«چۆكۈۋاتقان» پاراخوت


«چۆكۈۋاتقان» پاراخوت


سۆزىمىزنى «تىتانىك» فىلىمىدىن باشلايلى. فىلىم ئەينى ۋاقىتتا نامى دۇنياغا پۇر كەتكەن «تىتانىك» ناملىق پاراخوتنىڭ بەختكە قارشى مۇزتاغقا سوقۇلۇپ سۇغا چۆكۈپ كەتكەنلىكى ۋە مىڭلىغان يولۇچىلارنىڭ قازا قىلغانلىقىدەك ئۇنتۇلماس بىر تراگېدىيىنى تەسۋىرلەيدۇ. فىلىم قانچىلىك دەرىجىدە ئېپىك قەسىدە بولسا، شۇنچىلىك دەرىجىدە پسىخىك قەسىدىدۇر. ئۇ ئۆزىنىڭ قۇتۇلغۇسىز ۋە ۋەيران قىلغۇچ تالاپىتىنى كۆرسىتىۋاتقان ئۆلۈمگە ئادەملەرنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانىقىنى ئەڭ كىچىك دېتاللارغىچە نامايان قىلىدۇ—پاراخوتتىكىلەرنىڭ بىرلىرى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالماسلىقى سەۋەبلىك ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالسا، بىرلىرى باشقىلارغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بەرسە ۋە ھەتتا ئۆزىنىڭ ھايات قېلىش پۇرسىتىنى ئۇلارغا ئۆتۈنسە، بىرلىرى شەخسىيەتچىلىك بىلەن ئانىلار ۋە بالىلارغا ئاجرىتىلغان قۇتقۇزۇش قېيىقلىرىغا چىقىۋېلىپ ئامان قېلىش ئۈچۈن جان جەھلى بىلەن تىركەشسە، بىرلىرى ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆزىنىڭ ئامانلىق ساقلىغۇچلىق بۇرچىنى شەرەپ بىلەن ئادا قىلسا،بىرلىرى ھاياتى ئاخىرلىشىش ئالدىدا تېررور ھېسسىغا چۆمگەنلەرگە خۇدانىڭ نامى بىلەن تەسەللى بەرسە، يەنە بىرلىرى ئۆزلىرىنىڭ مۇزىكىلىرى ئارقىلىق ئۆلۈمنىڭ دەھشىتىدە نېمە قىلارىنى بىلمەي قالغانلارغا روھىي مەدەت بېرىدۇ. فىلىم بايلىق بىلەن كەمبەغەللىك، ئالىيجانابلىق بىلەن پەسلىك، قەھرىمانلىق بىلەن قورقۇنچاقلىق، گۈزەللىك بىلەن سەتلىك ۋە شەخسىيەتچىلىك بىلەن ئۆزگەچىلىكنىڭ[1] ئارىسىدا يالتتىدە كۆرۈنىدىغان ئىنسان خاراكتېرىنى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئۇچراۋاتقان كرىزىسكە قايتۇرىۋاتقان ئىنكاسلىرى ئارقىلىق ئايان قىلىدۇ. ئۆلۈم ئالدىدا ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ ھايات پوزىتسىيىسىنى قىلچە يوشۇرماستىن ئاشكارا قىلىدۇ. ھاياتنىڭ ئېنىقسىزلىقى ئالدىدا، ئويلاپ باقمىغاننىڭ يۈز بېرىشىدە، كرىزىسنىڭ ئىچىدە ئادەملەر ئۆلۈم ھەققىدىكى ئاخىرقى قارارىنى چىقىرىدۇ—ياكى قۇتۇلغۇسىز ئۆلۈمنى ئالىيجانابلارچە قوبۇل قىلىش ياكى ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن پەسكەشلىككە مۇراجىئەت قىلىش.
