ھاياتنىڭ مەنىسى



ھاياتنىڭ مەنىسى

مېنىڭ سوئالىم تەنتەك بالىدىن تارتىپ ئەڭ دانا ئاقساقالغىچە ھەركىمنىڭ روھىدىكى سوئاللارنىڭ ئەڭ ئاددىيسىدۇر: ئۇ مەن تەجرىبە ئارقىلىق ئېرىشكەن سوئال بولۇپ، ئۇنىڭ جاۋابىسىز ھېچكىم ياشىيالمايدۇ. ئۇ تۆۋەندىكىلەردىن ئبارەتتۇر: «بۈگۈن مېنىڭ قىلىۋاتقىنىم بىلەن ئەتە قىلماقچى بولغىنىمدىن نېمە بارلىققا كېلىدۇ؟ مېنىڭ پۈتۈن ھاياتىمدىن نېمە بارلىققا كېلىدۇ؟»  باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ سوئال تۆۋەندىكىدىن ئىبارەتتۇر:«<مەن نېمە ئۈچۈن ياشىشىم، بىرەر نەرسىنى ئارزۇ قىلىشىم ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئىش قىلىشىم كېرەك؟» ئۇ يەنە مۇنداقمۇ ئىپادىلىنىدۇ: «مېنىڭ ھاياتىمنىڭ مېنى ساقلاپ تۇرغان  توسۇۋالغۇسىز ئۆلۈم ۋەيران قىلالمايدىغان بىرەر مەنىسى بارمۇ؟»

-- لېۋ تولستوي، «توۋىنامە»
«ئاننا كارېنىنا» ۋە «تىرىلىش» قاتارلىق بۈيۈك ئەسەرلىرى بىلەن ئاللىبۇرۇن دۇنياۋى يازغۇچىغا ئايلىنىپ بولغان لېۋ تولستوي ھاياتىنىڭ قىران مەزگىللىرىنى ھاياتنىڭ مەنىسى ھەققىدىكى ئويلىنىشقا ئاتايدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئويلىنىشلىرى كېيىنچە «توۋىنامە» نامىدا ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ ئەسەردىكى ھايات ھەققىدىكى ئويلىنىشنىڭ تىرەنلىكى بىزنى قانچىلىك مەپتۇن قىلسا، ئۇنىڭدىكى كۆپىنچە جاۋابسىز قالىدىغان رېتورىك سوئاللار شۇنچىلىك قايمۇقتۇرىدۇ. شۇنى سورىماي تۇرالمايمىزكى، ھاياتنىڭ ئۆزىنى ئىنسانىيەتنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ نازۇك ۋە ئەڭ پىنھان ھېسلارنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشكە ئاتىغان بىر تالانتلىق يازغۇچىنىڭ كۆزىتىشى، پىكىرلىنىشى ۋە تەپەككۈرىدىن ھالقىپ كەتكەن يەنە قانداق مەنىسى بولۇشى مۇمكىن؟ ئەجەبا تولستويدەك چوڭقۇر دىنىي تەربىيىگە ۋە روھانىي سېزىمگە ئىگە بىر يازغۇچىنىڭ ھاياتىنىڭ ئالتۇن مەزگىلىدە ئۇنىڭ بىرەر مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىشىنى قانداق چۈشىنىش مۇمكىن؟
                ھەممىگە ئايانكى، ھايات ھەر بىر ئىنسان ھەر مىنۇت، ھەر سېكونت دېگۈدەك ياشايدىغان ئەڭ ئەمەلىي، ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ بىۋاسىتە تەجرىبىدۇر. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرمەك بەسى مۈشكۈلدۇر.  ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، ھاياتتىكى ئەڭ قىيىن نەرسە ياشاش ئەمەس، بەلكى نېمىشقا ياشاشنىڭ سەۋەبىنى بىلىشتۇر. مەلۇم مەنىدىن بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ھايات بىزنىڭ ھەر بىر تىنىقىمىز، ھەرىكىتىمىز ۋە ئويلىرىمىز  بىلەن شۇ قەدەر يېقىن بىرلىشىپ كەتكەنكى، بىز مەۋجۇتلۇقىمىزنى ھاياتنىڭ ئۆزىدەك تەبىئىي ھېس قىلىشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن. خۇددى بىز ھەر بىر تىنىقىمىز ھەققىدە ئويلىنىپ باقمىغاندەك، ئۇنىڭ ئەڭ رېئال ئىپادىسى سۈپىتىدىكى ھايات ھەققىدىمۇ كەمدىنكەم ئويلىنىمىز. ئەمما، ھاياتتا شۇنداق مىنۇتلارمۇ بولىدۇكى، تىنىقىمىز قىسىلىپ، قەلبىمىز ھەسرەتكە تولغاندا، جىسمىمىزنى تۇيۇقسىز ئېغىر كېسەل چىرمىۋالغاندا، ئېغىر خورلانغاندا، قەدىرلىك ئادىمىمىزنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغاندا، ئۆزىمىزنىڭ باش-ئاخىرى يوق، تەكرارلانما ۋە مەنىسىز ئەمگەككە سېلىنغانلىقىمىز ھەققىدە پىكىرلەنگەندە، بۇ دۇنياغا نېمىشقا تۆرىلىپ، نېمىشقا ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ئىختىيارسىز سوئاللاپ قالىمىز. قانداق ياشاۋاتقانلىقىمىز بىزنى تۇرۇپ-تۇرۇپ نېمىشقا شۇنداق ياشاۋاتقانلىقىمىز ھەققىدىكى سوئالغا يېتەكلەيدۇ. بۇنداق سوئاللاش ئاخىرى ئاشۇنداق ياشاشتا بىرەر مەنىنىڭ بار-يوقلۇقىنى بىلىشكە بولغان قىزىقىشقا ئايلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بۇرۇن ياشاپ تۇرۇقلۇق كۆپ ئويلاپ كەتمەيدىغان ھايات دىققىتىمىزنى چېكىدۇ—ئۇ ھەقتە قايتىدىن ئەستايىدىل ئويلاشقا باشلايمىز. ناھايىتى تېزلا، ھاياتنىڭ بىز بۇرۇن ئىرەڭشىپ كەتمىگەن يېقىنلىقى ئاستا-ئاستا يوقاشقا باشلايدۇ. ئىلگىرى ھەر بىر نەپەسلىرىمىزگىچە ھېس قىلىنىدىغان—مەيلى ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز بولسۇن—ھايات ئۆزىنىڭ تامامەن ياتلىقىنى ئاشكارىلايدۇ.
ھايات ھەققىدىكى ھەرقانداق سوئال ئۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. بۇنداق سوئال ئۇنىڭ نەدىن كەلگەنلىكى ھەققىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ نەگە بارىدىغانلىقى ھەققىدىمۇ سورىلىدۇ. ئىنساندىكى ھېچقانداق بىر قىزىقىش ھاياتنىڭ نەدىن كەلگەنلىكى ۋە  ئۇنىڭ نەگە بارىدىغانلىقىنى بىلىشكە بولغان  قىزىقىشتەك كۈچلۈك ئەمەستۇر. شۇ مەنىدىن، بېسىۋالغۇسىز قىزىقىشتىن مەنبەلەنگەن ھايات ھەققىدىكى سوئال ئۇنىڭ قارىمۇ قارشى نۇقتىسىغا سوقىلىپ قاڭقىپ ئۆزىگە يانىدۇ—ئۆلۈم. ھايات بىلەن ئۆلۈم بىر-بىرىنى ئىچكى جەھەتتىن چەكلەپ تۇرىدۇ. ئۇلار ھەم بىر-بىرىگە قارىمۇ قارشى ھەم بىر-بىرىگە بېقىنىدۇ. بۇ مەنىدىن شۇنداق دېيىش مۇمكىنكى، ئۆلۈمنى چۈشەنمەي تۇرۇپ، ھاياتنى چۈشەنگىلى بولمىغىنىدەك، ھاياتنى چۈشەنمەي تۇرۇپمۇ، ئۆلۈمنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ.
 شۇندىمۇ، ھايات بىلەن ئۆلۈم بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدىغان ئىككى خىل مەۋجۇتلۇق شەكلىدۇر. ھايات بىزنىڭ تەجرىبىمىزدىكى رېئال جەريان بولسا، ئۆلۈم ئۇنىڭدىن ھالقىغان ھەمدە سۈكۈتتىكى، قاراڭغۇ ۋە بىلىنمەس بىر ھالەتتۇر. تېخىمۇ مۇھىمى، رەت قىلغۇسىز ۋە ۋەيران قىلغۇچ كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆلۈم ھاياتنىڭ تەرتىپىنى بۇزۇپ تۇرىدۇ—ئادەمنى ئۇنىڭ بىرەر مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىشقا ئېلىپ بارىدۇ. ھاياتنىڭ قارىماققا تۈگىمەستەك كۆرۈنىدىغان مەئىشىتىدىن ۋە ۋەدىسىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئادەم ھاياتىنىڭ ھامان بىر كۈنى ئاخىرلىشىدىغانلىقىغا چىن پۈتەلمەيدۇ. تۈرلۈك-تۈمەن تۇغۇملارغا ، يېتىلىشلەرگە ۋە تولۇشلارغا ئىگە بولغان ھاياتتىن ئىبارەت بۇ چەكسىز مۇمكىنچىلىك ئالىمىنىڭ ۋاقىتلىقلىقى ئادەمنى ئازابلايدۇ. ئازاب ئاخىرى مۇنداق بىر سوئالغا تۈگەللىنىدۇ—ھامان ئاخىرلىشىدىغانلىقى ئاللىبۇرۇن بېكىتىلگەن ھاياتتا بىرەر مەنە بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ ئەگەر بىر ئىنساننىڭ ھاياتى—مەيلى ئۇ قانچىلىك بەختلىك ياشالسۇن-ياشالمىسۇن—قېچىپ قۇتۇلغۇسىز ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلاشسا ۋە بۇ ئاخىرلىشىش ئۇنىڭ پېشانىسىگە—ئۇنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدەك ھەرقانداق بىر ئىنساننىڭ پېشانىسىگە—ئاللىبۇرۇن ھەتتا ئۇ تۇغۇلۇشىدىن ئىلگىرى پۈتۈلۈپ كەتكەن بولسا، بۇنداق ھاياتنى ياشاشنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى بار؟  خۇددى پاسكال ئېيتقاندەك، بىر سىرلىق چەكسىزلىكتىن شەپىسىز كەلگەن ھاياتلىق يەنە شۇنداق بىر سىرلىق چەكسىزلىكتە شەپىسىز يوقىسا،  ئەجەبا بۇ ھايات نېمىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن؟
دىنىي نۇقتىدىن ئالغاندا، بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابى ئاددىي ۋە ئېنىق: خۇدا كائىناتنىڭ بىردىنبىر ئىگىسىدۇر—ئۇ كائىناتنى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق شەيئىلەرنى ياراتقان. ئادەم خۇدا تەرىپىدىن يارىتىلغان؛ ھاياتى ئۇنىڭغا بېقىنىدۇ؛ ئاخىرى ئۆلۈم ئارقىلىق ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتىدۇ. بۇ ھەممىگە ئايان بىر ئىلاھىي قانۇنىيەتتۇر—يوقلۇق (يارىتىش)-ھاياتلىق (ئىلاھىي ئورۇنلاشتۇرۇش) -ئۆلۈم (خۇدانىڭ دەرگاھىغا قايتىش). ئىلاھىي ئالەمدە ھايات خۇدا تەرىپىدىن بىر ئۇلۇغۋار مەقسەت، تېگىگە يەتكۈسىز بىر كارامەت ۋە ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەس بىر ئەقلىيلىك بىلەن يارىتىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ مەنىسى ھەققىدە ئىزدىنىش بىھۇدىدۇر—چۈنكى يارىلىشنىڭ ئۆزى ياراتقۇچىنىڭ ئىرادىسىنىڭ ياخشىلىق سۈپىتىدە بۇ دۇنيادا نامايان بولۇشىدۇر. يارىلىش ياخشىلىقتۇر، چۈنكى يارىتىش ئىلاھىي ياخشىلىقنىڭ پانىي دۇنيادىكى نۇر چېچىشىدۇر. يارىلىش، شۇنىڭدەك، ياراتقۇچىغا ئىشىنىشتۇر. بۇ خۇدانىڭ يارالمىشنى  رەزىللىكتىن، ئېزىقىشتىن، گۇناھتىن، ئازاب-ئوقۇبەتتىن ۋە ئۆلۈمنىڭ ۋەھىمىسىدىن ھالقىتىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئۇلاشتۇرىدىغانلىقىغا بولغان ئىشىنىشتۇر.  
ۋەھالەنكى، نىچېنىڭ «خۇدا ئۆلدى!» دېيىلىدىغان سېكۇلار (دىندىن خالىي) دۇنياسىدا، يارىلىشتا ئالدىنئالا بېكىتىلگەن ھېچقانداق بىر سەۋەب يوق. بۇنداق دۇنيادىكى بىر ئاتېئىست ئۈچۈن، تۇغۇلۇش تاسادىپىي، سەۋەبسىز ۋە بىئىختىيار ھالدا بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولۇشتۇر. تېخىمۇ مۇھىمى، ھاياتنىڭ بارلىققا كېلىشىنىڭ ھېچقانداق ئالاھىدە سەۋەبى ۋە مەقسىتى بولمىغىنىدەك، ھايات ياشاشنىڭمۇ ھېچقانداق سەۋەبى ۋە مەقسىتى يوق. رادىكال مەنىدىن ئېيتقاندا، ئادەم پەقەت تۇغۇلۇپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا ياشاشقا مەجبۇردۇر. ئۇ پەقەت ئۆزىدە بار بولغان ھاياتلىق ئىرادىسىنىڭ تۈرتكىسى بىلەنلا ياشايدۇ. ئۇنى ئالدىغا ئىتتىرىۋاتقان بۇ ياشاش ئىرادىسى بىلەن بىر ئۆسۈملۈكنى ياشىتىۋاتقان بىئولوگىيىلىك ئېنېرگىيىنىڭ ئاداققى نۇقتىدا ھېچ پەرقى يوق. شۇنداق ئىكەن، ئۆلۈمدىمۇ ھېچقانداق بىر مەنە يوق—چۈنكى سېكۇلار ئىدىيە ئۆلۈمدىن كېيىنكى ھېچنېمىگە ۋەدە قىلالمايدۇ. ئۆلۈم زۆرۈرىيەتتۇر. ئۇنىڭدىن ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. شۇنداقلا، ئۆلۈمدىن كېيىن ھېچنېمە يۈز بەرمەيدۇ. ئادەم يوقلۇققا ئىزناسىز ھالدا مەڭگۈلۈك غۇلايدۇ. ئۇنى جەننەتلا ئەمەس، بەلكى دوزاقمۇ قوينىغا ئالمايدۇ، چۈنكى ئۇ يەردە جەننەت ياكى دوزاق دەيدىغان جاي يوق. ئۇنى كۈتۈپ تۇرىدىغىنى ئۇ تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى بويىچە ئايلىنىشى كېرەك بولىدىغان قاپقارا تۇپراقتۇر.
