى ئالدىنئالا دەڭسىيەلمىگەنىدى؛ شۇڭا، ئۇنىڭ خىزمىتىنى تاللىشى ۋە، تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇنىڭدىن ۋاز كېچەلمەسلىكى پۈتۈنلەي ئۇنىڭ خاتالىقى بولماسلىقى كېرەك. ئەمما، خىتايدىكى بىخەتەرلىك خىزمىتىنىڭ قانچىلىك سىرلىق، قورقۇنچلۇق ۋە شەپقەتسىز ئىكەنلىكى نۇرغۇن كىشلەرگە ئايان بىر «ئوچۇق مەخپىيەتلىكتۇر». خادىمنى بىخەتەرلىك خىزمىتىنىڭ خاراكتېرىنى تولۇق بىلمەي تۇرۇپ، ئىلتىماس قىلدى دېيىش رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەس. بۇ شۇنداق بىر ئەقەللى ساۋاتكى، ئۇ ئىلتىماس قىلىۋاتقان خىزمەتنىڭ ئەڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭدا ئادەم ھەر زامان ئۆزى خالىمىغان ئىشقا زورلىنىدۇ؛ شۇنداقلا، بۇنداق زورلىنىپ ئىشلىنىدىغان خىزمەتنىڭ ھۇجۇم نىشانى كۆپ ھاللاردا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلىرى بولىدۇ. بۇ يەردە ئۇنىڭغا پەقەت ئىككىلا يول بار—ياكى زورلىنىدىغان ئىشنى زورۇقماي قىلىش ياكى ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىش ئارقىلىق قاتتىق جازالىنىشنى كۈتۈۋېلىش كېرەك. بىزنىڭ كۆزىتىشىمىزچە، مۇتلەق كۆپ قىسىم ئىستىخپارات خادىملىرى يەنىلا بىرىنچى تاللاشنى ئۇشبۇ خىزمەتكە ئىلتىماس قىلىشتىن ئىلگىرى كاللىسىدىن ئۆتكۈزۈپ بولغان بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ بۇ خىزمەتتىن باشقا يەنە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى تاللاش مۇمكىنچىلىكى بار ئىدى. لېكىن، ئۇ باشقا خىزمەتنى ئەمەس بەلكى بۇ خىزمەتنى تاللىغانىكەن، ئۇنى ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە ئەركىن تاللىغان دەپ قاراشقا بولىدۇ.
ئەمما، بۇ يەردە يەنە بىر خىل ئەركىنلىك ئامىلىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ—يەنى، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى قىلىۋاتقان ئىشتىن ۋاز كېچىشتە  قانچىلىك ئەركىنلىكىنىڭ بارلىقىدۇر. بۇنىڭدا، زىيالىينىڭ ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشتىن ۋاز كېچىشتە يېتەرلىك مۇمكىنچلىكى بار، ئەگەر بۇ زىيالىي خىتاي بىخەتەرلىك دائىرىلىرىغا يوشۇرۇن ئىشلىمىسە ۋە ئۇلار ئوتتۇرىسىدا مۇئەييەن مەخپىي توختام بولمىسىلا. شۇ سەۋەب، ئەركىن بولۇشقا قارىتا ئۇلاردا ئىككى خىل مۇمكىنچىلىك بولىدۇ: بىرى قىلماقچى بولغان ئىشىنى ئەركىن تاللىيالاش (بۇ كاتېگورىيىگە يۇقىرىقى ئىككى شەخس كىرىدۇ)؛ يەنە بىرى ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشتىن ئەركىن چېكىنەلەش (بۇ كاتېگورىيىگە يۇقىرىقى يۇقىرىقى ئۈچ شەخسنىڭ ھەممىسى كىرىدۇ.) ئۇنداقتا، ئەگەر ئۇلار ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشنى ئۆز ئختىيارى بىلەن توختاتسا، بۇنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟ شەكسىزكى، بۇنىڭدا خادىم ئەڭ ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ—ئۇ ياكى قاماققا ئېلىنىشى، ياكى باشقا ئىشقا يۆتكەلگەندەك قىلىپ شۇ خىزمەتنى يەنىلا يوشۇرۇن ئىشلەشكە مەجبۇرلىنىشى، ياكى ئۆلتۈرۈۋېتىلىشى مۇمكىن. ئىككىنچى رەتتە ئوقۇغۇچى تۇرىدۇ—ئەگەر ئۇ خىتايغا ئىشلەشتىن ۋاز كەچسە، ياكى ئائىلىسىدىكىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرايدۇ ياكى ئۇنىڭغا نامىنىڭ جامائەتكە ئاشكارىلىنىپ، شەرمىسار قىلىنىشى ھەققىدە خىلمۇ خىل پىسخىك بېسىم چۈشىدۇ. ئەمما، زىيالىيغا ھېچ ئىش كەلمەسلىكى مۇمكىن.  يىغىپ ئېيتقاندا، تاللاشتا ۋە چېكىنىشتە ئەركىن بولۇشتا زىيالىي ئەڭ ئالدىدا، خادىم ئىككىنچى ئورۇندا، چەتئەلدىكى ئوقۇغۇچى ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
ئەمدى، ئىككىنچى ئۆلچەمگە قارىساق، شۇ نەرسە ئايان بولىدۇكى، ھەرىكىتىنى ئارتقۇرۇشتا بىردىن ئارتۇق تاللاش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بولۇشىدا زىيالىي ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ تاللىماسلىق، تاللاپ بولۇپ كېيىن چېكىنىپ چىقىش ۋە ھەرىكىتىنى باشقا ياققا بۇرىۋېتىشتەك مۇمكىنچىلىكلىرى بار. ئىككىنچى ئورۇنغا ئوقۇغۇچىنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ قىلىۋاتقان ئاخبارات توپلاش ۋە ئۇيغۇر جامائىتى ئىچىگە زىددىيەت ئۇرۇقى سېلىش قاتارلىق ھەرىكەتلىرىنى توختىتىش ياكى مەقسەتلىك تۈردە ئازراق ياكى ئۇنچە قىممىتى يوق ئۇچۇرلارنى خىتايغا يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ توقۇنۇش ئىچىدىكى ۋىژدانىغا تەسكىن تېپىش ياكى خىتايدىن تېخىمۇ كۆپ مۇكاپات ئېلىش ئۈچۈن، تېخىمۇ كۈچەپ ئىشلەش قاتارلىق تاللاشلىرى بار. ئەمما، خادىمدا بۇنداق كۆپ خىل تاللاش بولمايدۇ.
ئۈچىنچى ئۆلچەم شۇنى تەكىتلەيدۇكى، يۇقىرىقى ئۈچ شەخسنىڭ ئۆزىنىڭ قىلمىشىغا قانچىلىك مەسئۇل بولۇشى ئۇلارنىڭ  ھەرىكىتىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.  بۇنى تېخىمۇ ئىنچىكە ئانالىز قىلساق، بۇ ئاقىۋەتنى يەنە مۇنداق ئىككى تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ—بىرى، مەزكۇر شەخس ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ناھايىتى ئوبدان بىلىدۇ؛ يەنە بىرى، بىلمەيدۇ. بۇنىڭدىكى ئاخىرقى ئۇلارنىڭ قانچىلىك ئۇيغۇرلارغا قانداق بۇزغۇنچىلىق سېلىش ئارقىلىق مۇستەملىكىچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قايسى مۇستەملىكە ستراتېگىيىسىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن قانچىلىك تۆھپە قوشقانلىقىنى تەكشۈرۈشتۇر.