            شۇنداق دېيىش مۇمكىنكى، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ھالىتى بىزگە «تىتانىك» تىكىلەرنىڭ ھالىتى ئوتتۇرىسىدا مەلۇم ئورتاقلىق بارلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. تۈپكى ھاياتلىق شارائىتى ۋە ئۇنىڭ پۇرسەتلىرى نۇقتىسىدىن ئالغاندا، ئۇيغۇرلارنى ھازىر «تىتانىك» تەك چۆكۈپ كېتىش مۇمكىنچىلىكى بار بىر پاراخوتتا جان تالىشىۋاتىدۇ، دېيىش مۇمكىن. ئۇيغۇرلارنىڭ بېيىمۇ، كەمبەغىلىمۇ، زىيالىيسىمۇ، ئۆلىماسىمۇ، ساۋاتسىزىمۇ، خىتايغا خىزمەت قىلىغىنىمۇ، ئۇنىڭغا نەپرەتلىنىدىغىنىمۇ، ھەممىسى بۇ پاراخوتتا. «تىتانىك» پاراخوتى بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئۇيغۇرلار چۈشكەن پاراخوت  بىرەر مۇزتاغقا سوقۇلۇپ، چۆكۈپ كەتمەيۋاتىدۇ، بەلكى  ئىنتايىن بوران-چاپقۇنلۇق كېچىدە ھېلىلا ئۆرۈلۈپ، چۆكۈپ كېتىدىغاندەك تەستە ئىلگىرىلەۋاتىدۇ. تاشقى دۇنيادىن ياردەم ئېلىشى مۇمكىنسىزلىككە ئايلىنىۋاتىدۇ. پاراخوتتىكىلەر ئاستا-ئاستا ئۆزىنىڭ قارغىشتەككۈر شارائىتىدىن دادلاۋاتىدۇ، نېمە قىلىشىنى بىلمەيۋاتىدۇ ۋە ئۆزىنى ئۆلۈمنىڭ ئاغزىغا تاشلىۋېتىلگەندەك ھېس قىلىۋاتىدۇ. خۇددى «تىتانىك» تىكىلەرگە ئوخشاش، ئۇيغۇر پاراخوتىدىكىلەرمۇ بۇ كرىزىسكە قارىتا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇشقا بارغانسېرى مەجبۇرلىنىۋاتىدۇ—بەزىلەر خۇداغا نالە قىلىپ قۇتۇلۇشنى تىلىسە،بەزىلەر بېشىنى ئىچىگە تىقىۋېلىپ، بۇ بالا-قازانىڭ ئۆتۈپ كېتىشىنى كۈتسە؛ يەنە بەزىلەر ھەدەپ سىرتتىن ياردەم ئىزدەپ، ئەتراپتىكى بىرەر سودا ياكى ھەربىي پاراخوتلارنىڭ ئۇلارنى قۇتقۇزۇۋېلىشىنى ساقلىسا، يەنە بەزىلەر بار ئامال بىلەن بۇ پاراخوتتىن چۈشۈپ قېلىپ، دېڭىزغا سەكرەپ دەھشەتلىك دولقۇنلاردىن ئۆزىنى قۇتقۇزىدىغان بىرەر چارە ئىزدىسە؛ يەنە بەزىلەر ھەر تەرەپكە پىتراۋاتقان يولۇچىلارنى يىغىپ، قۇتۇلۇش ھەققىدە بىرەر چارىنى ئورتاق تېپىشقا ھەرىكەت قىلسا، يەنە بەزىلەر پۈتۈن كۈچى بىلەن پاراخوتقا كىرىپ كەتكەن دېڭىز سۈيىنى دېڭىزغا تۆكۈۋېتىش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتىدۇ. ئېنىقكى، بۇ يەردە كەلگۈسى ئېنىقسىز، كرىزىس كەسكىن، ئومۇمىي ۋەزىيەت خەتەرلىك، يولۇچىلارنىڭ ئىنكاسلىرى قالايمىقان ۋە  ئۇلارنىڭ ھايات قېلىش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان مېتودلىرى توقۇنۇشلۇق. ئۇنداقتا، بۇ قالايمىقانچىلىقنى بىرەر ئەقلىيلىك بىلەن چۈشىنىش مۇمكىنمۇ؟
            ئالدى بىلەن شۇنى بېكىتىۋېلىش كېرەككى، ئۇيغۇر پاراخوتى كرىزىستا. ئۇنىڭ ئامان قېلىشى نامەلۇم. كرىزىسلا بولىدىكەن، ئىنسانلار ئۇنىڭغا تۈرلۈك شەكىلدە ئىنكاس قايتۇرىدۇ. شۇڭا، بۇ ئوي تەجرىبىسىنى كرىزىس بىلەن ئۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇشتىن ئىبرەت ئەڭ تۈپكى ۋە ئىپتىدائىي قۇرۇلمىغا تارايتقىلى بولىدۇ. كرىزىس قەدىمقى گرېك تىلىدا ( κρίσις (krísis)) دەپ ئاتىلىدۇ. مەنىسى «ئايرىۋېتىش، ئىلغاش، ھۆكۈم قىلىش ۋە قارار بېرىش» قاتارلىقلاردۇر. ئۇنىڭ ھازىرقى زامان ئېنگلىز تىلىدىكى لېكسىكىلىق مەنىسى تۆۋەندىكىچە: بۇرۇلۇش نۇقتىسى ياكى ھەل قىلغۇچ پەيت؛ جىددىي ۋە تۇيۇقسىز ئۆزگىرىدىغان مۇقىمسىز ۋەزىيەت (سىياسىي، ئىقتىسادىي ياكى ھەربىي)؛ ئاغرىقنىڭ تەرەققىياتىدا تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان، بىمار ياكى ساقىيىدىغان ياكى جان ئۈزىدىغان ھالقىلىق ۋاقىت؛ بىراۋنىڭ ھاياتىدىكى سترېسلىك ياكى ئاسارەتلىك ئۆزگىرىش؛ شۇنداقلا درامىلاردا توقۇنۇشنىڭ ھەل بولۇشتىن ئىلگىرى كۇلمىناتسىيە پەللىسىگە چىقىشى، قاتارلىقلار. يۇقىرىقى تەبىرلەرنىڭ قانچىلىك كۆپ خىل بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلار مۇنداق بىر ئورتاقلىققا ئىگە—كرىزىستا قانچىلىك خەتەر بولسا، يەنە شۇنچىلىك پۇرسەت باردۇر. بۇ كرىزىستىكىلەرنىڭ ئۇنىڭغا قانداق باھا بېرىشى، ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن قانداق قارار قىلىشىغا باغلىقتۇر.