ئەگەر يۇقىرىقى قاراش قوبۇل قىلىنسا، ئۇنىڭدىن شۇنداق نەتىجە كېلىپ چىقىدۇكى، بىر ئادەمنىڭ ھاياتى پەقەت تاسادىپى ھالدا ئىككى ئىنساننىڭ جۈپلىشىشىدىن بارلىققا كېلىدىغان بىئولوگىيىلىك ھاسىلاتنىڭ ئاخىرى ئۆلۈمدىن ئىبارەت مۇقەررەر جەرياندا تاماملىنىشىدۇر. ئەگەر شۇنداق بولسا، ئوخشاش بىر بىئولوگىيىلىك قانۇنىيەتكە بوي سۇنىدىغان بىر ئىنساننىڭ ھاياتى بىلەن يەنە بىر ئۆسۈملۈكنىڭ ھاياتىنىڭ پەرقى يوقايدۇ. ئادەمنى كائىناتتا ئۈستۈن ئورۇنغا ئىگە قىلغان ۋە ئۇنى باشقا بارلىق ئورگانىك ۋە غەيرىي ئورگانىك شەيئىلەردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ئەقلى ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئۆلۈمگە يۈزلىنىشىدىن ئىبارەت بۇ مۇقەررەرلىك ئالدىدا بەقۇرۇ بولسا، ئۇ زامان بۇنداق ئۇلۇغۋارلىقنىڭ نېمە كېرىكى؟ بەزى ئاتېئىستلارنىڭ قارىشىچە، ھاياتلىق ھېچكىم ئالدىن پەرەز قىلالمايدىغان يوقلۇقتىن كەلگەن. ئۆلۈم بولسا ھاياتلىقنىڭ ھېچكىم كۆرەلمەيدىغان ۋە بىلەلمەيدىغان يوقلۇققا ئايلىنىشىدۇر. ئۇنداق ئىكەن، ھاياتلىق ئىككى يوقلۇق ئارىسىغا جايلاشقان بارلىقنىڭ مەلۇم مۇددەت ئۆزىنى ئاشكارىلىشىنىڭ يىغىندىسىدۇر. ئۇنداقتا، بۇ ئىككى يوقلۇق ئوتتۇرىسىدىكى ھاياتلىق دەپ ئاتىلىدىغان بۇ جەرياندا ئادەمنىڭ خۇددى چەكسىز كائىناتتا يالتتىدە يېنىپ ئۆچكەن يۇلتۇزنىڭكىگە ئوخشايدىغان ھاياتىنىڭ نېمە مەنىسى بار؟ بىر يوقلۇقتىن يەنە بىر يوقلۇققا، بىر چەكسىزلىكتىن يەنە بىر چەكسىزلىككە سوزۇلغان ھاياتنى ھايات قىلىپ تۇرىدىغان نەرسە نېمە؟
ئەگەر ھاياتتا ھېچقانداق مەنە بولمىسا، ئۇ زامان ئۆلۈمدىن كېيىن نېمىنىڭ  يۈز بېرىدىغانلىقىدىن ۋايىم يېيىشنىڭ ھاجىتى يوقتۇر، چۈنكى ئۇ چاغدا ئۆلۈممۇ ئۆزىنىڭ مەنىسىنى يوقىتىدۇ. ئەگەر ئۆلۈمدىن كېيىن ھېچنېمە يۈز بەرمىسە، ھايات باش-ئاخىرى چىقماس، بىھۇدە ۋە مەنىسىز تىركىشىشكە ئايلىنىدۇ. نەتىجىدە، ئىككى چەكسىزلىك، ئىككى يوقلۇق ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان ھايات ئەمەلىيەتتە ئىككى مەنىسىزلىك ئوتتۇرىسىدىكى ئەھمىيەتسىز جەريانغا ئايلىنىدۇ. 
ئەكسىچە، ئەگەر ھاياتتا مەنە بولسا، ئۇ ھالدا ئۆلۈمنىڭ مەنىسى باشقىچە بولىدۇ—ھەتتا ئۆلۈمدىن كېيىن ھېچقانداق ھاياتلىق بولمايدۇ دەپ قارالغان تەقدىردىمۇ. چۈنكى، مەنىلىك ھايات تىركىشىشكىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئۆلۈشكىمۇ ئەرزىيدۇ. مەنىسىز ھاياتتا تىركىشىشنىڭ ئۆزى بىمەنىلىكتۇر، ئۇنى قوينىغا ئالىدىغان ئۆلۈم تېخىمۇ بىمەنە بولىدۇ. ئاداققى نۇقتىدا ياشاش قانچىلىك بىمەنە بولسا، ئۆلۈممۇ شۇنچىلىك بىمەنىدۇر. ھاياتتا ياشاش ھېچنېمىگە ئەرزىمىسە، ئۆلۈشمۇ ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ.
ئۇنداقتا، ئادەم نېمىشقا ياشايدۇ؟ ھايات ئىنتايىن ئۆزگىچە تەجرىبىدۇر—ئۇ ئىنساننىڭ پۈتكۈل تەجرىبىلىرىنىڭ ئاساسىدۇر. ئۇ تەجرىبىلەرنىڭ تەجرىبىسىدۇر. ئۇ شۇنداق تەجرىبىكى، ئۇنىڭدا قانچىلىك ئىجابىي تەركىبلەر بولسا، شۇنچىلىك سەلبىي تەركىبلەرمۇ بار.  يەنى ئۇ شۇنداق بىر مول تەجرىبىكى، ئۇنىڭدا خۇشاللىق بولغىنىدەك، ھەسرەتمۇ بار؛ كۈلكە بولغىنىدەك، يىغىمۇ بار؛ قوشۇلۇش بولغىنىدەك، ئايرىلىشمۇ بار؛ ئۈمىد بولغىنىدەك، ئۈمىدسىزلىكمۇ بار؛ ھەقىقەت بولغىنىدەك، سەپسەتىمۇ بار؛ گۈزەللىك بولغىنىدەك، سەتلىكمۇ بار؛ ئادالەت بولغىنىدەك، ئادالەتسىزلىكمۇ بار. دېمەك، بىر-بىرىگە قارىمۇ قارشى ھەم بىر-بىرىدىن ئايرىلمايدىغان تەركىبلەرگە ئىگە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھايات ئىنساننىڭ ماددىي تۇرمۇشىدىن تارتىپ مەنىۋى تۇرمۇشىغىچە بولغان بارلىق شەيئىلەر، ھېسلار، تۇيغۇلار ۋە ئىدىيىلەرنىڭ يىغىندىسى، ئەسلىمىلىشى ۋە كەلگۈسىگە قاتنىشىشىنى كۆرسىتىدۇ.
ماھىيىتىدىن ئېيتقاندا، ھاياتلىقنىڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرى ھەرۋاقىت ئۇنىڭ نۇرانە تەرەپلىرىنى بېسىپ تۇرىدۇ—كېسەللىك، ئىلاجىسىزلىق، ئاچ-زېرىنلىق، ماكانسىزلىق، ئۇرۇش-يېغىلىق، ئۈمىدسىزلىك، خورلىنىش ۋە ئۆلۈم ئۇنىڭ ئىجادىي تەرەپلىرىگە ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ رەت قىلغۇسىز، ئېغىر ۋە ماھىيەتلىك تەسىرىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. ھاياتىدا ئۆزىنى قانچىلىك بەختلىك ھېس قىلمىسۇن، ئادەمنى خىلمۇ خىل كېسەللىك يەتكۈچە قىينايدۇ؛ ئادالەتسىزلىك ئۇنى يەتكۈچە ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ؛ ئۆلۈم ئۆزىنىڭ مۇدھىش سۈرى بىلەن ئۇنى يەتكۈچە ۋەھىمىگە سالىدۇ. ئادەم ئۆزىنىڭ ئاخىرى بىر ئوچۇم توپىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى ئويلىغىنىدا، قەلبى مۇزلاپ كېتىدۇ. شۇنداق تۇرۇپ ئادەم يەنە نېمىنى كۆزلەپ، تىرىشىپ-تىرمىشىپ ياشايدۇ؟ بۇ سوئالنى تېخىمۇ تۈرتۈپ چېكىگە ئېلىپ بارساق، ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان مۇنداق سوئالغا ئېرىشىمىز: ھايات بۇ قەدەر ئازابلىق بولسا ھەم ئاخىرى تراگېدىيە بىلەن ئاخىرلاشسا، ئادەم يەنە نېمىشقا ياشايدۇ؟ بۇ ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن بىراقلا قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئۇ نېمىشقا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالمايدۇ؟
ئالبېخ كەمۈ ئۆزىنىڭ مۇھىم پەلسەپە ئەسىرى «سىسىفۇس ئەپسانىسى» دە دەل مۇشۇ سوئالنى سورايدۇ: «بۇ يەردە بىرلا كەسكىن پەلسەپىۋى مەسىلە بار، ئۇ بولسىمۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشتۇر.» 1957-يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كەمۈ ئۈچۈن ھاياتنىڭ مەنىسىنىڭ بار-يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلىش مانا مۇشۇ ماھىيەتلىك سوئالغا جاۋاب بېرىشكە باغلىقتۇر. ئەگەر ھايات مەنىسىز بولسا، ئۇ ھالدا رېئاللىقنىڭ خاراكتېرى، بىلىم ۋە ئەخلاق قاتارلىقلار ھەققىدە ئىزدىنىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى قالمايدۇ.  ئۇنىڭ قارىشىچە، بىزنىڭ ئەھۋالىمىز قەدىمقى گرېكلەرنىڭ سىسۇفوس ئەپسانىسىگە ئوخشايدۇ. ئۇنىڭدا سىسۇفۇس ئۆزىنىڭ ماختانچاقلىقى ۋە ھىيلە-مىكىرلىرى سەۋەبلىك جازالىنىدۇ. ئۇنىڭغا بېرىلگەن جازا ھەم ئاددىي ھەم بىمەنە—ئۇ ئېغىر بىر قورام تاشنى تاغنىڭ چوققىسىغا دومىلىتىپ ئەپچىقىشقا بۇيرۇلىدۇ. ئەمما، ئۇ تاشنى ئۈستىگە دومىلىتىپ، تاغنىڭ چوققىسىغا ئەپچىقاي دېگەندە، تاش پەسكە دومىلاپ چۈشۈپ كېتىدۇ. ئۇ تاشنى يەنە يۇقىرىغا ئىتتىرىدۇ؛ تاش يەنە دومىلاپ پەسكە چۈشۈپ كېتىدۇ. ئۇ بۇنى توختىماستىن داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئەمگىكى قارىماققا پۈتۈنلەي بىھۇدە، مەنىسىز، بىمەنە ئۇرۇنۇش ۋە ھەتتا جازالىنىشتەك كۆرۈنىدۇ. مۇشۇنداق ھاياتتا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ئۆزىنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ يولىدەك بىلىنىدۇ. ئەمما، سىسۇڧۇس مەغلۇبىيەتكە ھەرگىز بوي بەرمەي، تاشنى يۇقىرىغا توختىماستىن دومىلىتىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى بىر خىل قەھرىمانلىق دەپ قارايدىغان كەمۈ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنىڭ ھاياتنىڭ بىمەنىلىكىنى ھەل قىلىشتىكى ئەڭ ئاخىرقى ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك چارە ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ھاياتنى بىمەنە دەپ قاراش سەۋەبلىك ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش مەسىلىدىن ئۆزىدىن قاچۇرۇشتۇر—ئۇ ۋاز كېچىش ۋە تەسلىم بولۇشتىن دېرەك بېرىدۇ. ئەكسىچە، ئادەم، خۇددى سىسۇفۇسقا ئوخشاش، ھاياتنىڭ رىيازىتى ۋە بىمەنىلىكىگە يۈزلىنىشى كېرەك. ھاياتنىڭ مەنىسىنىڭ يوقلۇقىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئېتىراپ قىلىپ ياشاش ئۇنىڭدىن ئۆزىنى ئېلىپ قېچىپ، ئۆزىنى خام-خىيال بىلەن بەزلەشتىن ياخشىدۇر. ھاياتنىڭ ئازابلىقى ئالدىدا، كەمۈ، خۇددى نىچېگە ئوخشاش، ئۇنىڭغا «ياق» دېمەستىن، بەلكى «ھەئە» دېيىش كېرەك، دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭچە، ئادەم ھاياتقا پاسسىپ مۇئامىلە قىلماستىن، بەلكى ئۇنىڭغا ئاكتىپ ئارىلىشىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئادەمدە قارشىلىق كۆرسىتىش، بوي ئەگمەسلىك ۋە مەسخىرىۋازلىق روھى بولمىسا بولمايدۇ. مانا مۇشۇلار ئادەمنى تىك تۇتۇپ تۇرىدۇ ۋە ئۇنى ئالدىغا يۈزلەندۈرىدۇ. ئەمما، بىز نېمىشقا ھاياتقا «ھەئە» دېيشىمىز كېرەك؟ ئەگەر شۇنداق دېدۇقمۇ دەيلى، ئۇ زامان بىزنى شۇنداق دېگۈزۈۋاتقان نەرسە زادى نېمە بولۇشى كېرەك؟
ئۇشبۇ ماقالىمىزدە ھاياتنىڭ مەنىسىگە سېكۇلار نۇقتىدىن قاراپ چىقىمىز. بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ بىرى، تارىختىن بېرى ئىنسانىيەتنى ياشاشقا ئۈندەپ كېلىۋاتقان تۈپكى مېتاڧىزىكىلىك قوزغىتىش كۈچىگە پەلسەپە نۇقتىسىدىن قاراپ چىقىش؛ يەنە بىرى، دىنىي رامكىدىن چىقىپ كەتكەن ھاياتنىڭ—يەنى ھېچقانداق بىر ئىلاھىي مەرھەمەت، يېتەكلەش ۋە پەرۋىشتىن ئايرىلغان ھاياتنىڭ—زادى نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ھاياتنىڭ ئەڭ يالىڭاچ، ئەڭ ئىپتىدائىي ۋە ئەڭ تىرەن مەنىسىگە يېقىنلىشىشتۇر. ئەنە ئاشۇ تىرەنلىكتە—مەيلى ئۇنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە قاراڭغۇ ۋە تېگىگە يەتكۈسىز بولۇشىدىن قەتئىينەزەر—بىز ھاياتنى زادى نېمىنىڭ ھەقىقىي مەنىگە ئىگە قىلىدىغانلىقىغا يېڭى نەزەردە قاراپ چىقىمىز.
   