خىتاينىڭ مۇستەملىكە سىياسىتىدىكى ئەڭ يادرولۇق نىشاننىڭ بىرى ئۇيغۇرلارنى مېڭە يۇيۇش، سىياسىي تەشۋىقات ۋە مېدىئا ئارقىلىق يېتەكلەش ئارقىلىق، ئۇلارنى ئىدېئولوگىيىلىك جەھەتتىن كونترول قىلىشتۇر. ئۇشبۇ نىشانغا يېتىشتە زىيالىينىڭ ئوينايدىغان رولى ئىنتايىن ھالقىلىق بولىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى رېئاللىقنى قەستەن بۇرمىلاش ئارقىلىق نەچچە مىڭلىغان ۋە ھەتتا نەچچە يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ قارىشىغا سېزىلەرلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنى بۇ تەسىرنى ئېنىق بىلمىسمۇ (مەسىلەن قانچىلىك ئادەمنىڭ ئۇنىڭ تەسىرىگە قانداق ئۇچرايدىغانلىقىنى ئېنىقى بىلەن بىلمىسىمۇ)، ھەر ھالدا ئابستراكت نۇقتىدىن بىلىدۇ دېيىشكە بولىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن، زىيالىينى ئالدىنقى ئورۇنغا تىزىش كېرەك. خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكىتىنى كۆزىتىش، ئۇنى يوشۇرۇن كونترول قىلىش، ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىكى ئاساسلىق ستراتېگىيىلىك نىشانىنىڭ بىرى ئۇيغۇر جاسۇسلىرىنى—مەيلى چەتئەلدە ياكى شەرقىي تۈركىستاندا بولسۇن—ئۇيغۇر قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ، ئۇلارنىڭ گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇن كىرگۈزۈش ئارقىلىق، ئاخبارات توپلاش، ئىغۋا تارقىتىش ۋ ئىتتىپاقسىزلاشتۇرۇشتۇر. بۇ جەھەتتىن، ئوقۇغۇچىنىڭ رولىنىڭ چوڭ بولۇشى سەۋەبلىك ئىككىنچى ئورۇنغا تىزىشقا بولىدۇ. ھەتتا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلىيەلىسە، ئۇ تۈركىيىدىكى بىرەر ئۇيغۇر تەشكىلاتىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويالىشى ۋە ئۇيغۇرلارنى بىر-بىرىگە ئىشەنمەس قىلىۋېتەلىشى مۇمكىن. ئەمدى خادىمغا كەلسەك، ئۇنىڭ خىزمىتى ئەڭ ۋەيران قىلغۇچ خاراكتېرگە ئىگە دەپ قارالغىنىدا ئۇ ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ، تۈركىيىدىكى ئوقۇغۇچىغا يول كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ، ئۇنىڭ ئەركىن تاللاش مۇمكىنچىلىكى نۇقتىسىدىن ئالغاندا، ئۇ ئوقۇغۇچىغا قارىغاندا كۆپ تاللاشقا ئىگە بولمىغاچقا، ئۇنىڭ ھەرىكىتىنىڭ ئۈنۈمى يەنىلا مەلۇم دائىرىدە چەكلىنىدۇ، ھەتتا بۇ ئۈنۈم بەزىدە ۋەيران قىلغۇچ خاراكتېرلىق بولسىمۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ ھەر ۋاقىت خىتاينىڭ پىلانى بويىچە ئىش كۆرىدۇ.
ئەگەر يۇقىرىقى ئانالىزىمىزنى يىغساق، شۇنداق خۇلاسە چىقىدۇكى، زىيالىي ئۆزىنىڭ خىتايغا ئىشلىشىدە ئەڭ كەڭرى ئەركىن تاللاشقا ئىگە بولۇش ۋە كەلتۈرىدىغان زىيىنىنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقى بىلەن، ئەڭ ئېغىر ۋە باش تارتقۇسىز مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئۇنىڭ كەينىگە خادىم، ئاخىرىغا ئوقۇغۇچى تىزىلىدۇ. يۇقىرىقى باھا بىزنى شۇنىڭغا ئېلىپ بارىدۇكى، يۇقىرىقى ئۈچ شەخسنىڭ شارائىتىدا چوڭ پەرق يوق—ھەممسى خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىقىدا ئۆزىنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ئىشلارنىڭ قىلىشقا زورلىنىدۇ، قورقىتىلىدۇ ۋە ھەتتا بويۇنتاۋلىق قىلسا ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلارغا ئاز-تولا كەڭچىللىك قىلىنشى كېرەك—ھېچبولمىغىنىدا ئۇلارغا يېڭى پۇرسەت بېرىلىشى، ئۇلارنىڭ ئۆتمۈشى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلمەسلىكى كېرەك دەپ قارىلىدۇ. ئۇ زامان، ئۇلارنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئۇلاردەك ۋە ئۇلاردىنمۇ قەبىھ ئىشلارنى قىلغان نەچچە مىڭلىغان ۋە نەچچە يۈز  مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلمەسلىكى كېرەك بولىدۇ. 
            ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى زىيالىيلارغا قارايدىغان بولساق، ئىنتايىن ئاز ساندىكىلىرىنىڭ باشتىن-ئاخىر بىر مەۋقەدە تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، ھەقىقەت ئۈچۈن بەدەل تۆلىيەلىگەنلىكىنى ۋە ھەتتا جېنىدىن كېچەلىگەنلىكىنى كۆرۈۋالايمىز. 20-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى مۇستەملىكە تارىخىنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ يىللىرى بولمىش 50-، 60- ۋە ھەتتا 70-يىللارنى تەكشۈرسەك، كومپارتىيىنى، ماۋزېدوڭنى ۋە سوتسىيالىستىك ئىنقىلابنى مەدھىيىلەپ شېئىر يازمىغان ئۇيغۇر شائىرلارنىڭ بارماقتا سانىغۇدەكلا ئازلىقىنى بايقايمىز. مەدھىيىۋاز شائىرلار شۇنداق دەرىجىگە بارغانكى، ئۇلار ھەتتا ماۋنى مەڭگۈلۈك قۇياشقا ئوخشىتىپ ئىلاھلاشتۇرغانىدى. مەدھىيىۋازلار ئۆزلىرىنىڭ كاللىسى يۇيۇلۇش سەۋەبلىك ئۇلارغا ھۆرمەت  بىلدۈرگەن ۋە ئۇلاردىن نۇرغۇن ئۈمىدلەرنى كۈتكەن مىليونلىغان ئۇيغۇلارنىڭ كالللىسىنىڭ خىتاي تەشۋىقاتى بىلەن يۇيۇلۇشىغا تۆھپە قوشقانىدى. ئەمما، بۇ يەردىكى ماھىيەتلىك نۇقتا شۇكى، مەيلى ئۇلارنىڭ كاللسى يۇيۇلغان بولسۇن-بولمىسۇن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەرىكىتىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك، چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى ئەركىن تاللىغان—ھەتتا شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئۇلار ئۆزىنىڭ كاللىسىنىڭ يۇيۇلۇشىغا يول قويغانىدى. چۈنكى، ئوخشاش سىياسىي شارائىتتا، ئۇلاردەك ئۆزىنىڭ كاللىسىنىڭ يۇيۇلۇپ كېتىشىنى تاللىمىغان ۋە باشقىلارنىڭ كاللىسىنىڭ يۇيۇلۇشىغا خىزمەت قىلمىغان ئابلىز مەخسۇم، ئىبراھىم تۇردى ۋە زىيا سەمىدىدەك يەنە نۇرغۇن باشقا زىيالىيلارمۇ ئۆتكەنىدى.
            دىققىتىمىزنى تارتىدىغان يەنە بىر نۇقتا شۇكى، بۇ دەۋردە ياشىغان زىيالىيلار نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن، ئۆزىنىڭ قىلمىشىدىن پۇشايمان قىلىدۇ. مەسىلەن، ئىككىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ كۆكتە لەپىلدىگەن كۆك بايرىقىنىڭ ئاستىدا ئاللاھنىڭ سۆزى بىلەن ئەسكەرلەرنىڭ قەلبىنى يورۇتقان نىمشېھىت ئارمىيە داموللا دەل شۇ ھاكىمىيەتنى مۇنقەرز قىلغان ئاتېئىست ھاكىمىيەتنى 1949-يىلىدىن باشلاپ مەدھىيىلەپ شېئىر يازىدۇ ۋە 1971-يىلى ئۆزىنىڭ «پېقىرنىڭ ئىقرارى» دېگەن شېئىرىدا ئۆزىنىڭ ئاخىرى ئويغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئۆزىنىڭ «ھېدايەتنامە» دېگەن شېئىرىدا ئۆزىنىڭ ئاخىرى ھەقىقەتنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. دېمەك، پۇشايمان قىلىش ئۆتمۈشتە مەلۇم تاللاشنى باشقىچە تاللاش (ياكى، تېخېمۇ مۇھىمى، تاللىماسلىق) مۇمكىنچىلىكىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈرىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن، پۇشايمان ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق تاللاش بار تۇرۇقلۇق ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ياخشىراقىنى ۋە توغرىراقىنى تاللىماسلىققا بولغان ئۆكۈنۈش ھېسسىنى كۆرسىتىدۇ. مەيلى بۇ ئۆكۈنۈش ھېسسى قانچىلىك ئاچچىق، ئەسلىگە كەلتۈرگۈسىز ۋە كەچۈرگىسىز بولسۇن، ئۇ يەنىلا ئادىمىيلىكىمىزنىڭ ئەڭ نازۇك قىسمىدۇر—ئۆكۈنۈش بىزنىڭ بىرەر ئىشنى خاتا قىلغانلىقىمىزدىن كۆرە، ئۇنى ئۆزىمىزنىڭ ئەركىن ئىرادىسى بىلەن قىلغانلىقىمىزنىڭ ئىقرارىدۇر.
            ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوخشاش بىر ئۇيغۇر زىيالىيسىدا كۆرۈلىدىغان دۇنياقاراش ۋە مەۋقەدىكى قارىمۇ قارشىلىق ئادەمنى ھەيران قالدۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى قايمۇقتۇرىدۇ. دەل مۇشۇ ھادىسە ئۇنىڭ ھاياتىدا ھېچ بولمىسا ئىككى خىل چوڭ تاللاش ئېلىپ بارالىغانلىقىنى (ۋە بارالايدىغانلىقىنى) بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن، «ئاۋرال شاماللىرى» غا ئوخشاش خىتاينىڭ قىزىل تەشۋىقاتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن زوردۇن سابىر 2000-يىلى ئۇيغۇر كىتابخانلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ 1940-يىللىرىدىكى تارىخىنىڭ ئېپىك ئەدەبىي تەسۋىرىنى دەۋر بۆلگۈچ شەكىلدە سۇنىدۇ. «ماغدۇر كەتكەندە» ۋە «ئىككى بارمىقىم بىلەن» دېگەندەك كلاسسىك ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇم-زۇلمەت ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تۇنجى بولۇپ ئىجتىمائىي رېئالىزمدا ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىپادىلىگەن زۇنۇن قادىرى «غۇنچەم» درامىسىدا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى سىياسىي توقۇنۇش نۇقتىسىدىن ئەمەس، بەلكى سىنىپىي كۈرەش نۇقتىسىدىن كۆزىتىدۇ—ئۇيغۇرلارنى ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىۋاتقان قىلىپ تەسۋىرلەپ، ئەينى ۋاقىتتا ئەۋج ئېلىۋاتقان مىللىي قارشىلىق ۋە توقۇنۇشتىن ئۆزىنى نېرى تۇتىدۇ. 1950-يىللىرى كومپارتىيىنى مەدھىيىلەپ شېئىر يازغان تۇرغۇن ئالماس 1980-يىلى ئۇيغۇر تارىخچىلىقىدىكى مۇھىم ئەسەر سۈپىتىدىكى ۋە ئۇيغۇر مىللەتچىلىكىنىڭ يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە تۆھپە قوشقان«ئۇيغۇرلار» نى يازىدۇ.
            يۇقىرىقى مىساللار بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئومۇمىي زېھنىيىتىدىكى زىددىيەتلىك ئامىللارنىڭ قانچىلىك چوڭقۇرلۇقىنى ۋە ھەتتا ئۆتكۈرلۈكىنى ئىپادىلەپ بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ قانچىلىك كۆپ تاللاشلارنى ئېلىپ بارغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. بۇ يەنە شۇنىمۇ تەھقىقلەيدۇكى،  بۇ شائىر-يازغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۆزى يازغان ھەر بىر ئەسەر، ئۇنىڭدىكى ھەر بىر سۆزنى ئەركىن تاللىغان. شۇنىڭغا كۆرە، ئۇلارنىڭ ئەسەر يېزىشقا قانچىلىك قۇربى يەتكەن بولسا، يازغان ئەسىرىدە ھەقنى سۆزلەشكىمۇ شۇنچىلىك قۇربى يېتىشى كېرەك ئىدى. ئەمما، ئۇلار يازدى، كەتتى: ئۇلار ئەركىنلىكى بىلەن شۇنداق يازدىكى، ئۇلارنىڭ ھېچقايسسى ھېچقاچان خىتاينىڭ مىلتىقى بېشىغا تەڭلەنگەن ھالەتتە ئەسەر يازمىدى. شۇنداق ئىكەن، تارىخ ئۇلارنىڭ دەل ئەنە شۇ ئەركىنلىكىگە باغلىنىدىغان مەسئۇلىيىتىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد سۈرۈشتۈرىدۇ.