            ئەمدى ئۇيغۇر پاراخوتى ئوخشىتىشىغا كەلسەك، ئەھۋال ھەقىقەتەن كرىزىسلىق بولسىمۇ، بۇ يەردە پۇرسەت—ئېھتىمال ئاخىرقى پۇرسەت—يەنىلا بار. خۇددى باشقا نۇرغۇن كرىزىسلىك ھالەتلەرگە ئوخشاش، گەپ ئەمدى ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشتا. بۇ پاراخوتتىكىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، قاتتىق، تۇيۇقسىز، زىلزىلىلىك ۋە ئاپەت خاراكتېرلىق شارائىت ئوخشاش. ئەمما، ئۇلارنىڭ ئۇنىڭغا قايتۇرىۋاتقان ئىنكاسى ئوخشاش ئەمەس. دېمەك، خەتەر بىر،ئىنكاس مىڭ. شۇنداقتىمۇ، ئىنكاسلارنىڭ خەتەرگە دىققىتىنى بېرىشى نۇقتىسىدىن ئۇلارنى مۇنداق تۆت تىپقا بۆلۈشكە بولىدۇ— ئېلىشقۇچىلار (قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر)، قاچقۇچىلار (ۋاز كەچكۈچىلەر)، گاڭگىرىغۇچىلار (تۇرۇپ قالغۇچىلار) ۋە ئارىدىكىلەر (كۆزەتكۈچىلەر). بىر گۇرۇپپا بولۇش سۈپىتى بىلەن، پاراخوتتىكىلەرنىڭ ئىنكاسى، بىلىشسېل[2] نۇقتىدىن، ئادەمنىڭ خەتەرلىك ۋە تەھدىدلىك كرىزىس ئالدىدا ئۆزىگە بېرىلگەن—ياكى ئۆزىگە قالدۇرۇلغان—مۇمكىنچىلىكلەرنى قانداق ئىدراك قىلىشى، ئۇلاردىن پايدىلىنىشى ۋە شۇ ئارقىلىق ئەقلىي—ھەتتا تۇيغۇلۇق—قارار بېرىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پسىخىك نۇقتىسىدىن ئالغاندا، بۇ ئىنكاسلار ئىنكاسچىلارنىڭ تەھدىد ئالدىدا قانداق روھىي ھالەتتە بولىدىغانلىقى ۋە بۇ روھىي ھالەتلەرنىڭ ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئىجتىمائىي پسىخولوگىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ ئىنكاسلار تەھدىد ئالدىدا قانداق ھەرىكەت قىلىش جەھەتتە كىچىك-كىچىك گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ كەتكەنلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن قانداق ئالاقىلىشىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا ھەمكارلىق ۋە قارشىلىشىشنىڭ ئۇلارنىڭ قىلمىشىنى قانداق قۇراشتۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۇنىڭدىكى ماھىيەتلىك نۇقتا ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ قانداق ئىدراك قىلىنىشى ۋە قىلمىشتا قانداق ئىپادىلىنىشىدۇر—ئۆزىنى يالغۇز ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىش ياكى ئۆزىنى ئۆزگىلەر بىلەن بىللە ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىش. بۇ مۇھاكىمىمىزنى بۇ ئىنكاسلارنىڭ ئۈچىنچى مەنىسىگە ئېلىپ بارىدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئەخلاقىي مەنىسىدۇر—ئۆزىنىڭ ئامانلىقىنىلا ئويلاش (شەخسىيەتچىلىك) ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنىمۇ (ئۆزىنىڭكىگە باغلاپ ياكى ئۇنىڭدىن مۇستەسنا ھالدا) ئويلاش—ئۆزگەچىلىك.