1.       ھايات دېگەن نېمە؟

ھايات ھەرىكەت جەريانىدۇر. بىئولوگىيىلىك نۇقتىدىن ئالغاندا، ئۇ ماددىلارنىڭ ئۆزىدىكى پوتېنسىئاللىقنى (ئىچكى قۇدرەتنى) رېئاللاشتۇرۇش جەريانىدۇر. ھايات مانا مۇشۇ جەرياندا ئورگانىزملارنىڭ—ھۈجەيرە، باكتېرىيە، ئۆسۈملۈك، ھايۋان ۋە ئادەملەرنىڭ—ئۆز-ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش، تاشقى دۇنياغا ئىنكاس قايتۇرۇش، ئۆزىنى كۆپەيتىش ۋە ئاجىزلىشىش ھەمدە يوقىلىش قاتارلىق جەريانلاردىن تۈزۈلگەن غايەت زور ھەرىكەتچان (ئېكولوگىيىلىك) سىستېمىسىنى كۆرسىتىدۇ. تۇپراقتىكى بىر تال بۇغداي ئۇرۇقىنى مىسال ئالايلى. ئۇ قۇياش نۇرى، تۇپراق، سۇ ۋە باشقا شارائىتلارنىڭ ياردىمىدە ئاستا-ئاستا بىخ ئۇرۇپ، چوڭ بولىدۇ. ئاخىرى، بۇغداي بولۇپ پىشىدۇ. شۇنىسى قانۇنىيەتلىككى، بىر تال بۇغداي ئۇرۇقى بۇغداي بولۇپ پىشىدۇكى، ھەرگىزمۇ قوناق ياكى زىغىر بولۇپ پىشمايدۇ. دېمەك، بۇغداي ئۇرۇقىنىڭ بۇغداي بولۇپ پىشىشى بۇغدايلىق گېنى تەرىپىدىن ئاللىبۇرۇن بەلگىلەنگەن. بۇ بۇغداي ئۇرۇقىدا ئۇنىڭ بۇغداي بولۇپ پىشىشىنىڭ يوشۇرۇن قابىلىيىتى (پوتېنسىياللىقى) بار، دېگەنلىكتۇر. بۇغداي ئۇرۇقىنىڭ بۇغدايغا ئايلىنىشى مانا مۇشۇ پوتېنسياللىقنىڭ رېئاللىشىشىدۇر.
بۇغداينىڭ ئۇرۇقىدا، ئۇنىڭ باشقا خىمىيىلىك تەركىبلىرىدىن سىرت، ئۇنىڭ بۇغدايغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولىدىغان بىر ئىچكى كۈچ بولىدۇ. مانا مۇشۇ كۈچ ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ. بۇ كۈچنى ھاياتلىق كۈچى دېيىش مۇمكىن. ئەلۋەتتە، بۇ قارىشىمىز ئىلىم-پەنچىلەر تەرىپىدىن تەنقىدلىنىشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ، شۇنى تەكىتلەش كېرەككى،  ئەگەر كۆز بىلەن كۆرگىلى ۋە قول بىلەن تۇتقىلى بولمايدىغان بۇنداق بىر كۈچنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئاز-تولا مۇمكىنچىلىك قالدۇرمىساق، ئورگانىزملارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن جان-جەھلى بىلەن تىركىشىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرەلمەي قالىمىز. بۇ ھايۋانلارنىڭ، جۈملىدىن ئىنسانلارنىڭ، ھاياتىدا تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈنىدۇ. ئۇلارنىڭ ھايات قېلىش ئۈچۈن جان تىكىپ تىرىشىشى، تىركىشىشى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىشى نوقۇل ھالدىكى بىئولوگىيىلىك ئىقتىدارنىڭ ئۆزىنى نامايان قىلىشىلا ئەمەس. ياكى ئۇ دېكارتچە ئېيتقاندا بىر خىل مېخانىك جەرياننىڭ ئىپادىلىنىشىلا ئەمەس. ۋە ياكى ئۇ ئاددىي ھالدا گېنلىك پروگراممىلىنىشنىڭ رېئاللىقتا ئەمەلگە ئېشىشىلا ئەمەس. بەلكى ئۇ جانلىقلارنىڭ ۋۇجۇدىدا ئۇنى كەلگۈسىگە يۈزلەندۈرىدىغان «ھاياتلىق كۈچى» دۇر. مانا مۇشۇ ئىچكى كۈچ جانلىقلارنىڭ ئۆزىنى ساقلىشىدىكى ماھىيەتلىك كۈچتۇر. نەزەرىيە جەھەتتىن ئالغاندا، ئورگانىزملاردىكى ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشقا ئىنتىلىش ھاياتلىقنىڭ زۆرۈرىيىتىدۇر. [i]
                ئادەم ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش ئەڭ ماھىيەتلىك پرىنسىپ بولىدىغان دۇنيادىكى ئۆزگىچە جانلىقتۇر. ئېۋولۇتسىيە نەزەرىيىسىدىن ئالغاندا، ئادەم شەپقەتسىز تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىغا قاتناشقۇچىدۇر. ئەقىلگە ئىگە بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن ئادەم دۇنيانى قانچىلىك چۈشەنسۇن، ئۆزگەرتسۇن ۋە قايتىدىن بەرپا قىلسۇن، ئۇ ئېۋولۇتسىيە زەنجىرىدىكى بىر ھالقىدۇر. باشقا جانلىقلارغا ئوخشاش، ئۇمۇ ھايات قېلىش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، شارائىتقا ماسلىشىشقا، ئۇنى ئۆزگەرتىشكە ۋە ئۇنىڭدىن ھالقىشقا موھتاج. شۇڭا، بىر بىئولوگىيىلىك جانلىق بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئادەم تەبىئەتنىڭ قاتتىق ۋە رەھىمسىز قانۇنىيەتلىرىگە بوي سۇنۇشى كېرەك.
                ۋەھالەنكى، ئادەمنىڭ باشقا جانلىقلار ئوخشىمايدىغان بىر ماھىيەتلىك پەرقى شۇكى، ئۇ ھاياتلىق جەريانلىرىنى ئۆزىنىڭ كاللىسىدا ئەكس ئەتتۈرەلەيدۇ. بۇ ھەقتە بىر مۈشۈك بىلەن بىر ئادەمنى مىسالغا ئالايلى. ھەر ئىككىسى ھايات قېلىش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك بولغان جانلىقلاردۇر. بۇنىڭدا ئۇلار ئۆزىدىكى بىئولوگىيىلىك، فىزىكىلىق قابىلىيەتلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئۆزىنى قامداش، ساقلاپ قېلىش ۋە داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، تاشقى دۇنيا بىلەن توختاۋسىز مۇناسىۋەتلىشىدۇ. ئەمما، مۈشۈكنىڭ تىرىشىشى بىر بىئولوگىيىلىك ئىنكاس—ستېخيىلىك ماسلىشىش—بولسا، ئادەمنىڭ بىئولوگىيىلىك، فىزىكىلىق ۋە ئەقلىي تىرىشىشتۇر. مۈشۈك بۇ جەرياننى ئەكس ئەتتۈرەلمەيدۇ—ئۇ ئۆزىنىڭ نېمىگە قانداق ۋە نېمە ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالمايدۇ. ئەمما ئادەم ئۇنى ئاڭقىرالايدۇ—ئۇنى كاللىسىدا قايتا ئەكس ئەتتۈرەلەيدۇ. ئۇ بۇ جەرياننى ئۆزىنىڭ مېڭىسىدە تەسەۋۋۇر يولى بىلەن قايتىدىن سىمۋوللۇق ۋە پىسخىكىلىك شەكىلدە ئايان قىلىدۇ. ئۇ ھەقتە پىكىرلىنىدۇ. ئۇنىڭ مەنىسى ھەققىدە ئىزدىنىدۇ.
                ماھىيەتلىك مەسىلە شۇكى، ئادەم ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئوخشاش ھەرىكەتلەرنى—مەسىلەن، ئىشلەش، تاماقلىنىش، ئۇخلاش ۋە يەنە ئىشلەش، تاماقلىنىش ۋە ئۇخلاش قاتارلىقلارنى—قايتا-قايتا تەكرارلاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قايتا-قايتا تەكرارلىنىدىغان بىئولوگىيىلىك ۋە پىسخىك ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغانلىقىنى ئويلىيالايدۇ، ئۇ ھەقتە ئاڭلىق تىرىشىدۇ ۋە ئۇنىڭ تەلەپلىرىگە ماسلىشىدۇ. ئۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پىلان تۈزىدۇ ۋە  ئۇنى ئىجرا قىلىدۇ. گەرچە بۇ تەكرارلىنىش ئادەمگە ئۆزىنىڭ باشقا ھايۋانلاردىن ئانچە كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيدىغان بىئولوگىيىلىك ئېھتىياجغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدىغان بىمەنە ئايلىنىش بولسىمۇ، ئادەم ئۇنىڭ مەنىسى ھەققىدە ئويلىنىدۇ. ئەمما، مۈشۈكتە بۇنداق قابىلىيەت بولمايدۇ.
                شۇنى چوقۇم ئېيتىش كېرەككى، ساقلىنىپ قېلىش ۋە ئەۋلاد قالدۇرۇش ئۈچۈن، مۈشۈك  ئۆزىنىڭ ھاياتىنىڭ مەنىسىنى ئاڭقىرىشقا موھتاج ئەمەس. دېمەككى، بىر مۈشۈك ئۆزىنى ۋە ئەۋلادلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئۆزىدىكى تۇغما بىئولوگىيىلىك ئىقتىداردىن ۋە مۇۋاپىق شارائىتتىن باشقا ھېچ نەرسىنى تەلەپ قىلمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن ھايات قىممەتلىك، ئەمما ئۇ بۇنداق بىر قىممەتنى ئىدراك قىلالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ ھاياتنىڭ مەنىسىنىڭ بولۇش-بولماسلىقى مۇھىم ئەمەس. مۇھىمى، ئامان قېلىشتۇر. ھەتتا ئۇنىڭ ئەۋلاد قالدۇرۇشىمۇ مۇھىم بولغىنى بىلەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ بىر ستېخىيىلىك زۆرۈرىيەتنىڭ ئىپادىسىدۇر.
                مۈشۈككە ئوخشىمايدىغان يېرى، ئادەم ھاياتنى ياشاپلا قالماي، بەلكى ئۇنى سوئاللايدۇ. ئۇنىڭدىن بىر قىممەتنى ئىزدەيدۇ. ئادەم بىئولوگىيىلىك قوزغىلىش ۋە ئىقتىدارلارنى تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى بويىچە ئىشقا ئاشۇرغۇچىلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى ئىجتىمائىيلاشتۇرغۇچىدۇر. مەسىلەن، ئوزۇقلىنىش پۈتكۈل جانلىقلارغا ئورتاق بولغان ئەڭ تۈپكى ھاياتلىق ئېھتىياجىدۇر. مۈشۈك ئۈچۈن، قورساق تويغۇزۇشنىڭ ئۆزى كۇپايە، ئەمما ئادەم ئۈچۈن بۇ كۇپايە قىلمايدۇ. ئادەم ئۇنىڭغا ئىجتىمائىي تۈس بېرەلەيدۇ—ئوزۇقلىنىشنىڭ تۈرىنى، ئوزۇقنىڭ تەمىنى ۋە رەڭگىنى، سورۇننى ۋە كىم بىلەن قانداق ئۇزۇقلىنىشنى ئۆزى خالىغان شەكىلدە ئورۇنلاشتۇرالايدۇ. ئادەم ئۆزى قىلىۋاتقان ئەڭ ئاددىي ھەم باشقا ھايۋانلارغىمۇ ئورتاق بولغان ھاياتلىق پائالىيەتلىرىدىن بولغان ئوزۇقلىنىش بىلەن جىنسىيەتتىن تارتىپ ئەڭ مۇرەككەپ شەكىلگە ۋە مەزمۇنغا ئىگە سەنئەت، ئىلىم-پەن ۋە پەلسەپىگىچە بىر قىممەت قوغلىشىدۇ. دېمەك بۇ ھاياتنىڭ ئىجتىمائىي ئالاھىدىلىكىدۇر. ھايات ئورگانىزملارنىڭ بىئولوگىيىلىك ئېھتىياجىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانىدا كۆرۈلىدىغان سىستېمىلىق ھەرىكەتلا بولماستىن، بەلكى بۇ جەريانغا ئاڭلىق قاتنىشىش، ئۇنى چۈشىنىش ۋە ئۇنى ئەقلىي ئۆزگەرتىش جەريانىدۇر. تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇ بۇ جەرياننىڭ قانداقلىقىنىلا ئەمەس، بەلكى نېمە ئۈچۈنلۈكىنى ئاساس قىلىپ قىممەت تۇرغۇزۇشتۇر.  
ھايات شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۇبيېكتئارالىققا[ii] ئىگە بوشلۇق بولۇپ، ئۇ ئۆتمۈش كەچمىشلىرى، ھازىرنىڭ تەجرىبىلىرى ۋە كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدىدىن تەركىب تاپقان غايەت زور مەنىۋى باغلىنىش سىستېمىسىدۇر. ئۇنىڭدا يەككە شەخسنىڭ ھېكايىسى بار. شۇنداقلا ئۇنىڭدا بىر جامائەتنىڭ، بىر دۆلەتنىڭ ۋە ھەتتا پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ھېكايىسى بار. بۇ ھېكايىلەر قايتا-قايتا ئېيتىلىدۇ. مانا مۇشۇ جەرياننىڭ بىر-بىرىگە ئۆتۈشۈشى، تەسىر كۆرسىتىشى ۋە سىڭىشىشى ھاياتتىن ئىبارەت بۇ ئىجتىمائىي ئەسلىمە، ئىدراكىي رېئاللىق ۋە تەسەۋۋۇرىي بوشلۇقنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. بۇ بوشلۇقتا ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ ئىزدىنىشلىرى ۋە تىرىشچانلىقلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ بىئولوگىيىلىك ۋە ئىجتىمائىي ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇشقا تىرىشىدۇ. مانا مۇشۇ ھېكايىلەر بىر-بىرىگە كىرىشىپ، بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ ۋە بېيىتىدۇ.
مانا مۇشۇ جەريانلار ئىنساننىڭ ھاياتىنىڭ ئاددىي بىر بىئولوگىيىلىك جەريان ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ تۇرىدۇ—ئۇ بىئولوگىيىلىك جەرياننىڭ بىر قىسمىلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭدىن ئاللىبۇرۇن ھالقىغان مۇرەككەپ ئىدىيىۋى جەرياندۇر. ئۇ ئامان قېلىشقا تىرىشىش جەريانىلا ئەمەس، بەلكى  ئىنساننىڭ ئۆزىدىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارنى تولۇق ئىپادىلەشكە ئاتالغان كوللېكتىپ ئاڭلىق پائالىيەتتۇر. ئۇ شارائىتقا ماسلىشىشقا بۇيرۇلغان ياشاش شەكلى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنى ئاكتىپ ۋە پىلانلىق ئۆزگەرتىدىغان جەرياندۇر. تېخىمۇ ماھىيەتلىكى، ئۇ ھېچقانداق ئىنسانىي قىممەت بىلەن ھېسابلاشمايدىغان بىئولوگىيىلىك جەرياندا ئامان قېلىشقا تىرىشىش داۋامىدا، ئۇنىڭغا ئىنسانىي تۈس ۋە مەنە بېرىش جەريانىدۇر. شۇنىڭغا كۆرە، بىئولوگىيىلىك دەۋرىيلىنىشنىڭ ھاسىلاتى سۈپىتىدىكى ھاياتتا ھېچقانداق ئەسلى مەنە بولمىغان بىلەن، ئادەمنىڭ ئۇنىڭدا قالدۇرىدىغان تىرىشىشلىرى ۋە تىركىشىشلىرىدە بىر مەنە بار.  مانا مۇشۇ تىرىشىش-تىرمىشىش ئۇلارنىڭ ئائىلە قۇرۇشى، جامائەتچىلىك بولۇپ ئۇيۇشۇشى، دۆلەت قۇرۇشى ۋە ئىمپېرىيە سەلتەنىتىنى قوغلىشىشىغا  تۈرتكە بولىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھاياتنىڭ مەنىسى، خۇددى ھاياتنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش، ئادەم قوغلىشىدىغان نىشان ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ قوغلىشىشلىرىنىڭ نەتىجىسىدۇر. شۇڭا، ھاياتنىڭ مەنىسى قانداقتۇر ئۇنىڭدىن ئايرىلغان، ھالقىغان ۋە ياكى ئۇنىڭ سىرتىدىكى بىر جەرياننىڭ مەنىسى كۆرسەتمەستىن، بەلكى ئادەملەر تەرىپىدىن ياشالغان، ياشىلىۋاتقان ۋە ياشىلىدىغان ھاياتنىڭ مەنىسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ نۇقتىدىن، ئۇنىڭ مەنىسى خۇددى بىز نەپەسلىنىۋاتقان ھاۋانىڭ بىزگە بولغان مەنىسىدەكلا ئاددىيدۇر—ھاۋانى ھاياتلىقتىن ئايرىپ قارىيالمىغاندەك، ھاياتلىقنىمۇ بىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىمىزدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. يەنى ھاياتلىق مەۋجۇتلۇق دېمەكتۇر—ھاياتنىڭ مەنىسى ئالدى بىلەن مەۋجۇت بولۇشتۇر. مەۋجۇت بولۇشنىڭ ئۆزى بىر مەنىدۇر.
ئارىستوتېلچە ئېيتقاندا، ئادەم ئىجتىمائىي جانلىق بولۇش سۈپىتى بىلەن، نامسىز، قارىغۇ ۋە تەكرارلانما بىئولوگىيىلىك جەرياننى ئىنكار قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن ھالقىپ، ئۇنىڭ ھەر بىر تەركىۋىنى ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئۆزگىچە قىسمىغا ئايلاندۇرىدۇ—ئۇنى سەنئەت ئارقىلىق يۈكسەلدۈرەلەيدۇ، ئىدېئاللاشتۇرالايدۇ؛ ئىنساننىڭ بۇ پانىي دۇنيادىكى ھالىتىگە بىر مەڭگۈلۈك مەقسەت، قىممەت ۋە يۆنىلىش ئاتا قىلالايدۇ دەپ قارىلىدىغان دىنغا ئىشىنەلەيدۇ؛ ئىلىم-پەن ئارقىلىق ئالەمنىڭ قائىدە-قانۇنىيەتلىرىنى ئىزدىيەلەيدۇ ۋە ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقىدىغان قىلالايدۇ؛ مائارىپ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بىلىمىنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا يەتكۈزەلەيدۇ ۋە توختىماستىن بېيىتالايدۇ؛ ئەخلاق ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق تەرتىپىنى بىر خىل ياخشىلىق شەكلىدە ئورنىتالايدۇ؛ ئەڭ تىرەن ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئابستراكت سەنئەت شەكلىگە كىرگۈزۈپ، ئۆزىنىڭ شارائىتىنىڭ مەنىسىگە گۈزەللىك ئاتا قىلىدۇ.
شۇنداقتىمۇ، ئادەمنىڭ بىئولوگىيىلىك جەرياندىكى تىرىشىشىنىڭ قانچىلىك ئۇلۇغۋار بولۇشى ۋە ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس قىممەتنى قوغلىشىشىنىڭ قانچىلىك سىجىل ۋە ئۈزۈل-كېسىل بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ ھاياتى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىدىكى بىئولوگىيىلىك ئىقتىدارلارنىڭ ئېغىرلىقىنى ھەرۋاقىت ھېس قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇ قەدەر ئۇلۇغ غۇرۇرغا ۋە قابىلىيەتكە ئىگە ئىنسان شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەممە جانلىقلارغا ئورتاق بولغان ئەڭ تۈپكى بىئولوگىيىلىك قوزغىلىشلارنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلالمايدۇ. ئۇ ئاچ ۋە يالىڭاچ قالغاندا، بىر ۋاق تاماق ئۈچۈن ۋاقتى كەلسە، ئادىمىيلىك بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ ئۆزى قوغلاشقان قىممەتنى ئىنكار قىلىدۇ. ئامان قېلىش ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ ئامانلىقىغا تەھدىد سالىدۇ ۋە ھەتتا ئۇنى يوقىتىدۇ. ئۆلۈم ئالدىدا تېڭىرقايدۇ، ئۆمىدسىزلىنىدۇ ۋە ھەتتا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ. دېمەك، ئۇ ئۆزىنىڭ ھاياتىغا مەنە بېرىشكە قانچىلىك ئىنتىلمىسۇن، بۇ مەنىنى ئىنكار قىلىدىغان بىئولوگىيىلىك كۈچلەرنىڭ ۋە قانۇنىيەتلەرنىڭ ئىسكەنجىسىدىن ھەرگىز قۇتۇلالمايدۇ. مانا مۇشۇ ئۇنىڭ ئۆز ھاياتىغا مەنە ئاتا قىلىش قىزغىنلىقى، تىرىشچانلىقى ۋە پەخىرلىنىشىگە مەنىسىزلىكنىڭ سايىسىنى چۈشۈرۈپ تۇرىدۇ—خۇددى ھەممە قىزغىنلىق، تىرىشىش ۋە پەخىرلىنىشلەر ئاخىرىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدىغاندەك. ئادەمنىڭ ھاياتى باشقا جانلىقلار بىلەن تەقدىرداشتۇرۇلغان مەنىسىزلىكنىڭ چەمبىرىكىدىن ھەرگىز قېچىپ قۇتۇلالمايدىغاندەك.