4.      خۇلاسە

يۇقىرىقى مۇھاكىمىدىن شۇنى كۆردۇقكى، دېتېرمىنىزم ئادەمنى يەككە ۋە ئاددىي ھالدا ئەركىن ئۆزلۈك دەپ قارىمايدۇ. ئەكسىچە، ئۇ ئادەمنىڭ تارىخىيلىقىنى ۋە ئىجتىمائىيلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭدا ئادەم مۇرەككەپ ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىش سىسستېمىنىڭ مەھسۇلى ھەمدە ئۇنىڭدا ئۆزلۈكسىز ھەرىكەت قىلغۇچىدۇر.  ئادەم ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى، ئۆتمۈشىدىكى ۋە شارائىتىدىكى ئۇنىڭغا مەلۇملۇق ۋە مەلۇمسىز كۈچلەرنىڭ تەسىرىگە توختىماستىن ئۇچرايدۇ. بۇ تەسىرلەر يىغىلىپ، ئۇنىڭ ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. بۇ نەتىجە قانچىلىك دەرىجىدە تارىخىي بولسا، شۇنچىلىك دەرىجىدە ئىجتىمائىي ۋە ئەخلاقىيدۇر.
دۇنيادا ياشىغۇچى بولۇشى سۈپىتى بىلەن، ئادەمنى پەقەت تەبىئەتتىكى ئوبيېكتلارغا ئوخشاش تەبىئەتنىڭ قانۇنىيەتلىرىگە بوي سۇنۇپ ياشايدۇ دېيىش تولىمۇ يەڭگىلتەكلىك بىلەن چىقىرىلغان ھۆكۈمدۇر. مۇرەككەپ پىسخىك دۇنياغا ئىگە بولۇش سۈپىتى، ئادەم ئۆزىنىڭ رېئاللىقىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئەركىن ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەك. ئەمما، دېتېرمىنىزم بۇ قاراشنى ئالدىراپ ئېتىراپ قىلمايدۇ.
مەزكۈر مەسىلە، مەلۇم نۇقتىدىن، ئادەمنىڭ تەبىئەتتە ئەقىلگە ئىگە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ رېئاللىقىنىڭ مەنىسىنى ئۆزى خالىغانچە بېكىتەلەشتەك ئىمتىيازىنى ساقلاپ قېلىشقا بولغان ئۇرۇنۇشىدەك كۆرۈنىدۇ. يەنە بىر رامكىدا دېتېرمىنىزم ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزى ئەركىن بەلگىيەلەشتەك ئىرادىسىنى دەستەكلەيدىغان غۇرۇرىغا يوشۇرۇن خىرىس ئېلىپ كېلىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئادەمنى ئالدىن بەلگىلەنگەن شۇڭا ئۆزىنىڭ رېئاللىقىنى ۋە كەلگۈسىنى مۇستەقىل ۋە تولۇق بېكىتەلمەيدىغان بىر ئىجتىمائىي ڧۇنكسىيە (ۋە رول) دەپ قارايدۇ. بۇنىڭ رادىكال شەكلى شۇكى، قاتتىق دېتېرمىنىزمدا  ئادەمنىڭ ئۆزىنى بەلگىلىيەلمەسلىكى ئاللىبۇرۇن ئالدىن بەلگىلەنگەن. ئەمەلىيەتتە، دېتېرمىنزمنىڭ ئەڭ كۈچلۈك خىرىسى ئۇنىڭ ئادەمنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى ئالدىن بېكىتىلگەن دەپ قاراش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئەركىنلىكىنى ئۇنىڭدىن مەھرۇم قالدۇرۇش ۋە ئۇنى ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىگە مەسئۇل بولمايدىغان قىلىشتۇر. مەسئۇلىيەتسىزلىك شەكسىزكى ئىزتىراپلىق ئەخلاقىي ئەندىشىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.
يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، يۇمشاق دېتېرمىنىزم بىزنىڭ ئەركىنلىكىمزنى يوقىتىپ قويۇشىمىزدىن كېلىپ چىقىدىغان ئەخلاقىي مەسىلىلەردىن ۋە ھەتتا كرىزىسلەردىن ساقلىنىشىمىزنى مۇمكىنچىلىككە ئىگە قىلىدۇ. ئۇ ئىنسانغا ئەركىنلىك تاجىنى قايتا كىيدۈرىغان بىر ئىدىيىۋى ئېقىم ئەمەس. ياكى ئۇ ئادەمنى ئەركسىز قىلىپ قويۇشتىن كېلىپ چىقىدىغان پىسخىك جىددىيلىشىشنى پەسەيتىدىغان ئىدېئولوگىيىلىك تەسەللىمۇ ئەمەس. بەلكى ئۇ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنى تۇتۇپ تۇرىۋاتقان قانۇنىي تەرتىپلەر، ئەخلاقىي مىزانلار، مائارىپ تەربىيىلىرى ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلمىلارنىڭ تۈپكى مېخانىزمنىڭ يۈرۈشىشىدىكى رېئال ئېھتىياجلارنىڭ قايتىدىن تەكىتلىنىشىدۇر. چۈنكى، ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ھەممە نەرسە ئالدىنئالا  بەلگىلەنگەن جەمئىيەتتە ياشاشنى قانچىلىك رەت قىلساق، ھېچقانداق سەۋەب بىلەن چۈشەنگىلى بولمايدىغان ۋە بارلىق قۇرۇلمىلىرى خالىغانچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان جەمئىيەتتە ياشاشنىمۇ شۇنچىلىك رەت قىلىمىز. چۈنكى، ئالدىنقىسى بىزنىڭ كونتروللۇققا ئېلىنغان ھالىتىمىزنى كۆرسەتسە، كېيىنكىسى بىزنىڭ باش-ئاخىرى چىقماس تەرتىپسىزلىككە تولغان ھاياتىمىزنى ئىشارە قىلىدۇ. بىز شۇنى خالايمىزكى، ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز مۇئەييەن ئالدىن-بەلگىلىنىش رامكىسى ئىچىدە ھەر ۋاقىت ئەركىن بولۇشنى ئارزۇ قىلىمىز، شۇنداقلا ئەركىنلىكىمىز بارلىققا كەلتۈرىدىغان قىلمىشىمىزغا مەسئۇل بولۇشنى رازىلىق بىلەن قوبۇل قىلىمىز. چۈنكى، مەسئۇلىيەت ئەركىنلىكنىڭ بوغۇلۇشى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئالدىن بېرىلگەنلىكىنىڭ كاپالىتىدۇر. 
شۇنىڭغا كۆرە، بىز 20-ئەسىردىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى بىر قىسىم تېمىلارغا يۇمشاق دېتېرمىنىزملىق ئىدىيە بويىچە قاراپ چىقتۇق. بايقىدۇقكى، دېتېرمىنىزم ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىر تارىخىدىكى مۇھىم بىر پەلسەپىۋى، سىياسىي ۋە تارىخىي مەسىلىدۇر. شۇنى تەكىتلەيمىزكى، ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت ئۆزىنىڭ سىياسىي ئەركىنلىكىنى يوقاتقان مىللەتنىڭ دېتېرمىنىزملىق دۇنيادىكى تاللىشى مۇھىم ۋە سەزگۈر مەنىگە ئىگە. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ رېئال دۇنيادىكى ئەركىنلىكىنىڭ مەنىسى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى يەنە نەزەرىيىۋى دۇنيادىكى –دېتېرمىزملىق قاراش ئۈستىگە قۇرۇلغان دۇنيادىكى—ئەركىنلىكىنىڭ مەنىسى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىكتۇر.  