            تەجرىبىلەردىن مەلۇمكى، ئەگەر بىر گۇرۇپپا ئوخشاش كرىزىسكە ئۇچرىسا، ئۇنى ھەل قىلىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلانغۇچىلار بىلەن ئۇنىڭدىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچقۇچىلارنىڭ قىلمىشى كۆپ ھاللاردا قۇتۇپلاشقان شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. گاڭگىرىغۇچىلار بىلەن ئارىدىكىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئېلىشقۇچىلار بىلەن قاچقۇچىلارنىڭ سانى ئاز ھەم ئۇلارنى كېلىشتۈرۈش بەسى مۈشكۈلدۇر. چۈنكى، ئۇلارنىڭ نىشانى ۋە بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ئۇسۇلى پۈتۈنلەي پەرقلىق بولىدۇ.  (ئەلۋەتتە  بەزى ئەھۋاللاردا ئۇلارنىڭ سانى، بولۇپمۇ قاچقۇچىلارنىڭ سانى قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ سانىدىنمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن). تەھدىدلىك كرىزىسنىڭ ئادەمنىڭ ئىدراكىدا قوزغايدىغان جىددىي ئىنكاسى ھەر ۋاقىت ھايات قېلىش مۇمكىنچىلىكىنى دەڭسەيدىغان مۇنۇ سوئالغا مەركەزلىشىشدۇ—بۇ تەھدىدتە ئامان قېلىشىم مۇمكىنمۇ؟ بۇ ھەم ئىدراكىي ھەم ئەقلىي بىر سوئالدۇر—گەرچە ئۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇش بەزىدە تۇيغۇلۇق تېزلىكتە ۋە شەكىلدە بولسىمۇ. ئۇشبۇ سوئالغا ئوخشىمىغان ئادەمنىڭ بېرىدىغان جاۋابى ئوخشاش بولمايدۇ. ئوخشاش تەھدىدكە ئۇچراۋاتقانلارنىڭ ئوخشىمىغان جاۋاب بېرىشى مەسىلىنىڭ قانچىلىك مۇرەككەپلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شۇڭا، تەھدىدنى دەڭسەپ ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشتا، خۇددى قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرنى ھاياتى بىلەن ئوينىشاۋاتىدۇ دەپ ئالدىراپ ھۆكۈم قىلىشقا بولمىغىنىدەك، قاچقۇچىلارنىمۇ شەخسىيەتچىلىك بىلەن تىكىۋەتتى دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئەينى بىر تەھدىدنى ئىدراكلاش ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھاياتىغا كېلىدىغان خەۋپنى توغرا دەڭسىشى ئوخشىمايدۇ. 
ئەمما، ئۇيغۇر پاراخوتىدىكىلەرنىڭ ئەھۋالى ئالاھىدە—قاپقاراڭغۇ كېچىدە بوران-چاپقۇندا ئۆرۈلۈپ كېتەيلا دەپ ناھايىتى تەستە ئىلگىرىلەۋاتقان بۇ پاراخوتتىكىلەر ئۇچراۋاتقان مەۋجۇتلۇق تەھدىدى ھەممىگە ئوخشاش. ئۇلار ھايات قالسا بىللە ھايات قالىدۇ؛ ئۆلسە بىللە ئۆلىدۇ. ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ، ئۆزىنى ئۆزى قۇتقۇزۇش كويىدا بولىدىغانلارنىڭ—قاچقۇچىلارنىڭ—غەلىبە قىلىش مۇمكىنچىلىكى بەكلا ئاز؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ قېچىپ يۈزلىنىدىغىنى يەنىلا ئوخشاش قاراڭغۇ، شەپقەتسىز ۋە ھۇۋلاۋاتقان دېڭىزدۇر.  ئۇلار ھەتتا ئېلىشقۇچىلارغا قارشى تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى قارارىنى ئۈنۈمسىز ۋە ھەتتا ھالاكەتلىك دەپ قارىغان تەقدىردىمۇ، نەتىجە يەنىلا ئوخشاش بولىدۇ—ئەگەر ئېلىشقۇچىلارنىڭ قارارى ئۇلارنى قۇتۇلدۇرالمىسا، ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ قارارىمۇ ئۇلارنى قۇتقۇزالمايدۇ. ئاخىرىدا، پاراخوتتىكىلەرنىڭ ھەممسى سۇغا غەرق بولۇپ تۈگىشىدۇ؛ ئەكسىچە بولسا، ئەگەر ئۇلارنىڭ ھايات قېلىشىدا كىچىككىنە بىر مۇمكىنچىلىك بولسىلا، ئۇنىڭ ئىنتايىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىلىش مۇمكىنچىلىكى بولىدۇ. ھەقىقەت شۇكى، بۇ پاراخوتتا ھېچكىم شەخس سۈپىتى بىلەن ئۆزىنى