2.      ھاياتتىكى مەنە
يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا ھاياتنىڭ ھېچقانداق ئەزەلىي مەنىسى يوق—ئۇ بىئولوگىيىلىك كۈچلەرنىڭ تەسىرىدە تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىگە بوي سۇنىدىغان جانلىقلار ۋە جانسىزلارنىڭ ھەرىكەتلەرنىڭ يىغىندىسىدىن ئىبارەتتۇر. ھاياتنىڭ ھېچقانداق ئالاھىدە سىرىمۇ يوق—ئۇ پەقەت سەۋەب-نەتىجە زەنجىرى بىلەن باغلانغان ئىنتايىن مۇرەككەپ بىئولوگىيىلىك، خىمىيىلىك ۋە ڧىزىكىلىق سىستېمىنىڭ ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتى بويىچە تەرەققىي قىلىۋېرىدۇ. ئادەمسىزمۇ، تەبىئەت ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىدۇ—دەرەخلەر ئۇرۇقتىن كۆكلەپ چىقىدۇ، نوتا چىقىرىدۇ، كىچىك جىرىم بولىدۇ، يوغىنايدۇ ۋە ئاخىرى تولىدۇ ۋە سۇلىدۇ. بۇ تەبىئەتنىڭ ئۈزۈلمەس مېلودىيىسىدۇر.
ۋەھالەنكى، بۇ يەردە ئىنسان ئىزدەۋاتقان مەنە نوقۇل ھالدا تەبىئەت ئۆزىگە بولغان مەنىسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. ياكى ئۇ پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن ھاياتنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنىلا كۆرسەتمەيدۇ. ياكى ئۇ بىر ئىنساننىڭ ھاياتىنىڭ مەنىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدىلا توختالمايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئىنساننىڭ مەنە ئىزدىشى بىولوگىيىلىك ئامىللاردىن سىرت يەنە تۆۋەندىكى 4 ئامىل بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئۇلار كائىناتلىق، مېتافىزىكىلىق، ئىجتىمائىي ۋە ئىندىۋىدۇئال ئامىللاردۇر. تۆۋەندە ئۇلار ھەققىدە قىسقىچە توختىلىمىز.
ئالدى بىلەن نەزەرىمىزنى بىز ياشاۋاتقان ئالەمگە تىكەيلى. ئالەمگە كۆز تىككىنىمىزدە، قەلبىمىزنى چۇلغايدىغىنى ئۇنىڭ كۆز يەتكۈسىز چەكسىزلىكىگە بولغان تىرەن ئېھتىراس، ئۇنىڭ ئىچ-ئىچىگە سىڭىپ كەتكەن تەۋەررۈك سۈكۈتىگە بولغان ۋەھىمە ۋە ھۆرمەتتۇر. بلېيس پاسكال:  «مۇشۇ چەكسىز ماكانلارنىڭ مەڭگۈلۈك سۈكۈتى مېنى قورقۇنچقا سالىدۇ» دېگەنىدى. ئادەم ئۇ ھەقتە ئويلىغىنىدا، ئۇنىڭ چەكسىزلىكىنىڭ ئەقىلنىڭ ھەرقانداق كاتېگورىيىسىدىن، تەسەۋۋۇرنىڭ ھەرقانداق كېڭىيىش كۈچىدىن ۋە سەزگۈ ئەزالارنىڭ ھەرقانداق ھېسسىي رامكىسىدىن ھالقىپ كېتىدىغان كۈچىنى ھېس قىلالايدۇ. ئۇ ئادەمنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى شۇنداق بىر سېلىشتۇرما بىلەن تەمىنلەيدۇكى، ئادەم ئۆزىنى ئۇنىڭ ئالدىدا خۇددى كىچىككىنە، ئەرزىمەس ۋە تاسادىپىي مەۋجۇداتتەك كۆرىدۇ. كائىناتقا يۈزلەنگەن ئادەم ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ بىرەر مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىپ قالىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ چەكسىزلىكى ئېلىپ كېلىدىغان ئۇلۇغۋارلىق تۇيغۇسى ئادەمنىڭ ئۆزى ھەققىدە بارلىق تۇيغۇلىرىغا، ئۆزىگە ئىشىنىشىگە ۋە ئۆزىدىن پەخرلىنىشىگە خىرىس قىلىدۇ. ئالەمنىڭ گىرۋىكىدىكى ئادەم ئۆزىنىڭ ھاياتىنىڭ بىرەر مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىپ قالىدۇ—چەكسىزلىك ۋە ئۇنىڭ قورقۇنچقا تولغان تىمتاسلىقى ئادەمگە ئۆلۈمنى ئەسلىتىدۇ. بۇ يەردە كائىناتنىڭ چەكسىزلىكى بىلەن ئۆلۈمنىڭ ئىنىقسىزلىقى ئوتتۇرىسىدا يوشۇرۇن تەسەۋۋۇرىي باغلىنىش بار: ئۆلۈممۇ، خۇددى ئالەمگە ئوخشاش ، ئۇلۇغۋار، ۋەيران قىلغۇچ، چەكسىز، قاراڭغۇ ۋە تەسەۋۋۇردىن ھالقىپ كەتكەن.  
ئادەم يۈزلىۋاتقان سۈكۈتتىكى بۇ كائىنات شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پەرۋاسىز، ھېسسىز ۋە بىكۆيۈملۈكتۇر. كائىنات ئۈچۈن، بىر ئادەمنىڭ مەۋجۇت بولۇش-بولماسلىقى ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ. بىر ئادەمنىڭ مەۋجۇتلۇقىلا ئەمەس، بەلكى مىليونلىغان ۋە ھەتتا پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىمۇ ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ. سەۋەب شۇكى،  بىرى كائىناتتا بۇنىڭغا قارىتا ھېچقانداق ئاڭ بولمايدۇ؛ يەنە بىرى ئۇ ئىنسانلارسىزمۇ مەۋجۇت بولغان ۋە يەنە مەۋجۇت بولۇۋېرىدۇ. كەسكىن قىلغاندا، ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا بېقىنمايدۇ. ئەمما ئادەم ئۈچۈن ئۇنىڭ مانا مۇشۇ بىكۆيۈم كائىناتتىكى مەۋجۇتلۇقى ھالقىلىق مەسىلىدۇر—بۇ يەردە كائىناتنىڭ ئۇنىڭغا بىپەرۋا، بىكۆيۈم ۋە پەرقسىز مۇئامىلە قىلىشى كۈچلۈك قارشىلىق، ئەندىشە ۋە ئۈمىدسىزلىنىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ھەقتە كەمۈ ئۆزىنىڭ «سىسۇڧۇسنىڭ ئەپسانىسى» دېگەن ئەسىرىدە مۇنداق دەيدۇ:
ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ بۇ نۇقتىسىدا ئادەم ئەقىلسىز بىلەن يۈزمۇ يۈز تۇردى. ئۇ قەلبىدە بەخت ۋە ئەقىلگە بولغان ئىنتىلىشنى ھېس قىلدى. بىمەنىلىك ئىنساننىڭ ئېھتىياجى بىلەن دۇنيانىڭ ئەقىلگە سىغماس سۈكۈتى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتىن تەۋەللۇت بولىدۇ. بۇ ئۇنتۇلماسلىقى كېرەك. بۇنىڭغا چوقۇم چىڭ يېپىشىش كېرەك، چۈنكى ھاياتنىڭ بارلىق ئاقىۋىتى ئۇنىڭغا باغلىقتۇر. ئەقلىيسىزلىك، ئىنساننىڭ سېغىنىشى ۋە بىمەنە قاتارلىقلار ئۇلارنىڭ ئۇچرىشىشىدىن بارلىققا كېلىدۇ...[iii] (تەكىتلىمە قوشۇلدى)
كەمۈنىڭ قارىشىدىكى بىمەنىلىك چۈشەنجىسىدە، ئادەمنىڭ ئىنتىلىشى بىلەن دۇنيانىڭ سۈكۈتى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ھاياتنىڭ مەنىسىزلىكىنىڭ مۇھىم ئامىللىرىدۇر. ۋەھالەنكى، بۇ ئادەمنىڭ ئۆز خام خىيالىدا كائىناتنى ئادەملەشتۈرۈپ قارىۋېلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. يەنى ئادەم ئۆزى ياشاۋاتقان كائىناتتىن ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا قارىتا بىرەر نىشان، يۆنىلىش ۋە سىمۋوللۇق بەلگىنى خۇددى ئۆزى چوڭ بولغان بىر ئائىلىنىڭ مۇھىتىدىن كۈتكەندەك كۈتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، كائىناتنىڭ مەۋجۇت بولۇشىنىڭ ھېچقانداق مەقسىتى يوق—ياكى مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇ ياكى ئىنسان ئۈچۈن مەۋجۇت بولۇپ تۇرمايدۇ ياكى ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ مەقسىتى ئىنساننىڭ مەقسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئەمەستۇر. ئادەم ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىنالايدۇ. ئەمما، شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، كائىنات ئىنساننىڭ مەۋجۇتلۇقىنى دەستەكلەش ئۈچۈن ئاپىرىدە بولمىغان. ئۇنىڭدا ئىنساننىڭ پەيدا بولۇشى، بىر ئاتېئىست ئۈچۈن، ساپ تاسادىپىيلىقتۇر—ئىنساننىڭ پەيدا بولۇشى كائىنات مەلۇم مومېنتلىرىدا يۈز بەرگەن تاسادىپىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ مەھسۇلىدۇر. ھەتتا بۇ ئۆزگىرىش تاسادىپىيلىق ئەمەس بەلكى كائىنات ھەرىكىتىنىڭ زۆرۈرىيىتىدىن كېلىپ چىققان دەپ قارالغان تەقدىردىمۇ، بىر ئاتېئىست ئۈچۈن ھاياتنىڭ باشلىنىشىنىڭ سەۋەبى ئۇنىڭ ئىختىيارىسىز يۈز بەرگەن. شۇنىڭدەك، بۇ ئۆزگىرىشلەر ئۇنىڭ ئىختىيارىغا بوي سۇنمايدۇ. مانا بۇ نۇقتا ئۇنى ئەڭ تىرەن قايمۇقۇشقا چۆمدۈرىدۇ—ھاياتنىڭ تاسادىپىيلىقى بىلەن كائىناتنىڭ ئىنساننىڭ ئىرادىسى سىرتىدىكى قانۇنىيىتى ئادەمگە ئەقلىي نۇقتىدىن بىر-بىرى بىلەن سىغىشالمايدىغاندەك بىلىنىدۇ.  
يەككە شەخس نۇقتىسىدىن ئالغاندا، ئۇنىڭ ھاياتى كائىنات ئالدىدا ھېچقانداق ئىچكى قىممەتكە ئىگە ئەمەس. ئادەم تاسادىپىي ھالدا كائىناتتا ئاپىرىدە بولغان. بىمەنىلىك شۇكى، كائىناتنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىلەن ئىنساننىڭ مەۋجۇتلۇقى بىر-بىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىككى خىل مەۋجۇتلۇق ھالىتىدۇر—ھەتتا كېيىنكىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئالدىنقىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا تايانسىمۇ. بۇ بىمەنلىك تۇيغۇسىغا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ قارىساق، كېلىشتۈرگىلى بولمايدىغان مۇنداق توقۇنۇشنى بايقايمىز: كائىناتنىڭ ھەرىكىتىنىڭ مەقسەتسىزلىكى بىلەن ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىگە مەقسەت بېكىتىشكە ئۇرۇنۇشى.
دەرھەقىقەت، كائىنات ئۆز-ئۆزىدىن يېتەرلىك بولغان بىر سىسېتىمىنىڭ توختاۋسىز ھەرىكىتىدىن تۈزۈلگەن. ئۇنىڭدا ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىدىن سىرت تۇرىدىغان ھېچقانداق مەقسەت يوق. ئۇ ئېھتىمال چەكسىز، مەڭگۈلۈك ۋە ئۆز-ئۆزىدىن يېتەرلىك بىر ماكان-زامان بوشلۇقى بولۇشى مۇمكىن؛ ئەمما، ئادەم چەكلىك، پانىي ۋە ئۆز-ئۆزىدىن يېتەرلىك بولمىغان مەۋجۇداتتۇر. ئۇ مەقسەتسىز دۇنيادا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ مەنىسىنى ئىزدەشكە قالغان مەۋجۇداتتۇر. ئۇ مەقسەتسىزلىكنى ئىنكار قىلغۇچىدۇر—ئۇنىڭ ئۈچۈن، كائىناتقا ئوخشاش مەقسەتسىز بولۇش قورقۇنچلۇقتۇر. چۈنكى، كېلىشىدە ، ياشىشىدا ۋە كېتىشىدە ھېچ بىر مەقسەت بولماسلىق ئۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزى بىللە ياشاۋاتقان ئالەمدىكى ماددىلار ئوتتۇرىسىدىكى تۈپكى پەرقىنى يوققا چىقىرىدۇ. ئادەممۇ خۇددى كائىناتنىڭ قانۇنىيىتىگە خۇددى بىر يۇلتۇزدەك، ياكى بىر كىچىك سەييارىدەك مەقسەتسىز، مېخانىك ۋە تەكرارىي شەكىلدە توختاۋسىز بوي سۇنغان بولىدۇ. ئادەمنى ئەڭ قورقۇنچقا سالىدىغىنى ئۇنىڭ يات، بىكۆيۈم ۋە ماددىيلىقتىن تەشكىل تاپقان چەكسىز سىستېمىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇشى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدا باشقۇرۇلىۋاتقان بارلىق ماددىلار بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ يوقىلىشىدۇر—ئادەمنىڭ ئېڭىنىڭ ھەم روھىنىڭ چەكسىز ماددىيەت ئالىمىدە يوقىلىشىدۇر. بۇ يوقىلىش ئادەمنى ماددىلاشتۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن ئۆزىگە مەقسەت بولۇشتەك قابىلىيەتنى تارتىۋالىدۇ. ئۇنى كائىناتقا ئىختىيارسىز تاشلانغان،  ئۇنىڭدا ئىختىيارسىز لەيلەپ يۈرىدىغان ۋە ئۇنىڭدىن يەنە شۇنداق ئىختىيارسىزلىق بىلەن يوقىلىدىغان بىر مەقسەتسىز جەريانغا كىرگۈزىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇشبۇ بىمەنىلىكنىڭ ئىككىنچى قىسمى شۇكى، ئادەم ئاڭغا ئىگىدۇر. ئۇ كائىناتنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى، ئۇنىڭدىكى ماددىلارنى ۋە باشقا ئادەملەرنى ئىدراك قىلالايدۇ، ئويلىيالايدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئىپادىيەلەيدۇ. ئەگەر ئالەمدە ئادەمدىن باشقا زېھىنلىك يەنە بىر جانلىق يوق دەپ قارالغىنىدا—ھازىرغىچە بۇ ھەقتە بۆسۈش خاراكتېرلىق بىر بايقاش يوق ئەھۋالدا—ئادەم ئاڭغا ئىگە بولۇش سۈپىتى بىلەن، كائىناتتا يېگانىدۇر. شۇنىڭغا كۆرە، ئادەمنىڭ يۈزلىنىدىغىنى چەكسىز ۋە ئەقىل ھەم تەسەۋۋۇردىن ھالقىپ كەتكەن سۈكۈتتىكى ئالەم بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئاڭ بولمىغان ماددىلارنىڭ سىستېمىسىدۇر. بۇ يەردىكى سۈكۈت ئاۋازنىڭ يوقلۇقى ياكى يىتكەنلىكىنى كۆرسەتمەستىن، بەلكى ئاڭلىق ئىنسان بىلەن ئاڭسىز ئالەم ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشتۈرگىلى بولمايدىغان ئايرىلىپ تۇرۇش ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ—ئۇلار ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق بىر دىئالوگنىڭ مەۋجۇت بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئايرىلىپ تۇرۇش ھالىتى شۇنى ئىشارە قىلىدۇكى، ئىنسان ئاڭلىق ھالدا مەيلى قانچىلىك دەرىجىدە ئالەمنى چۈشەنسۇن، ئۇنى قېدىرسۇن ۋە ھەتتا بوي سۇندۇرۇشقا ھەرىكەت قىلسۇن، كائىناتنىڭ ئۇنىڭغا قايتۇرىدىغان ئىنكاسى پەقەت سۈكۈتتۇر.
مېتافىزىكا نۇقتىسىدىن ئالغاندا، ھايات ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنىڭ ياشىشى ھەققىدىكى تەجرىبىلىرىنىڭ يىغىندىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئېڭىدا ئەكس ئەتتۈرۈشىنىڭ بىۋاسىتە مەھسۇلىلا ئەمەس. شۇ نۇقتا تەكىتلىنىشى كېرەككى، بىز تىلغا ئېلىۋاتقان ھايات بىر مەۋجۇتلۇق جەريانى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىنسانلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. بىز دائىم باشقىلارنىڭ «بىر دەرەخنىڭ ھاياتى» ۋە «بىر كىتابنىڭ ھاياتى» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. بۇ شۇ دەرەخنىڭ ياكى كىتابنىڭ «ئۆمرى» نى كۆرسىتىدۇ. يەنى ئۇنىڭ ئىنساننىڭ ئېھتىياجىغا كۆرە، ئىدراكلانغان، بېكىتىلگەن ۋە ھۆكۈم قىلىنغان «ھاياتى» نى كۆرسىتىدۇ. ئىنسانسىز بىر كىتابنىڭ ھاياتىنى قىياس قىلالمىغىنىمىزدەك، بىر دەرەخنىڭ ھاياتىنىمۇ قىياس قىلالمايمىز. ئەمما، كىتاب ئىنسانىسىز مەۋجۇت بولالمايدۇكى، دەرەخ، يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، مەۋجۇت بولالايدۇ. يەنى، كىتاب ئىنساننىڭ ئىلىمگە بولغان ئېھتىياجى سەۋەبلىك ياسىلىدۇ؛ ۋەھالەنكى، دەرەخ، گەرچە ئىنسان ئۇنىڭغا ئېھتىياجلىق بولسىمۇ، ئىنسان تەرىپىدىن ئاپىرىدە قىلىنمايدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بىز «ھايات» دېگەن بۇ ئۇقۇمنى جانسىز شەيئىلەرگە تەدبىق قىلغىنىمىزدا، شەكسىزكى ئۇ ئۇ بىر مۇناسىۋەتلىشىش خاراكتېرىدىكى شۇڭا نىسبىي ئۇقۇمغا ئايلىنىدۇ.
«ھايات» دېگەن بۇ ئۇقۇم نەتىجىدە ئادەمنىڭ مەقسىتى ئاساسىدا مەنە ئاتا قىلىنىدىغان جەرياننى ئىپادىلەشكە قارىتىلىدۇ. ئەگەر دۇنيادىكى بارلىق شەيئىلەرنىڭ ھەممىسىنى «ھايات» دەپ قارىساق، ئۇ ئۆلۈم بىلەن قارىمۇ قارشى مەنىدە ئەمەس، بەلكى ئادەمنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان دۇنيادىكى شەيئىلەر بىلەن بىللە بىللە مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىش مەنىسىدە قوللىنىلىشىدۇر. بىر كىتاب، ئەلۋەتتە، ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ—ئەگەر ئۇ كۆيدۈرۈلسە ياكى يىرتىپ تاشلانسا، ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى توختىغان بولىدۇكى، ھەرگىزمۇ ئۆلگەن بولمايدۇ. ئەمما، دەرەخ قۇرۇپ كەتسە «دەرەخ ئۆلدى» دېيىلىدۇ. شۇڭا، ھايات دۇنيادىكى ئورگانىك جانلىقلارنىڭ مەۋجۇتلۇق ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ يەردىكى مۇھىم نۇقتا شۇكى، ھايات ئىنساننىڭ ئېڭى ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلىدىغان جەرياندۇر. ئەگەر پۈتكۈل كائىناتنى غايەت زور ھايات سىستېمىسى دەپ قىياس قىلساق، ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ مەنىسى ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئېڭى ئارقىلىق ئۇنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئادەم ئۈچۈن بولىدۇ. ئادەمنىڭ دۇنيانى ئاڭقىرىشى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئاشۇ دۇنيادا ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرىشى بىلەن بىرىكىپ كېتىدۇ. ئىنسان ئۈچۈن ھايات بىر خىل مەۋجۇتلۇق شەكلى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بۇ مەۋجۇتلۇقنى ئۆز ئېڭىدا ئەكس ئەتتۈرۈش شەكلىدۇر. مانا مۇشۇ ئەكس ئەتتۈرۈشتە ئادەم دۇنيانىڭ ئۆزىگە ئالاقىدارلىقىنى ئىدراك قىلىدۇ. ئالاقىدارلىق ئىنساننىڭ مەنە ئاتا قىلىش يولىدۇر.   
كائىنات ئادەمنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا قىممەت ئاتا قىلالمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆزىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئاڭ ئەمەس. بۇنداق قابىلىيەت پەقەت ئىنساندىلا بار—ئىنسان ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى ئۆزى باھالىيالايدىغان ۋە ئۇنىڭغا قىممەت بېكىتەلەيدىغان بىردىنبىر جانلىقتۇر.  ئىنسان ئوبيېكتلارغا قىممەت ئاتا قىلغاندا، ئۆزىنىڭ ئۆلچىمىنى يەنى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى ئاساس قىلىدۇ. مەسىلەن، تاغدىكى بىر تاش بىر ئىنسان ئۈچۈن ھېچقانداق قىممەتكە ئىگە ئەمەس. ئەمما ئۇ ئۇ تاشنى ئۆزىنىڭ ئۆيىنىڭ ئۇلىنى قوپۇرۇشقا ئىشلەتكەندە، ئۇ شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ ئۈچۈن مەلۇم قىممەتكە ئىگە بولغان بولىدۇ. چۈنكى ئادەم بىلەن تاش مۇئەييەن ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقتا ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلىشىشدۇ. دېمەك، تاش ئۇنىڭ ئۈچۈن مەنىلىك ئوبيېكت بولىدۇ.

