لەھزىلىك ئويلار
Fleeting thoughts
لەھزىلىك ئويلار
The lost self and the
found self is, after all, the same self. So believe in the integrity of your
self.
يىتكەن ئۆزلۈك بىلەن تېپىلغان
ئۆزلۈك يەنىلا بىر ئۆزلۈكتۇر. شۇڭا، ئۆزلۈكۈڭنىڭ بىرلىكىگە
ئىشەن.
Don’t tempt to move
forward, don’t attempt to go back to your original position but stay where you
are in the moments of darkness because in most cases the ideas about progress
and nostalgia are illusionary and hence deceptive.
قاراڭغۇ مىنۇتلاردا ئالدىڭغا
مېڭىشقا ئالدىراپ كەتمە، بۇرۇنقى ئورنۇڭغا قايتىشقىمۇ تەرەددۇت قىلما، ئەمما
ئورنۇڭدا قوزغالماي تۇر، چۈنكى كۆپ ھاللاردا تەرەققىيات بىلەن ئۆتمۈشنى سېغىنىش ھەققىدىكى
ئويلار خام خىيال شۇڭا ئالداشچان بولىدۇ.
The worst form of
self-criticism is to take this self to be empty deep inside.
ئۆزىنى تەنقىدلەشنىڭ ئەڭ ناچار شەكلى
دەل ئاشۇ ئۆزلۈكنى ئىچ-ئىچىدىن قۇرۇق دەپ قاراشتۇر.
The power of art is
always an antithesis to the art of power.
سەنئەتنىڭ كۈچى ھەر ۋاقىت كۈچ
سەنئىتىنىڭ قارشىسىدۇر.
To be is the light in
man.
مەۋجۇت بولماق ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدىكى
نۇردۇر.
No power is complete
without its intrinsic vulnerability.
ھېچقانداق بىر كۈچ ئۆزىنىڭ ئىچكى
زەئىپلىكىسىز پۈتۈنسۈرۈك بولمايدۇ.
To lead a life for
nothing and for nobody is an extreme form of self-indulgence that soul tries
secretly to entertain.
ھېچ نەرسە ۋە ھېچكىم ئۈچۈن ياشاش
ئۆزىنى مەيلىگە قويۇۋېتىشنىڭ ئەڭ ئاشقۇن شەكلى بولۇپ، روھ بۇنىڭدىن يوشۇرۇن
شەكىلدە ھۇزۇرلىنىشقا تىرىشىدۇ.
Creativity is to see the
world not only with the new eyes but with the new courage to change it.
ئىجادىيلىق دۇنيانى يېڭى كۆزدە
كۆرۈشلا ئەمەس، بەلكى يېڭى جاسارەتتە ئۆزگەرتىشتۇر.
Loneliness is limited
creativity but creativity is absolute loneliness.
تەنھالىق چەكلىك ئىجادىيلىق بولسا ،
ئىجادىيلىق مۇتلەق تەنھالىقتۇر.
Freedom is a wrong imagination that makes us feel that
we are right in thinking that we are free.
ئەركىنلىك ئۆزىمىزنى ئەركىن دەپ
ئويلىشىمىزنى توغرا دەپ ھېس قىلدۇرىدىغان خاتا تەسەۋۋۇردۇر.
I believe that there will definitely be a tomorrow not because it
is created by a today but because today is created by it.
مەن ئەتىنىڭ چوقۇم
بولىدىغانلىقىغا ئشىنىمەن؛ بۇ ھەرگىزمۇ بۈگۈن تەرىپىدىن بەرپا قىلغان ئەتە ئەمەس،
بەلكى بۈگۈن بۇ ئەتە تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغاندۇر.
Humanity will soon be defined not by reason and emotions they
possess but by artificial intelligence and artificial emotions that possess
them, to be precise.
ئېنىق ئېيتقاندا،
ئىنسانىيەت يېقىن ئارىدا ئۆزلىرى ئىگە بولۇۋاتقان ئەقىل ۋە ھېسىىياتلار تەرىپىدىن
ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى ئىگىلەيدىغان سۈنئىي ئەقىل ۋە سۈنىي ھېسسىياتلار تەرىپىدىن
تەبىرلىنىدۇ.
Abandon me so that I will be able to use my capacity to abandon
myself to myself.