قۇتقۇزالمايدۇ. ھەرقانداق بىر شەخس باشقىلارنىڭ قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماي تۇرۇپ، ئۆزىنى قۇتۇلدۇرالمايدۇ. ئۇنىڭ  ئۆزىنىلا قۇتۇلدۇرۇشنى كۆزلەشتەك شەخسىيەتچىلىككە ياتىدىغان قىلمىشى ئۇنىڭ باشقىلارنى قۇتۇلدۇرۇشتەك ئۆزگەچىلىككە باغلىنىدۇ. يەنى، شەخسىيەتچىلىك ئۆزگەچىلىكنى شەرت قىلىدۇ. مانا بۇ شەخسىيەتچىلىكنىڭ زىتلىقىدۇر—ئادەم ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن باشقىلارنى قۇتقۇزۇش كېرەك. شەخسىيەتچى بولۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزگەچى بولۇش كېرەك.   ئېلىشقۇچىلارغا كەلسەك، ئۇلارنى مۇنداق ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈشكە بولىدۇ—بىرى، ئۇلار تەھدىدنى ۋە خەۋپنى ئوبدان مۆلچەرلىگەن—ھېچ بولمىسا تۇيغۇسىدا ۋە ئىدراكىدا—ۋە ئۇنى يېڭىشكە بەل باغلىغانلاردۇر. بۇ قەھرىمانلىققا مايىل، قورقماس، قىيىن شارائىتتىمۇ ئۆزىنى يوقىتىپ قويمايدىغانلاردا كۆرىلىدىغان پەزىلەتتۇر. ھەتتا ئۇلار شارائىتنى خاتا مۆلچەرلەپ، بىھۇدە قۇربانلىق بەردى دەپ قارالسىمۇ، ئۇلار شۇنى تېگىدىن چۈشىنىدۇكى، تەھدىد ئالدىدا ھېچ ئىش قىلماسلىق، يىغلامسىراپ تۇرۇش ياكى باشقىلاردىن بىچارىلەرچە ئۈمىد كۈتۈشلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارنى مەغلۇبىيەتكە باشلاپلا قالماستىن، ئۇلارنى روھىي جەھەتتىن ئاللىبۇرۇن تۈگەشتۈرىدۇ. ئۇلار تەھدىد ئۇلارنى ۋەيران قىلىشتىن ئاۋۋال، ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى روھىي جەھەتتىن ئاللىبۇرۇن ۋەيران قىلىپ بولىدۇ. تەھدىد ئالدىدا ئۆزىگە بولغان ئىشىنىشنى ۋە ئۈمىدنى يوقىتىش تەھدىد كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھەرقانداق شەكىلدىكى يوقىتىشتىنمۇ قاباھەتلىكتۇر، چۈنكى ئۇ ئادەمنى تەھدىدكە قارشى تۇرغۇزىدىغان ئىززەت-ھۆرمەت، غۇرۇر ۋە ئادىمىيلىكنىڭ يوقىلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئادەم بۇلارنى يوقاتسا، تەھدىدنىڭ يوقىتىشى ئالدىدا ھېچنېمە قىلالمايدۇ. ئىككىنچىسى، خۇددى يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئۇلار ئېھتىمال شەخسىيەتچىلىكىدىن چىقىپ تۇرۇپ، ئۆزىنى باشقىلارنى قۇتقۇزۇش ئارقىلىق قۇتقۇزۇشتەك ھېكمەتنى ئوبدان چۈشەنگۈچىلەردۇر.  
            ئەمدى، گاڭگىرىغۇچىلارغا كېلەيلى. ئاددىي ئېيتقاندا، ئۇلار تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋە ئۇزاق مۇددەت داۋاملىشىدىغان كرىزىستا نېمە قىلىشىنى بىلمىگۈچىلەردۇر. كرىزىسنىڭ تۇيۇقسىزلىقى ياكى ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى سەۋەبلىك شارائىتنىڭ جىددىي ناچارلىشىشى ئۇلارنىڭ ئىدراكىنى تورمۇزلاپ قويىدۇ. ئۇلار كرىزىسكە ياكى قارشى تۇرۇشنى ياكى ئۇنىڭدىن قېچىشنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ قالىدۇ.  ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى نورمال يۈرۈشمەي قالىدۇ. كاللىسى ئىشلىمەيۋاتقاندەك، ئىدراكى كارغا كەلمەيۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ. بىر روھىي زىلزىلە خۇددى قاينامغا ئوخشاش ئۇلارنى پۈتۈنلەي ئوراپ ئەكىرىپ كېتىدۇ. ئۇلار بۇ قاينامدىن ئۆزلۈكىدىن چىقالمايدۇ. ئۇلار باشقىلارنىڭ قۇتقۇزۇشىغا موھتاج بولىدۇ. كرىزىستە ھەممە ئادەم ئۆزىنى قۇتقۇزۇشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە يۈرگەندە، ئۇلارنى ئالاھىدە بىر شەكىلدە قۇتقۇزۇش ئالاھىدە بىر زۆرۈرىيەتنى تەلەپ قىلىدۇ.