3.      مەنىسىزلىك

مەنىسىزلىكنىڭ مەنىسى زىتلىققا ئىگە—بۇ يەردە مەنىسىزلىكنى تەبىرلەشنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ مەنىسىنى بېكىتىشنى؛ ياكى ھېچ بولمىغاندا، ئۇنى بىر مەنە كاتېگورىيسىدە چۈشىنىشكە ئۇرۇنۇشنى كۆرسىتىدۇ. مەنىسىزلىك ئەلۋەتتە مۇئەييەن مەنىگە ئىگە؛ بولمىغىنىدا، ئۇنى بىرەر ئۇقۇمغا كىرگۈزۈشلا ئەمەس، بەلكى ئۇ ھەقتە سۆزلەشمۇ مۇمكىن بولمايتتى. ئۇنى مەنىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرىدۇ دېگەندىن كۆرە، ئىنسانغا قارىتا مەنىنىڭ يوقالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ دېيىش تېخىمۇ مۇۋاپىقتۇر. مەنىسىزلىك مەنىنىڭ مۇتلەق يوقلۇقىنى بىلدۈرمەيدۇ؛ ئەگەر ئۇنداق بولسا، ئۇ ھەقتە سۆزلەش مۇمكىن بولمايتتى، چۈنكى ساپ يوقلۇق ھەققىدە سۆزلەش مۇمكىن ئەمەس. مەنىسىزلىك مەنىنىڭ بېسىۋېلىنغانلىقىنىڭ ئاقىۋىتىدۇر—ئۇنىڭدا خۇددى يوقلۇق بارلىقنى بېسىۋېلىنىۋاتقاندەك بىلىنىدۇ. خۇددى يوقلۇقنىڭ مەنىسى ھەققىدە سۆزلەش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇنى بارلىق سۈپىتىدە سۆزلەش ۋە شۇئارقىلىق، زىت نۇقتىدىن، ئۇنى يوقلۇقلاشتۇرغاندەك، مەنىسىزلىك ھەققىدە سۆزلەش ئۈچۈنمۇ ئۇنى ئاۋال بىرەر مەنىگە ئىگە قىلىپ سۆزلەش ئارقىلىق ئۇنىڭ مەنىسىنى ئىنكار قىلىش كېرەكتۇر. مەقسەت ئۇنىڭ ئەنە شۇ ئىنكار قىلىشنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان ھەقىقىي يۈزىنى كۆرۈشتۇر.
كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، ھاياتنىڭ مەنىسىزلىكى ئۇنىڭ مەنىسىدەكلا مۇرەككەپتۇر. بىز ھاياتنىڭ مەنىسىزلىكى ھەققىدە توختالغىنىمىزدا، ئادەتتە ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئىنساندا قانداق كەيپىياتلارنى بارلىققا كەلتۈرىدىغانلىقىدىن قول سالىمىز. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، مەنىسىزلىك ئادەمگە ۋە ئادەمدە يۈز بېرىدىغان ئونتولوگىيىلىك ئۈنۈمنىڭ مەھسۇلىدۇر. بۇ ئۈنۈم، مۇقەررەر ھالدا، ئوخشىمىغان كەيپىياتلار بىلەن باغلىنىدۇ—بۇ كەيپىياتلار شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئادەمنىڭ بۇ دۇنيادىكى ياشاش ھالىتىنى تېخىمۇ تىرەن نۇقتىدىن ئايان قىلىدۇ. شۇنىڭغا كۆرە، تۆۋەندە بىز مەنىسىزلىك بارلىققا كەلتۈرىدىغان تۆۋەندىكى تۆت كەيپىيات ھەققىدە توختىلىمىز:
بىرىنچى، مەنىسىزلىك ئىنساننىڭ ئېڭى بىلەن دۇنيا ئوتتۇرىسىدىكى ياتلىشىشنىڭ مەھسۇلىدۇر. يەنى، ئىنساننىڭ ئېڭى دۇنيادىن ئۆزى كۈتكەن ئەكس ئەتتۈرۈشكە ئېرىشەلمىگەندە، مەنىسىزلىك بارلىققا كېلىدۇ. بۇ ماھىيەتتە مېنىڭ مەۋجۇتلۇقۇمنىڭ ۋە دۇنيانى ئىدراك قىلىشىمنىڭ دۇنيا ئۈچۈن بەرىبىرلىكىنى كۆرسىتىدۇ. مەن دۇنيانى ئەكس ئەتتۈرۈش ئارقىلىق ئۇنى چۈشىنىشكە قانچىلىك ئىنتىلمەي، دۇنيادىن بۇنىڭغا قارىتا ھېچقانداق سادا كەلمەيدۇ. مەزكۈر بەرىبىرلىكنىڭ ئادەمدە قوزغايدىغان ھېسسى تاشلىۋېتىلىشتۇر—ئۇنىڭدا دۇنياغا ئاپىرىدىلىكتە تاشلىۋېتىلگەن ئادەمنىڭ كېيىن دۇنيا تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلىشىنى كۆرسىتىدۇ.بۇنىڭدا قوش قاتلاملىق تاشلىۋېتىلىش بار: دۇنياغا تاشلىنىش ۋە ئۇ  تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلىش. تاشلىۋېتىلىش ئادەمنى بېگانىلەشتۈرىدۇ. بېگانىلىقتا ئادەم ئۆزىنى دۇنيادا غېرىب، ئۇنىڭدىن ئازار يېگەن ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتسىز ھېس قىلىدۇ. بۇ ھېسلار ئادەمگە ئۇ تاشلانغان دۇنيانىڭ ئۆزىگە بەرىبىرلىكىنى بىلدۈرىدۇ.  
ئىككىنچىسى، دۇنيانىڭ مەنىسىنىڭ ئادەمگە بەرىبىرلىكى. ئۇنىڭدا ئادەمنىڭ دۇنياغا بولغان ھەۋىسى، قىزغىنلىقى، ئۇنى ئىدراك قىلىش ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىشكە بولغان ئىرادىسى ئاللىقاياقلاردىدۇر «ئېسىلىپ» قالىدۇ. توختايدۇ. بۇنىڭ ئادەمدە قالدۇرىدىغان ھېسسى زېرىكىشتۇر. زېرىكىش ئادەمنىڭ دۇنيانىڭ مەنىسىگە بولغان قىزىقىشىنىڭ ئۈزۈل-كېسىل يوقالغانلىقىنىڭ ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلەشتۈرۈش قىزىقىشىنىڭ يوقالغانلىقىنىڭ مەھسۇلىدۇر. ئالدىنقى كەيپىياتتا، دۇنيا ئۈچۈن، ئادەمنىڭ ئۇنى چۈشىنىشى قانچىلىك دەرىجىدە بەرىبىر بولسا، بۇنىڭدا ئادەم ئۆزىنىڭ دۇنيانى چۈشىنىشىنىڭ شۇنچىلىك بەرىبىرلىكىنى ھېس قىلىدۇ. زېرىكىش، ھايدېگېر ئۆچۈن، مەۋجۇداتنىڭ ۋاقىت قۇرۇلمىسىنى ئايان قىلىدىغان كەيپىياتتۇر. ئۇ پانىي ۋاقىت قۇرۇلمىسىنىڭ مەۋجۇداتنى باسىدىغان ھازىردا كېڭىيىشىنى كۆرسىتىدۇ. ھايدېگېر بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
بىز نېمىشقا ئۆزىمىزگە بىرەر مەنىنى—يەنى بارلىقنىڭ ماھىيەتلىك مۇمكىنچىلىكىنى—تاپالماس بولۇپ قالدۇق؟ بۇ بىز مەنبەلىرىنى بىلەلمەيدىغان زېرىكىشنىڭ ھەممە شەيئىدىن چىقىپ بىزگە قاراپ ئەسنەۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبىدىنمۇ؟ بىز چوقۇم ئۆزىمىزنى قايتىدىن ئۆزىمىزگە قىزىقىدىغان قىلىشىمىز كېرەكمۇ؟ بىز نېمىشقا بۇنى چوقۇم قىلىشىمىز كېرەك؟ بەلكىم بۇ ئېھتىمال ئۆزىمىزدىن زېرىككەنلىكىمىزنىڭ سەۋەبىدىنمۇ؟ بۇ شەيئىلەرنىڭ تىرەن زېرىكىشتە خۇددى سۈكۈتتىكى تۇمانغا ئوخشاش ئادەمنىڭ تەگسىز چوڭقۇرلۇقلىرىدا ئالدىغا كېلىپ ۋە ئارقىغا يېنىپ، ئاداققى نۇقتىدا بىز بىلەن بىللە تۇرۇشىمۇ؟[iv]
                ھايدېگېر ئۈچۈن، زېرىكىش، خۇددى ئەندىشىگە ئوخشاش، ئادەمنىڭ بۇ دۇنياغا بولۇشىدىكى ماھىيەتلىك كەيپىياتتۇر. ئۇ ئۆزلۈكنىڭ ئۆزىنى زېرىكىشتە ۋە زېرىكىش ئارقىلىق ئۇنتۇشىنى—ھەتتا ئۆزىنىڭ زېرىككەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇشىنى—ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.             بىزنىڭ نەزەرىمىزدە، زېرىكىشتە ئادەم ئۆزىنى بارلىققا باغلىيالمايلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۆزىگىمۇ باغلىيالمايدۇ. زېرىكىشتە، ۋاقىت قۇرۇقدىلىدۇ، خۇددى قۇرۇق ئۆتىۋاتقاندەك؛ ئادەم ئۇنىڭدا ۋە ئۇنىڭدىن نىشانسىز ھالدا توختىماستىن ئۆتىدۇ... تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇنىڭدا ئۆزلۈك قۇپقۇرۇقچىلىققا تاشلىنىدۇ. ئۇ تاشقى دۇنياغا بولغان قىزىقىشنىڭ يوقالغانلىقى ھەققىدىكى ئەمەس،  بەلكى ئادەم قىزىققۇدەك دۇنيانىڭ يوقلۇقى ھەققىدىكى كەيپىياتتۇر. ئۇنىڭدا قىزىقىش—خۇددى مەنىسىز ئۆتىۋاتقاندەك بىلىنىدىغان ۋاقىتتەك—دۇنياغا زورمۇ زور ۋە بىھۇدە باغلىنىۋاتقاندەك بىلىنىدۇ.
                زېرىكىشتە دۇنيا مەنىسىز بىلىنىدۇ—بۇ ھەرگىزمۇ ئۇنىڭدا ئەزەلىي مەۋجۇت بولغان مەنىنىڭ ئۆزىنى نامايان قىلىشتىن قالغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. ئەكسىچە، ئۇ ئەسلىدىن ھېچقانداق مەنىسى يوق دۇنيانىڭ قىلچە پەردازسىز، يالىڭاچ، رەت قىلغۇسىز ۋە شەپقەتسىز بىر شەكىلدە ئۆزىنى ئايان قىلىشىدۇر. ئەگەر ھايدېگېر ئۈچۈن، زېرىكىش ئادەمنىڭ ماھىيەتلىك ۋاقىت قۇرۇلمىسىنى ئايان قىلسا، بىز ئۈچۈن ئۇ دۇنيانىڭ ئەسلىدىن بىزنىڭ نەزەرىمىدىن كۆپ ھاللاردا قاچىدىغان مەنىسىزلىكىنىڭ ئايان قىلىنىشىدۇر. شۇنىڭغا كۆرە، زېرىكىشتە ئادەم بەدرەڭلەشكەن دۇنياغا يۈزلىنىدۇ—بۇ بەدرەڭلىك ئادەمگە ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ بەدرەڭلىكىگە بولغان سېزىمچانلىقىنى قايتا قوزغايدۇ.  
                زېرىكىشتە دۇنيا تايىنى يوق بىلىنىدۇ. دۇنيانىڭ قىزىققۇچىلىكىنىڭ يوق بولۇشىغا قارىماي، ئادەم يەنە ئۇنىڭدىن كۆزىنى ئۈزەلمەيدۇ، دىققىتىنى باشقا ياققا بۇرىيالمايدۇ. ئۇنىڭدا ئادەمنىڭ دىققىتى ئۆزى بىلەن ئۇ تىكىلىپ تۇرغان دۇنيا ئوتتۇرىسىدا مەقسەتسىز، نىشانسىز ۋە قەرەلسىز لەيلەپ قالىدۇ—قىزىققۇچىلىكى يوق دۇنيا بىلەن قىزىقىشى يوق ئۆزلۈك بىر خىل چۈشىنىكسىز شەكىلدە بىر-بىرىگە ھېچ بىر قىزىققۇچىلىكى يوق ھالدا تىكىلىپ تۇرىدۇ. ھېچقانداق ھېس ئۆز-ئارا ئالماشمايدۇ. پەقەت قۇرۇقتىن قۇرۇق تىكىلىپ تۇرۇشلا ئۇلارنى بىر-بىرىگە باغلاپ تۇرىدۇ.