مەندىن ۋاز كەچ، شۇندىلا
ئۆزۈمنى ئۆزۈمدە ۋاز كېچەلەيدىغان قىلىدىغان ئىقتىدارىمنى ئىشلىتەلەيمەن.
If you try to close my mouth, I will still speak through my eyes.
If you try to close my eyes, I will still speak in my mind. If you try to close
my mind, I will still speak through my death.
ئەگەر ئاغزىمنى ئەتمەكچى
بولساڭ، مەن يەنىلا كۆزلىرىم ئارقىلىق سۆزلەيمەن. ئەگەر كۆزلىرىمنى ئەتمەكچى
بولساڭ، مەن يەنىلا كاللامدا سۆزلەيمەن. ئەگەر كاللامنى ئەتمەكچى بولساڭ، مەن
يەنىلا ئۆلۈمۈم ئارقىلىق سۆزلەيمەن.
Don’t forget that when you are jealous of a person, you are
jealous of what you admire.
ئۇنتۇمىغىنكى، ئەگەر سەن
بىرەرىگە كۆرەلمەسلىك قىلساڭ، سەن ئۆزۈڭ زەۋقلىنىدىغان نەرسىگە كۆرەلمەسلىك قىلغان
بولىسەن.
Don’t cry over the shoulder of a person who does know how to
sympathise with you but does not know when to stop this very sympathy.
ساڭا ھسداشلىق قىلىدىغان
ئەمما بۇ ھېسداشلىقنى قاچان توختىتىشنى بىلمەيدىغان ئادەمگە ئېسىلىپ يىغلىما.
Memory is the burden of time.
ئەسلىمە ۋاقىتنىڭ يۈكىدۇر.
To each laughter corresponds a sense of pain made invisible.
ھەر بىركۈلكىدە كۆرۈنمەس
قىلىنغان بىر ئازاب بار.
Boredom happens when the world disappears in you.
دۇنيا سەندە يىتكەندە،
زېرىكىش يۈز بېرىدۇ.
To love is to have the
courage to dive deep into an abyss where the boundary between beauty and
ugliness, good and evil and right and wrong gradually disappears.
سۆيۈش گۈزەللىك بىلەن سەتلىك،
ياخشىلىق بىلەن رەزىللىك ۋە توغرىلىق بىلەن خاتالىق ئوتتۇرىسىدىكى پاسىل تەدرىجىي
يوقىلىدىغان تەگسىزلىككە شۇڭغۇيالاش جاسارىتىنى كۆرسىتىدۇ.
Trust is the last bond that
you can establish with the other in any kind of relationship.
ئىشەنج ھەر قانداق مۇناسىۋەتتە سەن
ئۆزگە بىلەن ئەڭ ئاخىرىدا ئورنىتالايدىغان باغلىنىشتۇر.
The
worst thing you have ever done in your life gives you the best insight into how
estranged you are from your other self.
ھاياتىڭدا قىلغان
ئەڭ ناچار ئىش ساڭا
ئۆزۈڭنىڭ يەنە بىر ئۆزلۈكىدىن قانچىلىك ياتلىشىپ
كەتكەنلىكىڭنى كۆرۈشكە ئەڭ ياخشى ئىچنەزەر بېرىدۇ.
To a
certain extent, insanity is not opposed to sanity but to the conventional rationality
that protects society.
مەلۇم مەنىدىن،
ئەقلىدىن ئادىشىش ئەقىل-ئىداراكلىققا ئەمەس، بەلكى جەمئىيەتنى قوغدايدىغان
ئەنەئەنىۋى ئەقلىيلىككە قارىمۇ قارشىدۇر.
Aging
may well be a progressively enlightening process—the older you become, the more
mature your agony feels.
قېرىلىشىش
ئېھتىمال تەدرىجىي ئاقارتىش جەريانى بولۇشى مۇمكىن—قېرىغانسېرى، ئازاب-ئوقۇبەتلىرىڭنىڭ
تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىسەن.
There
are no bad people who don’t follow a leader but a bad leader who is unable to
lead them.
لىدېرگە ئەگەشمەيدىغان ناچار خەلق بولمايدۇ، بەلكى خەلقنى
ئەگەشتۈرەلمەيدىغان ناچار لىدېر بولىدۇ.
Comments
Post a Comment