            ئاخىرقىسى، ئارىدىكىلەر. ئۇلار كۆزەتكۈچىلەر ۋە ئارىدا قالغۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى پۇرسەتپەرەسلەر بولۇپ، كۆپ ھاللاردا ۋەزىيەتنى ياندىن كۆزىتىپ، ئېلىشقۇچىلار بىلەن  قاچقۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ يۈزلىنىشىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ قايسىسى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشسە، شۇنىڭغا ئەگىشىدۇ ياكى كۆزىتىشىنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىدۇ. ئۇلار تەرەپسىزلىك ئارقىلىق كەلگۈسىنىڭ ئېنىقسىزلىقى ئېلىپ كېلىدىغان پسىخىك بېسىمنى يەڭگىللەتمەكچى بولىدۇ. كەلگۈسىگە يوشۇرۇنغان مۇئەييەن پۇرسەتنى ساقلاش ئەۋزەللىكى بىلەن،ئۇلار شارائىتنىڭ ئۆزگىرىشىدىن ئەڭ كۆپ مەنپەئەتلەنگۈچى قىياپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقالايدۇ. ئۇلارنىڭ يەنە بەزىلىرى، رېئاللىقنى ئوبيېكتىپ ۋە ھەتتا تەنقىدىي نەزەردە كۆزەتكۈچى بولۇشىمۇ مۇمكىن. بۇ ھالدا ئۇلارنى يېتەكلىگۈچى ياكى ئەگەشكۈچى ئەمەس، بەلكى نوقۇل كۆزەتكۈچى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇلار ئالدىراپ ھەرىكەت قىلمايدۇ. باشقىلارغىمۇ ئالدىراپ ئەگەشمەيدۇ. بەلكى، ھەرىكەت قىلىشتىن ئىلگىرى باشقىلارنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھەرىكەت قىلىش-قىلماسلىقىنى بەلگىلەيدۇ. گېزى كەلسە، ئۇلار رېئاللىق ھەققىدە ئوبيېكتىپ باھا بەرگۈچىلەردىن بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئېلىشقۇچىلار بىلەن قاچقۇچىلارغا ئۆزىنىڭ پىكرىنى، ئىدىيىسىنى ۋە تەنقىدىنى بېرەلەيدۇ. ئۇلارنىڭ يەنە بەزىلىرى قورقۇنچىنى بېسىش ئۈچۈن، ئېلىشقۇچىلارنىڭ غەيرىتىگە سۇ سېپىشىمۇ مۇمكىن. چۈنكى، ئېلىشقۇچىلارنىڭ كەم كۆرۈلىدىغان جاسارىتى ئۇلارنىڭ تەرەپسىزلىك ئارقىلىق بەھرىمەن بولۇۋاتقان ئۆزىنى زىيادە قوغداش قىلمىشىغا يوشۇرۇن ئەخلاقىي تەھدىد شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇلارنى ئۇيالدۇرىدۇ. ھەتتا، بەزىلىرىنى نومۇستا قويىدۇ ۋە ھەتتا گۇناھ تۇيغۇسىغىمۇ ئىگە قىلىدۇ. شۇڭا،ئۇلار ئۆزىنىڭ ۋىژدانىنى ئارامسىزلاندۇرىدىغان بۇ جاسارەتنى ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز شەكىلدە رەت قىلماقچى ۋە ھەتتا يوقاتماقچى بولىدۇ. شۇ سەۋەب، ئۇلار بەزىدە ئېلىشقۇچىلاردا كىچىككىنە خاتالىق كۆرۈلسە، ئۇنى ئىدراكىدا ناھايىتى كۆپتۈرۈۋېلىپ، ئۇلارغا قاتتىق زەربە بېرىشى مۇمكىن. ئاشۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ بىر قىسمى قاچقۇچىلارنىڭ سېپىغا قېتىلىشى ۋە ئېلىشقۇچىلارغا قارشى بىرلىكسەپ قۇرۇشى مۇمكىن، قاتارلىقلار. مەيلى نېمىلىكى بولسۇن، بۇ توپ ئەڭ ھەرىكەتچان، مۇرەككەپ ۋە كۆپ قاتلاملىقتۇر. قۇتۇپلىشىش شەكلىگە كىرگەن ئېلىشقۇچىلار بىلەن قاچقۇچىلارغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ توپ كۆپ مۇمكىنچىلىكلەرنى، يۈزلىنىشلەرنى ۋە ئىدىيىلەرنى ئۆزىدە نامايان قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ تەرەپسىزلىكى قۇتۇپلاشقان تەرەپلەرنىڭ جامائەت پىكرىدە قايسىسىنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئېلىشىدا مۇھىم ۋە بەزىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. بۇ رول بەزىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ياكى مەغلۇب بولۇشنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ.