            بىز دېتېرمىنىزمنىڭ تۈرلۈك شەكىللىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدىكى روللىرىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق شۇنى كۆردۇقكى، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەملىكە رېئاللىقىدا نۇرغۇن ئامىللار ئالدىن بېكىتىلگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئەركىن تاللىشىغا يەنىلا ھەرۋاقىت مۇمكىنچىلىك بار. دېتېرمىنىزم بىزگە شۇنى يەنە بىر قېتىم ئېنىق كۆرسىتىدۇكى، سىياسىي ئەركىنلىكىنى يوقاتقان بىر مىللەت دېتېرمىزنىزملىق دۇنيادا ئۆزىنىڭ ئىنسانىي ۋە شەخسىي ئەركىنلىكىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ قويمايدۇ. ئۇنىڭدا يەنىلا ئەركىن تاللاش مۇمكىنچىلىكى بولىدۇ. بەرھەقكى، ئۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنى تۈرلۈك چەكلىمىلەرگە كۆرە ئەركىن تاللىيالمايدۇ. ئەمما، ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ تاللاشقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ھەرگىز رەت قىلالمايدۇ، ھەتتا ئۇ ئۆزىنىڭ تاللاشقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىسىمۇ، بىلمىسىمۇ ياكى ئۇنى ئىشلىتىشنى خالىمىسىمۇ.
كەسكىن ئېيتقاندا، ئادەم ئەركىن ئىرادىگە ئىگە بولۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرالمايدۇ. زىتلىق نۇقتىسىدىن ئالغاندا، دېتېرمىنىستىك دۇنيادا ئۇنىڭ ئەركىن ئىرادىگە ئىگىلىكى ئالدىن بەلگىلەنگەن. مانا مۇشۇ ئەركىن ئىرادە ئارقىلىق، ئۇ ئاداققى نۇقتىدا ئۆزىنى ۋە ئۆزىنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكىنى تاللىيالايدۇ. ھەتتا ھېچقانداق تاللاش مەۋجۇت ئەمەس دەپ قارالغاندىمۇ، ئۇ يەنىلا ياكى ئۆزى بولۇش ياكى بولماسلىقتىن ئىبارەت ئاخىرقى مەۋجۇتلۇق مەسىلىسىنى تاللىيالايدۇ. شۇڭا، ئۇ ئۆزىگە ۋە ئۆزىنىڭ قىلمىشىغا ھەر ۋاقىت مەسئۇل بولىدۇ. 




[i]  زېنو زىتلىقى (پارادوكسى)—بۇ ئادەتتە ئۈچ زىتلىقتىن تەركىب تاپقان. بىزنىڭ بۇ يەردە تىلغا ئېلىۋاتقىنىمىز زېنونىڭ «ئوقيا» زىتلىقىدۇر. ئۇنىڭدا مەشھۇر گرېك قەھرىمانى ئاكىللېس بىلەن بىر تاشپاقا يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە چۈشكەن دەپ پەرەز قىلىنىدۇ. بىز تاشپاقىنى ئالدىن 100 مېتېر مېڭىپ بولدى دەپ پەرەز قىلساق، ئاكىللېس تاشپاقىنىڭ 100 ئالدىدىكى باشلاش نۇقتىسىغا يېتىۋالغۇچە، تاشپاقىنى ئاللىبۇرۇن يەنە 10 مېتېر ئالدىغا مېڭىپ بولىدۇ دەيلى. ئۇنىڭغا يېتىشىۋېلىش ئۈچۈن، ئاكىللېس يەنە يۈگۈرۈشى كېرەك. بۇ ئارىلىقتا، تاشپاقا يەنە ئالدىغا ئىلگىرىلەپ كەتكەن بولىدۇ. ئاكېللىس يەنە بۇ ئارىلىقنى بېسىشى كېرەك. ئۇ بۇ ئارىلىقنى باسقۇچە، تاشپاقا يەنە ئىلگىرىلەپ كېتىدۇ. ئاخىرىدا، ئاكېللىس تاشپاقىغا ھەرگىز يېتەلمەيدۇ. 

Comments

Popular posts from this blog

ئۇيغۇرلاردا ئىسلام ۋە سوتسىيالىزم

«ئەخمەتجان ئوسمان تاللانما شېئىرلىرى» غا كىرىش سۆز