زېرىكىش ئىنتايىن كۆڭۈلسىز كەيپىياتتۇر. تېخىمۇ توغرىسى، زېرىكىش ئىنتايىن زېرىكىشلىكتۇر. ئۇنىڭ كۆڭۈلسىزلىكى ھەرگىزمۇ ئادەمنىڭ ئۇنىڭدا بوش-بىكار قالغانلىقى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ دەل مۇشۇ بوش-بىكارلىقنى توختىتالىشىنىڭ مۇمكىنسىزلىكىدۇر. ئۇ ئادەمنىڭ بوش-بىكارلىقتا توختاپ قېلىشى، ئۇ تەرىپىدىن يۇتۇۋېلىنىشى ۋە ھەتتا ئۇنىڭدا غايىب بولۇشىدۇر. زېرىكىشتە ئادەم مەۋجۇتلۇقنىڭ خۇددى ئادەمنى بىزار قىلىدىغان چىۋىندەك گۇڭۇلداۋاتقان يېقىمسىز ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ.  بۇ ئاۋازنى توختاتقۇدەك بىر قۇدرەت يوق. ئىرادە تېخىمۇ يوق. ئىدراك تېخىمۇ يوق. بۇ يوقلۇققا يۈزلىنىش، ئۆزلۈك-ئىدراكىدىن ئايرىلىش ۋە خۇددى دۇنيادەك مەنىسىزلىشىش جەريانىدۇر. بۇ ھالەتنى كىركېگارد مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: «زېرىكىش بارلىق رەزىللىكنىڭ مەنبەسىدۇر.»
ئۈچىنچىسى، ئۆزلۈكنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە بولۇشىنىڭ بەرىبىرلىكى. زېرىكىشنىڭ تىرەنلىرىدە، ئۆزلۈك دۇنيانىڭ ئەھمىيەتسىزلىكىنىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئەنە شۇ ئەھمىيەتسىز دۇنيادا ياشاشنىڭمۇ ئەھمىيەتسىزلىكىنى ھېس قىلىدۇ. دۇنياغا ئۆزىنى باغلىيالماسلىق ئادەمنى ئۆزى بىلەن باغلىيالماسلىققا ئېلىپ بارىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ئۆز-ئۆزىدىن ئاجراپ كېتىش يۈز بېرىدۇ.  بۇ خۇددى دەرەختە قۇرۇپ قالغان يوپۇرماقنىڭ ئۇنىڭدىن ئاجراپ، يەرگە لەيلەپ چۈشۈشىگە ئوخشايدۇ. ئۇ بىر ھاياتتىن بەزگەنلىك كەيپىياتىدۇر. ئۇ ئادەمنىڭ ئۆزىگە بىئىختىيار ياكى قارشىلىقىنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقانلىقى بىلىنگەندىن كېيىن جىممىدە يىقىلىشىدۇر. مەۋجۇتلۇقتىن بەزگەندە، ئۇنى ئىدراك قىلىۋاتقان ئۆزلۈك ئۆزىنىڭ ھاياتىنى قۇپقۇرۇق، مەقسەت-نىشانسىز ۋە تاسادىپىي ھېس قىلىدۇ. تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېيتقاندا، قۇپقۇرۇقلۇقتا ھەممە نەرسە بىر-بىرى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، غەلىتە شەكىلدىكى بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭدا ئۆز بىلەن دۇنيا، ئۆز بىلەن ئۆزگە ۋە ئۆزلۈكنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىلەن ئۇنىڭ ئېڭى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق يوقايدۇ.
تۆتىنچىسى، بەرىبىرلىكنىڭ بەرىبىرلىكى. بۇ مەنىسىزلىكنىڭ ئەڭ تۆۋەن نۇقتىسىدۇر. ئۇنى مەۋجۇتلۇقنىڭ دەھشىتىنىڭ ئۆزىنى ئاشكارىلىشى دېيىش مۇمكىن. ئۇ ھازىرقى مۇھاكىمىمىزنىڭ نوقۇل ھالدىكى لوگىكىلىق تەرەققىياتى ئەمەس، بەلكى ئۇ قۇپقۇرۇقلۇقتا ھېچقانداق ئۆزلۈكنىڭ يوقلۇقىنى—تېخىمۇ توغرىسى قالمىغانلىقىنى—كۆرسىتىدۇ. ئۆزلۈك بولمىغان دۇنيادا بەرىبىر دەپ قاراش بىلەن قارىماسلىقنىڭ پەرقى تۈگەيدۇ، چۈنكى بۇ يەردە بۇنداق پەرقنى ئىدراك قىلىدىغان ئۆزلۈك يوقالغان بولىدۇ. ئۆزلۈكسىز دۇنيادا، ياشاش بىلەن ياشىماسلىقنىڭ، ھازىردا بولۇش بىلەن كەلگۈسىنى كۈتۈشنىڭ، ئۈمىد بىلەن ئۈمىدسىزلىكنىڭ پەرقى غۇۋالىشىدۇ. ئادەم ئۈچۈن ياشاشنى تاللاش بىلەن ئۆلۈمنى تاللاش ئوتتۇرىسىدا قىممەت جەھەتتىكى ئەھمىيەت يوقىلىدۇ. دۇنيا نىھىلىستىك دۇنياغا ئايلىنىدۇ. بۇنداق دۇنيادىكى ئاساسلىق كەيپىيات ھەممە نەرسە—ھەممە قىممەت—يوقالغانلىق كەيپىياتىدۇر.
ئەمما ئەنە شۇ مىنۇتتا، ئەنە شۇ ئالاھىدە مۇھىتتا، ھەممە نەرسىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى ھېس قىلىنىدىغان ئاشۇ چاغدا، ئادەمدىكى مۇنداق بىر مۇمكىنچىلىك تۇيۇقسىز ئوتتۇرىغا چىقىدۇ—تاللاش، ھەتتا ھازىر بىلەن كېيىننى،  ھايات بىلەن ئۆلۈمنى ۋە بارلىق بىلەن يوقلۇقنى تاللاشتىن ھېچقانداق بىر نەتىجە كېلىپ چىقمايدۇ دەپ قارالسىمۇ؛ ياكى ھەتتا تاللاش ئادەمنى يەنە بىر قېتىم—خۇددى يەنە بىر قېتىملىق خورلۇقتەك—مەنىسىزلىككە، قۇپقۇرۇقلۇققا ۋە تەلتۆكۈس ئۆمىدسىزلىككە غەرق قىلسىمۇ؛ ۋە ياكى ھەتتا ھەرقانداق تاللاش ھەممە نەرسە ئاخىرلاشقاندا ئاللىبۇرۇن ئاخىرلاشقان دەپ قارالسىمۇ. بۇنداق دۇنيادا ئادەم نېمىنى تاللىسۇن، ئۇنىڭدا نە مەنە، نە قىممەت، نە ئەھمىيەت ۋە نە ئۈمىد بولماسلىقى مۈمكىن. ئەمما، بۇ يەردە ئادەم مەنە ئاتا قىلالمايدىغان ئەمما ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا مەنە ئاتا قىلالايدىغان، ئادەم قىممەت بېرەلمەيدىغان ئەمما ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى قىممەتكە ئىگە قىلىدىغان، كەلگۈسىدىن يۈزىنى ئۆرىگەن ئادەمنى يەنىلا مانا مۇشۇ كەلگۈسىگە يۈزلەندۈرىدىغان مۇنداق بىر نەرسە بار—ئەركىنلىك.
ئادەمنىڭ ئەركىنلىكى ئۇنىڭ مەنە ئىزدەش يولىدىكى ئىزدىنىشلىرىنىڭ نەتىجىسى بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئەڭ ئەھمىيەتسىزلىكى، بەرىبىرلىكى ۋە قۇپقۇرۇقلۇقى بىلىنگەن ئاشۇ مىنۇتتا ئەڭ ئېنىقى بىلەن ئايان بولىدىغان مۇمكىنچىلىكتۇر—ئۇ تاللىيالمايدىغان ئەمما ئۇنى تاللايدىغان مۇمكىنچىلىكتۇر. ئۇ مەنە ۋە مەنىسىزلىكتىن ھالقىغان، گەرچە ئۇ مەنىسىزلىكنىڭ ئەڭ تىرەنلىرىدە ئۆزىنى ئايان قىلسىمۇ. ئادەمنىڭ ئەركىنلىكى ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ مەلۇم مەنىگە ئىگە ياكى ئىگە ئەمەسلىكنى بىلدۈرىدىغان ئامىل ئەمەس. چۈنكى ئۇ ھاياتنىڭ مەنىلىكلىكى ۋە مەنىسىزلىكىدىن ئىلگىرى تۇرىدۇ. ئۇ بارلىق بەرىبىرلىكلەرنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنى مىسالغا ئالايلى. ئۇ ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ھاياتىنىڭ مۇتلەق خوجايىنى ئىكەنلىكىنى شۇڭا ئۇنى ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە بىر تەرەپ قىلالايدىغانلىقىنى نامايان قىلىشنىڭ ئەڭ رادىكال شەكلىدۇر. ئۇ ئادەمنىڭ ئۆز ھاياتىدا ئۆزىنىڭ ھەل قىلىش قابىلىيىتىدىن ھالقىپ كەتكەن (كرىزىسلىق) مەسىلىنىڭ ئاقىۋىتى سۈپىتىدىكى مەنىسىزلىكنى ئەركىنلىكى ئارقىلىق ئاخىرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭغا يەنە بىر خىل مەنە ئاتا قىلىشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىدۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇ ھاياتنىڭ بىرەر مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئۇنى ئۈزۈل كېسىل ئىنكار قىلىش ئارقىلىق قايتىدىن جەزملەشتۈرۈشتەك زىتلىققا تولغان ھەرىكەتتۇر. شۇ نۇقتا دىققەتتىن ساقىت قىلىنماسلىقى كېرەككى، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنىڭ ئىنكار قىلالمايدىغىنى—ياكى «ھەل قىلالمايدىغىنى»--ئۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئۇ موھتاج بولىدىغان ئەركىنلىكتۇر. يەنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈشنىڭ «ئۆلتۈرەلمەيدىغىنى» ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش ئەركىنلىكىدۇر.
يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئەگەر مەۋجۇت بولۇشنىڭ ئۆزى بىر مەنە دەپ قارالسا، مەۋجۇت بولماسلىقمۇ ھەم شۇنداقتۇر. ۋەھالەنكى، مەۋجۇت بولۇش بىلەن بولماسلىقنىڭ ھەر ئىككىسى ئىنكار قىلالمايدىغان ھەقىقەت شۇكى، تاللاش مەۋجۇداتنىڭ مەۋجۇتلۇق كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھەر بىر تاللاش، مەيلى ئۇ قانچىلىك شەخسىي ھەرىكەت بولسۇن، دۇنيانىڭ مەنىسىزلىك تەرتىپىنى بۇزىدۇ. ھەر بىر تاللاشتا—ھەتتا بۇ بىر پاسسىپ، ۋەيران قىلىشچان ۋە نېگاتېڧ تاللاش بولسىمۇ—ئادەم يېڭى بىر مەنىنى دۇنياغا تونۇشتۇرىدۇ. شۇ ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قايتا تاللايدۇ. مەسىلەن، بىر ئادەمنىڭ بىر گۈلنى ئەمەس بەلكى بىر ناننى تاللىشى ئۇنىڭ دۇنياسىغا يېڭى بىر مەنىنى قېتىش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى، تېخىمۇ تىرەن نۇقتىدىن ئالغاندا، ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئاشۇ يېگانە ۋە ئالاھىدە تاللاش ئارقىلىق يېڭىۋاشتىن تاللاشتۇر—ئادەمنىڭ ناننى تاللاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ دۇنياسىغا مەنە بېرىشى ماھىيەتتە ئۇنىڭ ئۆزىنى ئاشۇ دۇنيادا قايتا تاللىشىدۇر.
مەۋجۇتلۇق قايتا-قايتا تاللىنىدىغان مۇمكىنچىلىكتۇر. ئەڭ ئاداققى نۇقتىدا، مەنە بىلەن مەنىسىزلىكنىڭ مەنىسى ئادەمنىڭ تاللىشىدا—ئەركىنلىكىدە—ئۆزىنىڭ مۇھىملىقىنى يوقىتىدۇ. چۈنكى ماھىيەتلىك نۇقتا ھاياتنىڭ بىرەر مەنىگە ئىگە ياكى ئەمەسلىكى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ قايتا-قايتا تاللىنىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بار-يوقلۇقىدۇر. مەنە ۋە مەنىسىزلىك پەقەت مانا مۇشۇ تاللاشنىڭ قالدۇقىدۇر.  