            نۆۋەتتە، بىز ئۇيغۇر پاراخوتى ئوخشىتىشىدىكى يۇقىرىقى كىچىك گۇرۇپپىلارنىڭ ئىنكاسىنىڭ ئۈنۈمىنى قىسقىچە ئانالىز قىلىپ باقايلى. ئالدى بىلەن شۇنى ئېيتىش كېرەككى، خۇددى «تىتانىك» تا ئۆلۈم ئادەملەرنى نوپۇز، بايلىق، تەبىقە، تەربىيىلىنىش ۋە جىنسى جەھەتتىن ئايرىپ قويمىغاندەك، ئۇيغۇر پاراخوتىدىكى يولۇچىلارنىمۇ بۇ جەھەتتىن ئايرىپ قويمايدۇ. ئۆلۈم ئالدىدا ھەممەيلەننىڭ پۇرسىتى ئاساسەن ئوخشاش—«تىتانىك» تەك قۇتقۇزۇش قېيىقلىرىدا ئامان قالغانلارمۇ ھەم شۇنداق. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئامان قېلىشى پەقەت ئىنسانپەرۋەرلىكنى چىقىش قىلىپ ئۇلارغا ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشنىڭ مەھسۇلىكى، ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ بۇ پۇرسەتتىن باشقىلاردىن ماھىرراق پايدىلانغانلىقىنىڭ مەھسۇلى ئەمەس. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، ئۆزىنى كوللېكتىپ سۈپىتىدە قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش بىلەن ئۇنىڭدىن قېچىش ئوتتۇرىسىدا چوڭ پەرق يوقتەك كۆرۈنىدۇ. چۈنكى، بۇ يەردە ھەرقانداق بىر ئۇرۇنۇشنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىش مۇمكىنچىلىكى بار—ھەرىكەت قىلساڭمۇ ئۆلىسەن، قىلمىساڭمۇ ھەم. ئەمما، ئىنتايىن تۆۋەن ئېھتىماللىقتا، ھەرىكەت قىلغاندا—مەسىلەن، پاراخوتتىكى يولۇچىلارنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭدىكى سۇلارنى دېڭىزغا تۆككەندە، ئۇنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئامال قىلىپ ئوڭشىغاندا، ئاجىز-ياشانغانلارنى كۈتكەندە،تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقىلىشىش يوللىرىنى ئىزدىگەندە ۋە پاراخوتنى يېقىنراق يەردىكى بىرەر ئارالغا ھەيدىگەندە قالايمىقانچلىققا ۋە ئىچكى توقۇنۇشقا تولغان ۋەزىيەتنى ئاز-تولا كونترول قىلغىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ، بۇ ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ دىققىتىنى بىر نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرگىلى، روھىنى كۆتۈرگىلى، چېچىلغان كۈچنى ۋە زېھىننى بىرلەشتۈرگىلى ۋە ئۇلارغا مەنىۋى كۈچ ئاتا قىلغىلى بولىدۇ. ھەتتا بۇ ئۇرۇنۇشلارنىڭ ھەممىسى ئاخىرى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان تەقدىردىمۇ، پاراخوتتىكىلەر كرىزىستە قالغان ھەرقانداق بىر گۇرۇپپا ئەقلىي جەھەتتە چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلغان بولىدۇ. مەغلۇبىيەتنى بېشىنى تىك تۇتۇپ تۇرۇپ، ئىززەت-ھۆرمىتى دەپسەندە بولمىغان ھالدا قوبۇل قىلالايدۇ. ئەكسىچە بولغاندا، توپ پىترايدۇ، بىر-بىرىدىن رەنجىيدۇ، ئۈمىدسىزلىنىدۇ ۋە ئاخىرى ھالاكەتكە يۈزلىنىدۇ.
            تېخىمۇ كەسكىن ئېيتقاندا، ھايات قېلىشتا ھېچقانداق شەپە بولمىسىمۇ، ئېلىشقۇچىلارنىڭ ھاياتىدىن باشقا يوقىتىدىغان ھېچ نەرسىسى بولمايدۇ. ئۇ مەيلى ھايات قېلىشقا ئۇرۇنسۇن-ئۇرۇنمىسۇن، ئەگەر ھايات قېلىشتا ھېچقانداق مۇمكىنچىلىك قالمىغان بولسىمۇ، ئۆلۈمىنى كۈتۈپ ياتقاندىن، بىرەر ھەرىكەت قىلىپ، ئۆزىگە يۈز كېلەلىگۈدەك بىر ئىش قىلىپ كېتىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن، ھايات قېلىشنىڭ نۆل نۇقتىسىدا، ھەرىكەت قىلىش ھەرىكەتسىزلىكتىن ئەلادۇر. تىركىشىش ۋاز كېچىشتىن ئۇلۇغدۇر. ئېلىشىش بەل قويۇۋېتىشتىن ئەۋزەلدۇر.
            ئەمما، ئەگەر بۇ يەردە ھايات قېلىشتىن ئاز تولا ئۈمىد بولسا—مەسىلەن، بوران چاپقۇن پەسەيسە، پاراخوتنىڭ دېڭىزغا تاشلانغان لەڭگىرى ئۇنى مەلۇم مۇقىملىقتا تۇتۇپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۆرۈلۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالسا ۋە ياكى شۇ ئارىلىقتا بىرەر چوڭراق ھەربىي ياكى سودا پاراخوتى ئۇلارنى كۆرۈپ قالسا، ياكى ئۇلار ئەۋەتكەن تېلېگراف ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئالغان دۆلەت ئۇلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن تىكئۇچار ئەۋەتسە، ياكى ئۇلار بىرەر كىچىك ئارالغا كېپ قالسا، ئۇلارنىڭ ئامان قېلىش مۇمكىنچىلىكى ئاشىدۇ. دېمەك، ئېھتىماللىق نۇقتىسىدىن ئالغاندا، ھەرىكەت قىلغاندا ھايات قېلىشتا ھېچ بولمىسا ئەللىك پېرسەنتلىك ئۈمىد بولسا، قېچىشتا، گاڭگىراشتا ۋە كۆزىتىشتە نۆل پېرسەنتلىك ئۈمىد بولىدۇ. ئېنىقكى، ئۈنۈم نۇقتىسىدىن ، ھەرىكەت قىلىش يەنىلا ھەرىكەتسىزلىكتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.