4.      ئەركىنلىكتە ئۈمىد ۋە ئۈمىدسىزلىك

ئادەم مەنە ئىزدىگۈچىدۇر. ئادەمنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان دۇنيادىن مەنە ئىزدىشى تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا ئۇنىڭ مەنىسىزلىكنى قوبۇل قىلماسلىقىلا ئەمەس. ئۇ يەنە مەنىسىزلىك ئايان قىلغان ئاشۇ مىنۇتتا ئادەمنىڭ ئۆزىگە قايتىشنى قوبۇل قىلىش-قىلماسلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مەنىسىزلىك دۇنيادا تاشلىۋېتىلگەن، ئۇنىڭدىن ياتلاشقان، ئۆزىدە زېرىكىشتە سۇنغان، دۇنيادىن بەزگەن ۋە ئۈمىدى ئۈزۈلگەن ئاشۇ ئۆزلۈكنى ئۆزىگە قايتۇرىدۇ—ئۇنىڭ ئەركىنلىكىنى ئۇنىڭغا قايتا نامايان قىلىدۇ، ئۇنىڭ تاللاش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنى قايتا ئەسكەرتىدۇ. مەنىسىزلىك، بۇ مەنىدىن، ئادەمنىڭ ئۆزىگە يېڭىۋاشتىن يۈزلىنىش مۇمكىنچىلىكىدۇر—ئۇنىڭ ئۆزىگە قايتىش، ئۆزىنى تاللاش ۋە ئۆزى بىلەن ئەڭ ھەقىقىي شەكىلدە بىللە بولۇش مۇمكىنچىلىكىدۇر.
مەنىسزلىك، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئادەم چەكلىمىسىز قوغلىشىدىغان خېدونىستىك[v] شادلىقلارنىڭ بىھۇدىلىكىنى، رومانتىزملىق ياشاش شەكلىنىڭ يۈزەلىكىنى ۋە ئۆزىنى ئۇنتۇپ دۇنياغا بېرىلىشنىڭ ساختىلىقىنى نامايان قىلىدۇ. ئۇ ھايات ھەققىدىكى تىرەن ئويلىنىشنىڭ باشلىنىشى بولماسلىقى مۇمكىن. ئەمما، ئۇ ھاياتنىڭ مەنىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ بۇ قېچىپ قۇتۇلغۇسىز سوئالغا سەمىمىيلىك بىلەن يۈزلىنىش جاسارىتىنى كۈتۈشنى كۆرسىتىدۇ.   
ئادەم، خۇددى كارل گۇستاڧ يۇڭ دېگەندەك، مەنىسىز دۇنياغا ياشىيالمايدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ مەنىسىز دۇنيانىڭ قورقۇنچلۇقىنىلا كۆرسەتمەيدۇ. بەلكى ئۇ ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ھېچقانداق بىر سەۋەب بىلەن باغلىيالماسلىقىدىن قورقۇنچتا قېلىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئەنە شۇ چاغدا ھاياتنىڭ ساپ تاسادىپىيلىققا ئىگىلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ساپ تاسادىپىيلىق، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەندىشە قوزغايدۇ. بۇ بىر يوقلۇق ھەققىدىكى ئەندىشىدۇر. مەنىسىزلىك مەۋجۇتلۇقنىڭ ھازىر بولۇشىدىكى ھەرقانداق سەۋەبنى بىكار قىلىدۇ. تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېيتقاندا، مەنىسىزلىكتە ئادەم ھەتتا مەۋجۇتلۇقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغاندەك بىلىنىدىغان يوقلۇقتىن ئەندىشىگە چۈشىدۇ. ئۇ مەۋجۇتلۇقتىن (بارلىقتىن) يوقلۇققا يۈزلىنىش ئېلىپ كېلىدىغان ئېنىقسىزلىق ھەققىدىكى ئەندىشىدۇر. ئەنە شۇ ۋاقىتتا، مەنىسىزلىكنىڭ تىرەن-تىرەنلىرىدە يوقلۇق ھازىر بولىدۇ. ئەركىنلىك دەل مانا مۇشۇ يوقلۇقتىن ئاپىرىدە بولىدۇ. ئۇ يوقلۇق ئارقىلىق دۇنيانىڭ بارلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ—ئۇ يوقلۇقتىن كېلىپ، بارلىقنىڭ تەرتىپىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. يەنى، تاللاش يوقلۇقتىن كېلىدۇ؛ يوقلۇقتىن كېلىدىغان ھەر بىر تاللاش بارلىقنىڭ تەرتىپىنى بۇزىدۇ—ئۇنىڭغا يېڭى مەنە ئاتا قىلىدۇ. شۇ نۇقتا تەكىتلىنىشى كېرەككى، تاللاشنىڭ ماھىيەتلىك تاللايدىغىنى بارلىقتۇر—بار بولۇشتۇر. مانا مۇشۇ نۇقتىدا، تاللاش بىلەن رېئاللىشىدىغان ئىنسان ئەركىنلىكى بارلىقنىڭ يوقلۇقتىن تاللىنىشىدۇر. ھەر بىر تاللاش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر بىر يەككە ئادەمنى بارلىق بىلەن يېڭىچە مۇناسىۋەتكە كىرگۈزىدۇ—ئۇنىڭغا يېڭى مەنە ئاتا قىلىدۇ. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقىنى ھەرگىزمۇ بىر ئادەمنىڭ تاللىشىنىڭ ئالەمنى ياكى ھاياتنى مەنىلىك قىلالايدىغان-قىلالمايدىغانلىق مەسىلىسى ئەمەس. بەلكى بۇ شۇ ئادەمنىڭ دۇنياسىدا—مەيلى بۇ دۇنيا قانچىلىك دەرىجىدە كىچىك ياكى چوڭ بولسۇن—يېڭى بىر تەرتىپنى، ئۆزگىرىشنى ۋە مەنىنى بارلىققا كەلتۈرۈش مەسىلىسىدۇر.
ئەركىنلىك تەبىئىتىدىن بىرەر مەنىگە ئىگە ئەمەستۇر. ئەمما، ئۇ ئادەمنىڭ تاللىشى ئارقىلىق ئۆزىگە، ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىگە ۋە ئۆزىنىڭ دۇنياسىغا مەنە ئاتا قىلىشىنى  دەستەكلەيدىغان مۇمكىنچىلىكتۇر. ھەتتا، بىر ئادەم مەنىسىزلىكنى تاللىسىمۇ، مانا مۇشۇ تاللاشنىڭ ئۆزى مەنىگە ئىگە—مەنىسىزلىكنى تاللاش يەنىلا بىر مەنىنى تاللاشتۇر. ئەركىنلىك ھەر ۋاقىت ياخشىلىقنى تاللىمايدۇ—ئادەم ھەتتا ئەركىنلىكى بىلەن مەنىسىزلىكنى، بىمەنىلىكنى، رەزىللىكنى ۋە ھەتتا ئۆلۈمنى تاللىشى مۇمكىن. ھەتتاكى، ئادەم مەنىسىزلىك ئالدىدا چوڭقۇر ئۈمىدسىزلىككە مۇپتىلا بولۇشى، ئۆزىنى ئۇنىڭدا يىتتۈرۈۋېتىشى ۋە ھەتتا ھاياتىنى مەنىسىزلىكتە ئاخىرلاشتۇرۇشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ، مەنىسىزلىكنىڭ تىرەن چوڭقۇرلىرىدا، ئۈمىدسىزلىكنىڭ قورقۇنچلۇق قىيالىرىدا ۋە يوقلۇقنىڭ ئادەمنى شۈركۈندۈرىدىغان تەھدىتى ئاستىدا، ئادەمنىڭ ھەممە نېمىسى يوقالسا يوقىلۇدۇكى ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىكى مۇنداق ماھىيەتلىك ئامىل يوقالمايدۇ—تاللاش ئەركىنلىكى.
«مەنە ئىرادىسى» قارىشىغا ئاساس سالغۇچى پىسخولوگ ۋىكتور ڧرەنكل ئۆزىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىكى تراگېدىيىگە تولغان كەچۈرمىشلىرىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ:
يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ياشىغان بىزلەر كامېرلارنىڭ ئالدىدىن باشقىلارغا تەسەللى ۋە ھەتتا قولىدىكى بولكىنىڭ ئاخىرقى قالدۇقلىرىنى بېرىپ ئۆتىدىغان مەھبۇسلارنىڭ بارلىقىنى ئەسلىيەلەيمىز. ئۇلارنىڭ سانى ئېھتىمال ئىنتايىن ئاز بولۇشى مۇمكىن؛ ئەمما ئۇلار شۇنداق بىر ھەقىقەتنىڭ يېتەرلىك ئىسپاتىكى ئادەمدىن ھەممە نەرسىنى ئېلىۋالغىلى بولغىنى بىلەن ئۇنىڭ ھەرقانداق شارائىتتا ئۆزىنىڭ پوزىتسىيىسىنى ۋە يولىنى تاللاشتىن ئىبارەت ئاخىرقى ئەركىنلىكلىرىنى ئېلىۋالغىلى بولمايدۇ.
شۇنداقلا، بۇ يەردە ھامان قارار قىلغىلى بولىدىغان تاللاشلار بولىدۇ. ھەر كۈن، ھەر سائەت قارار قىلىشنىڭ پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى—بۇ قارار سېنىڭ ئۆزلۈكىڭنى ۋە ئىچكى ئەركىنلىكىڭنى تارتىۋېلىش ھەققىدە ساڭا تەھدىد سالىدىغان ئاشۇ كۈچلەرگە بوي سۇنۇش ياكى سۇنماسلىقىڭنى بەلگىلىدى؛ بۇ قارار سېنىڭ شارائىتنىڭ ئويۇنچۇقىغا ئايلىنىش ياكى ئايلانماسلىقىڭنى، شۇنداقلا ئەركىنلىكىڭ ۋ غۇرۇرۇڭدىن ۋاز ۋاز كېچىپ تىپىك مەھبۇس شەكلىگە ئايلىنىش-ئايلانماسلىقىڭنى بەلگىلىدى.[vi]  
ڧرەنكل شۇنى ئېيتىۋاتىدۇكى، ئەركىنلىك ئەڭ بوغۇلغان، كوللېكتىپ قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقان ۋە ئۈمىدسىزلەنگەن مەھبۇسلار ئۆزىنى ئارقا-ئارقىدىن ئۆلتۈرۈۋاتقان يىغىۋېلىش لاگىرىدا تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ۋەيران بولمايدىغان—مەيلى ئۇ قانچىلىك زىت ئاڭلانسۇن—ئىچكى ئەركىنلىك بار. ئىچكى ئەركىنلىك—غۇرۇر بىلەن بىرلەشكەن ھالدا—ئادەمنىڭ ھېچكىم تارتىۋالالمايدىغان مۇنداق پۇرسىتىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ تۇرىدۇ—ئادەم ھەر ۋاقىت ئۆلتۈرۈلۈشى مۇمكىن. ئەمما، ئۇنىڭ ئىنسانىيلىقتىن تامامەن ياتلاشقان شارائىتتا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشى ياكى ئۆلتۈرۈۋالماسلىقى يەنىلا ئۇنىڭ ئىلكىدىدىدۇر. شۇنداقلا، ئادەم بۇنداق شارائىتتا ھەر ۋاقىت ئۆلتۈرۈلۈۋېتىلىش ۋە ھەتتا ئۆلۈۋېلىش خەۋپىنى سېزىپ تۇرۇپ ياشايدۇ. ھەتتا ئۇ ئەرزىمەس ئىش ئۈچۈن ئەرزىمەس بىر ھايۋاندەك ئۆلتۈرۈۋېتىلىشىمۇ مۇمكىن، گەرچە ئۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماي  كەلگەن بولسىمۇ. ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماسلىقى ئۇنىڭ ھامان ئاخىرلىشىدىغان ھاياتىنى پەقەت بىر نەچچە كۈن، ياكى بىر نەچچە ئاي ئۇزارتىشى مۇمكىن. ئەمما، ئاخىرقى نەتىجە يەنىلا ئوخشاش بولىدۇ—ئادەم ياكى ئۆلىدۇ ياكى ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئۇنداقتا، بۇ يەردە ئۆزىنىڭ ئىچكى ئەركىنلىكى بىلەن ئۆلۈۋېلىشنى تاللىماسلىق بىلەن باشقىلار تەرىپىدىن ھامان ئۆلتۈرۈلۈش ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق پەرق يوقتەك بىلىنىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماسلىق بۇ شارائىتتا پەقەت ئازابلىنىشنى تېخىمۇ ئۇزارتىشنى ئەمما ئۇنىڭدىن يەنىلا قۇتۇلالماسلىقنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنداقتا، بۇ پەرقسىزلىككە قانداق قاراش كېرەك—ئاشۇ شارائىتتا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش كېرەكمىدى؟ ياكى بۇ سوئالنى مۇنداق سورايلى: مەيلى ڧرەنكىلنىڭ سەرگۈزەشتلىرىگە قارايلى، ياكى ئاشۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇنلىغان مىساللارغا قارايلى، چىدىغۇسىز خورلۇققا ۋە باستۇرۇشقا ئۇچرىغان ئادەم يەنىلا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈشنى تاللىمايدۇ. نېمىشقا؟ ئۈمىد—ئادەمنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدى ئادەمنى كۆزىگە كۆرۈنۈپ تۇرغان ئۆلۈمدىن، ئۆزى ئۇچراۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتتىن، ئۆزى شۇڭغۇۋاتقان قاراڭغۇلۇقتىن ۋە ئۆزى غەرق بولغان مەنىسىزلىكتىن ھالقىتىدۇ. ئۈمىد—پەقەت ئۈمىدلا—ئادەمنى كەلگۈسىگە يۈزلەندۈرىدۇ.  
ھايات بىر خىل ياشاش شەكلىدۇر. بۇ ياشاش شۇنداق ياشاشكى، ئۇنىڭدا ھەر ۋاقىت ئازاب چېكىش بار.  ياشاش ئازاب چېكىشلا ئەمەس، بەلكى بۇ ئازابنىڭ تۈگىمەسلىكىدۇر. ئېغىرلاشقىنىدا، بۇ ئازابنىڭ مەنبەسىنى بىلمەسلىكنى كۆرسىتىدۇ.  دوستويېۋىسكى مۇنداق دېگەن: «پەقەت بىرلا نەرسە مېنى ۋەھىمىگە سالىدۇ: ئۆزۈم تارتىۋاتقان ئازابقا مۇناسىپ كەلمەسلىك». ئادەم ئازاب چېكىدۇ؛ ئەمما، ئازاب چېكىپ تۇرۇقلۇق ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئىچكى ئەركىنلىكى بىلەن كەلگۈسىگە يۈزلىنىشتىن توختاپ قالمايدۇ.
ئازاب چېكىش ھەممە ئادەمگە ئورتاقتۇر، گەرچە ئۇنىڭ سالمىقىنىڭ دەرىجىسى ئوخشىمىسىمۇ. ئەڭ قىيىن شارائىتتا ئادەم ياكى ئۆزىنىڭ غۇرۇرى بويىچە ئىش قىلىشى ۋە ھەتتا بۇنىڭ ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلۈشى مۇمكىن، ياكى ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن غۇرۇرسىزلىق قىلىپ، ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇشى مۇمكىن. مەيلى قايسى يولنى تاللىمىسۇن، بۇ ئادەمنىڭ تاللىشى پەقەت ئۇنىڭلا تاللىشىدۇر—ھەتتا ئۇنىڭ ھەرقانداق تاللىشى ئۇنىڭغا پايدىسىز بولسىمۇ. ھەتتا ئۇ تاللاشنى رەت قىلسىمۇ، بۇ يەنىلا ئۇنىڭ تاللىشى بولىدۇ. ئادەم تاللاشتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. بۇنى سارتېرچە ئېيتساق: «ئادەم ئەركىن بولۇشنىڭ قارغىشىغا كەتكەن.» ئۇنىڭ تاللىشى ئۇنىڭ كەلگۈسىدۇر—ئۇنىڭ تاللىشى قانچىلىك شەخسىي شۇڭا قېچىپ قۇتۇلغۇسىز بولسا، بۇ تاللاش ئاچىدىغان كەلگۈسىمۇ شۇنچىلىك شەخسىي ۋە قېچىپ قۇتۇلغۇسىزدۇر.
مانا مۇشۇ كەلگۈسىنى ئېچىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ ئەڭ چوڭقۇرلۇقلىرىغا ئۈمىد يوشۇرۇنغان. ئۈمىد كەلگۈسىگە باغلانغان ئىشەنجلا ئەمەس—ئۇ ئالدى بىلەن ئادەمنىڭ ئەركىن شۇڭا ئۆزىنىڭ ئىرادىسى بويىچە تاللىيالاش مۇمكىنچىلىكىنىڭ ئالدىنئالا بېرىلگەنلىكىدۇر. ئەگەر ئەركىنلىك بارلىقتا ئالدىنئالا بېرىلگەن بولسا، ئەگەر ھەر بىر تاللاش ئادەمگە بىر مەنە ئاتا قىلالاش پۇرسىتى بولسا، ئۇ ھالدا ئۈمىدمۇ ئالدىنئالا ھەر بىر تاللاشقا سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ. چۈنكى، تاللاش ماھىيەتتە ئالدىنئالا ئاڭقىرىلىدىغان ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىشكە بولغان ئىشەنجتۇر. ھەر بىر تاللاش بىر ئۆزگىرىشتۇر. ئۈمىد ئاشۇ ئۆزگىرىشنىڭ يۈز بېرىشىگە قىلىنغان ئىشەنجتىن كېلىدۇ. مانا مۇشۇ تاللىيالاش مۇمكىنچىلىكى ئۈمىدنىڭ ئاللىبۇرۇن ئالدىنئالا بېرىلگەنلىكىدۇر. چۈنكى، تاللاشنىڭ مۇمكىنچىلىكى ۋە ئۇ ئارقىلىق مەيدانغا كېلىدىغان ئۆزگىرىشنىڭ روي بېرىشىگە بولغان ئىشەنج ئاللىبۇرۇن ئالدىنئالا بېرىلگەنىكەن،  ئۇنىڭ ئۈنۈمى سۈپىتىدىكى ئۈمىدمۇ ئادەمگە ئاللىبۇرۇن ئالدىنئالا بېرىلگەن بولىدۇ. لېكىن، ھەممە ئادەم قەلبىدىكى بۇ ئىشەنجكە ئەگەشمەيدۇ. شۇنداق ئادەملەر باركى، ئۇلار بۇ ئاللىبۇرۇن ئالدىنئالا بېرىلگەن ئىشەنجنىڭ—ئۈمىدنىڭ—قەلبىنىڭ چوڭقۇر-چوڭقۇرلىرىدىن كېلىدىغان ئايانچلىق ئاۋازىغا قۇلاق سالمايدۇ. ئۇنى رەت قىلىدۇ. نەتىجىدە، ئۈمىدسىزلىكنى تاللايدۇ.
ئۈمىد ئەركىنلىكنىڭ قاراڭغۇلۇقتىكى شولىسىدۇر. ئەگەر بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىز ھاياتنىڭ مەنىلىك ياكى مەنىسىزلىكىدىن ئىلگىرى تۇرىدىغان شۇڭلاشقا بىزگە ئالدىنئالا بېرىلگەن بىر مۇمكىنچىلىك، قابىلىيەت ۋە مەۋجۇتلۇق ھالىتى بولسا، ئۇ ھالدا ئۈمىدۋار بولۇشمۇ شۇنداق بىر مەۋجۇتلۇق ھالىتىدۇر. تاللاش، ئەڭ تەگ مەنىدىن، ۋاقىتقا ۋە ماكانغا ئۆزگىرىش ئېلىش كېلىشكە بولغان ئىپتىدائىي ئىشىنىشتۇر. تاللاش، ئاددىي ئېيتقاندا، بىر خىل ئىشىنىش شەكلىدۇر. ئۇنىڭدا ئۈمىدنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي قۇرۇلمىسى بار—مەلۇم ئۆزگىرىشنىڭ بارلىققا كېلىشىنى كۈتۈش. ئۇشبۇ كۈتۈشتە ئىنسانلىقنىڭ پۈتكۈل ۋاقىت قۇرۇلمىسى نامايان بولىدۇ. ئىنسانى ئۆتمۈشىنى ئارقىغا قويۇپ، ھازىرىدىن چىقىپ كەلگۈسىگە توختىماستىن يۈزلىنىدۇ. ھايات ھەر يېڭى سېكۇنتا دېگۈدەك يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. مانا مۇشۇ يېڭىلىنىش بىر ئىشەنج بىلەن بولىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن تۇتۇپ تۇرۇلىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن كەلگۈسىگە كىرىدۇ. ھەر بىر سېكۇنتنىڭ يېرىمىدىن ھالقىپ كەلگۈسىگە كىرىۋاتقان ئاشۇ ۋاقىتتا، ئادەم ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى ئاللىبۇرۇن قۇچاقلىغان بولىدۇ. شۇ ئارقىلىق، ئادەم يەنە ئۆزىنىڭ يوقلۇق ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى، ھازىردا توختاپ قېلىش كەلتۈرۈپ چىقارغان زېرىكىشلىرىنى ۋە ئۆتمۈش ھەققىدىكى سېغىنچىلىرىنىمۇ ئۆزى بىلەن بىللە كەلگۈسىگە ئېلىپ كىرىدۇ.
ئۈمىد ئەلۋەتتە ئۈمىدسىزلىنىش بىلەن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئۈمىدسىزلىنىش ئادەمنىڭ تاللىشىنىڭ رېئاللىق تەرىپىدىن رەت قىلىنىشىنىڭ ئاقىۋىتىدۇر. ئاۋامنىڭ چۈشىنىشىدە، ئۈمىدسىزلىنىش ئۆمىدنىڭ يوقالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مەنىسىزلىكتە، ئۈمىد ئۈمىدسىزلىككە ئالمىشىدۇ. تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ. ئادەمنىڭ كەلگۈسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى خىرەلىشىدۇ ۋە ھەتتا ئۈزۈلىدۇ. ئادەم ھەرگىز ياخشىلىغىلى بولمايدىغاندەك كۆرۈنىدىغان دۇنيا تەرىپىدىن قايتا-قايتا ئۆزىگە رەت قىلىنغاندەك ھېس قىلىدۇ. ئۈمىدسىزلىكتە  ئادەم باش-ئاخىرى چىقماس ئەندىشە، ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش، قۇپقۇرۇقلۇق ھېسسى، تايانچسىزلىق ۋە گۇناھكارلىق ھېسسىغا چۆمىدۇ. شەكسىزكى، ئۈمىدسىزلىكنىڭ كەلتۈرىدىغان ئەڭ چوڭ زىيىنى ھەرگىزمۇ ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنجىنىڭ يوقىشىدىن كۆرە، ئۆزىنىڭ ئەركىن تاللىشىنىڭ بىرەر نەتىجە يارىتالايدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنجىنىڭ يوقىشىدۇر. شۇڭا، ئۈمىدسىزلىك ئۈمىدنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرمەستىن، ئۈمىدنى تاللاشنى ۋاز كېچىشتىن قېپ قالىدىغان قۇپقۇرۇقلۇقنى كۆرسىتىدۇ.
دېمەك، يۇقىرىقىلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھاياتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكى ئۈچ كەيپىياتتا ئىپادىلىنىدۇ: ئازاب چېكىش، زېرىكىش ۋە ئۈمىدسىزلىنىش.  بۇ كەيپىياتلارنىڭ ھەممىسى ھاياتنىڭ مەنىسىزلىكى ھەققىدە ئوخشىمىغان ئونتولوگىيىلىك ھالەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ—ئازاب چېكىش ياشاشنىڭ غۇرۇرىغا ئازار بەرسە، زېرىكىش ئۆزلۈكنى مەۋجۇتلۇقنىڭ قۇپقۇرۇقلۇقىدا لەيلەتسە، ئۈمىدسىزلىنىش ئەركىنلىك ھەققىدىكى ئىشەنجكە زەربە بېرىدۇ. ئۇلار ئوتتۇرىسدىكى پەرقنىڭ قانچىلىك چوڭ بولۇشىغا قارىماي، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا يەنە مۇنداق ماھىيەتلىك ئورتاقلىقمۇ باردۇر—ھەممىسىدە  ئۆزلۈك ھەر ۋاقىت مەنە ئىزدەيدۇ، ھەتتا ئۇ بۇ ئۇرۇنۇشىنى ياكى ئۆزىدىن ياكى باشقىلاردىن يوشۇرسۇن ھەم ئىنكار قىلسۇن. ئادەم ئازاب چېكىشتە مەۋجۇتلۇقىدىن بىر ئۇلنى تېپىشنى ئىزدىسە، زېرىكىشتە ئۆزىگە ھەقىقىي ۋە تولۇق  ھازىر بولۇشىنى ئىزدىسە، ئۈمىدسىزلىنىشتە يوقلۇقتىن بارلىققا قايتىشنى ئىزلەيدۇ. بۇ كەيپىياتلار مەيلى قانچىلىك دەرىجىدە نېگاتېڧ بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە ھاياتنىڭ بىرەر مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىگە بولغان ئىپتىدائىي بىر ئىشەنج بار. بۇ ئىشەنج ساددا، ساختا، بۇرمىلانغان ياكى كۆپتۈرۈلگەندەك بىلىنىشى مۇمكىن. ئەمما، ھاياتنىڭ مەنىسىنى ئىزدەش ئۇنداق ئەمەس. ھالقىلىق نۇقتا ھاياتنىڭ مەنىلىك ياكى مەنىسىزلىكى ئەمەس. بەلكى ئۇ مانا مۇشۇ ئىپتىدائىي ئىشەنجنىڭ ئىنسانلارنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇرلىرىدىن يىتمەسلىكىدۇر. مۇشۇ ئىشەنجلا ئۇلارغا ئىنسان بولۇش ئېلىپ كېلىدىغان ئازابلارنى مۇھەببەت بىلەن سۆيۈشنى ئۆگىتىدۇ.








[i]  ئەلۋەتتە، شۇنىمۇ ئىنكار قىلمايمىزكى، بەزى ئورگانىزملاردا ھەتتا ئۆزىنى ساقلاپ قالماسلىق ۋە ھەتتا ۋەيران قىلىش خاھىشى ساقلانغان بولىدۇ. بۇنىڭ ئاشقۇن شەكلى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشتۇر. بىراق، ئۆزىنى ۋەيران قىلىش ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت بۇ ئىپتىدائىي ھاياتلىق كۈچىگە بولغان ئىنكاستۇر. ئۇ بىر ئىنكاسكى، ھەرگىزمۇ ماھىيەتلىك ھالەت ئەمەس. ئۇ پەقەت ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش ئىقتىدارىنىڭ تۈرلۈك سەۋەبلەرگە كۆرە، بۇرمىلىنىشى، تاشقى مۇھىتقا ماسلىشالماسلىقى ياكى ئۆز-ئۆزىدىن ياتلىشىشىنىڭ مەھسۇلىدۇر. ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش ھاياتلىقنىڭ تۈپكى قانۇنىيىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەرقانداق ئورگانىزمنىڭ پوتېنسياللىقىنى رېئاللاشتۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئۆزىنى كۆپەيتىش بولسا ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن شەكلىدۇر.
 سۇبيېكتئارالىق نۇرغۇنلىغان سۇبيېكتلار (ئادەملەر) نىڭ بىللە تۇرۇشى ۋە ياشىشىنى كۆرسىتىدۇ. [ii]
 ئالبېخ كەمۈ، «سىسىفۇس ئەپسانىسى» (ئىنگلىزچە)، پرېنتىس خول نەشرىياتى، 1996-يىل، 320-بەت.[iii]
[iv]  مارتىن ھايدېگېر، «مېتاڧىزىكىنىڭ ماھىيەتلىك ئۇقۇملىرى: دۇنيا، پانىيلىق ۋە تەنھالىق»، ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى (ئىنگلىزچە)، 1995-يىل، 76-بەت.
 خېدونىستىك—قەدىمقى گرېك پەلسەپىسىدە سەزگۈ ئەزالار ئېلىپ كېلىدىغان ھۇزۇرغا چۆمۈش، ئۇنىڭدىن شادلىنىش ۋە ئۇنى قوغلىشىش خاھىشىنى كۆرسىتىدۇ.[v]
[vi]  ۋىكتور ڧرەنكل، «ئادەمنىڭ مەنە ئىزدىشى» (ئىنگلىزچە)، بېكېن نەشرىياتى، 1992-يىل، 75-بەت.

Comments

Popular posts from this blog

ئۇيغۇرلاردا ئىسلام ۋە سوتسىيالىزم

«ئەخمەتجان ئوسمان تاللانما شېئىرلىرى» غا كىرىش سۆز