            يەنە شۇنداق بىر نۇقتىنىمۇ قېتىپ قويۇش كېرەككى، ئېلىشىشتا پۈتۈن ئۈمىدنى باشقىلاردىن كۈتۈش ئېلىشقۇچىلارنىڭ ئورنى ۋە رولىنى گاڭگىرىغۇچىلارنىڭ ۋە ئوتتۇرىدىكىلەرنىڭكىدىن پەرقسىز ھالەتتە ئېلىپ بارىدۇ. ھەتتا، تېخىمۇ رادىكال مەنىدىن ئالغاندا، باشقىلاردىن ئۈمىد كۈتۈپ ئۆزىدىن ئۈمىد كۈتمەسلىك ھەرىكەتسىزلىكنىڭ يەنە بىر شەكلىدۇر. ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ قاچقۇچىلار بىلەن بولغان پەرقىمۇ تۈگەيدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۆزىگە ئىشەنجسىز قاراش سەۋەبلىك كرىزىسنى ئۆزى ھەل قىلىشقا تىرىشىشتىن ئىبارەت باش تارتىپ بولماس ھاياتلىق بۇرچىدىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچقۇچىلارغا ئايلىنىدۇ. تەكىتلىنىشى كېرەككى، ئېلىشقۇچىلارنى ئېلىشقۇچى قىلىپ تۇرىدىغىنى ئۇلارنىڭ ئېنىقسىز كرىزىس ئالدىدا ئىككى خىل ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق مۇمكىنچىلىكنىڭ بىرىنى تاللاپ، كەلگۈسى ھەققىدە قارار بېرەلەش ۋە قارارىنىڭ نەتىجىسىگە مەسئۇل بولالاش جاسارىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلالمىسا، ئېلىشقۇچىلار ئۆزىنىڭ ئورنىنى يوقىتىپ قويىدۇ.
            «تىتانىك» تا پاراخوت مۇزتاغقا سوقۇلغاندىن تارتىپ، خېلى بىر ۋاقىتقىچە پۈتۈن پاراخوتقا قالايمىقانچىلىق ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. قاراڭغۇلۇقتىكى قاتتىق سىلكىنىشتە چۆچۈپ كەتكەن يولۇچىلار تەرەپ-تەرەپكە پىتراپ نېمە بولغانلىقىنى بىلمەكچى بولىدۇ. جېنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۆزىنى ھەر يەرگە ئۇرىدۇ. نامەلۇم كرىزىس ئېلىپ كەلگەن قالايمىقانچىلىق يېقىنلاپ كېلىۋاتقان ئۆلۈمنىڭ دەھشىتىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ—ئۇ ئادەملەرنى بۇ كرىزىسقا ئەقلىي ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قالدۇرىدۇ. تاكى پاراخوت ساقچىلىرى تەرتىپ ئورنىتىپ، قۇتقۇزۇش كېمىسىگە ئاجىز ئاياللارنى ۋە بالىلارنى سېلىش پىلانىنى ئۇقتۇرغاندىلا، يولۇچىلار بۇ كرىزىسنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق تونۇشقا كېلىدۇ—ئاجىزلىق ئۆلچىمىگە چۈشىدىغانلار قۇتۇلۇشقا ھەرىكەت قىلىدۇ؛ ئۇنداق ئەمەسلەر ھاياتىنىڭ ئاخىرقى سائەتلىرىنى مەنىلىرەك ئۆتكۈزۈشكە جىددىي كىرىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۆجىزە يۈز بېرىدۇ—ئۆلۈمنىڭ يوپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان بەدبەشىرە سۈرى ئىجتىمائىي تەرتىپتە ئاز-تولا پەسكويغا چۈشىدۇ. ئادەملەر، سىرلىق تەرىزدە، تەرتىپ ئارقىلىق، ئەقىل ئارقىلىق ۋە ھاياتقا ۋە بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببەت ئارقىلىق ئۆلۈمنىڭ تەرتىپىنى مەلۇم دەرىجىدە بۇزىدۇ—گەرچە تراگېدىيە ئۆزىنىڭ توسقۇنسىز كۈچى بىلەن ئاقىۋەتتە يەنىلا يۈز بەرسىمۇ.
شۇنىڭدەك، بىزنىڭ ئۇيغۇر پاراخوتى مودېلىمىزمۇ ھازىر دەل قالايمىقانچىلىق ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان بىر پەيتتىدۇر. ئۇ بىر تەرتىپكە، ئەقلىي دەڭسەشكە ۋە ئۈزلۈكسىز قارشىلىققا موھتاجدۇر. تەرتىپ پاراخوتتىكىلەرنىڭ نىيەت-ئىقبالىنى كەلگۈسىگە فوكۇسلاشتىكى مۇھىم ئامىل بولسا، ئەقىل ئۇلارنى شارائىتىنى كونترول قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلسا، مۇھەببەت ئۇلارنىڭ ھەمدەرتلىكىنى ۋە بىر-بىرىگە ئىشىنىشىنى ئاشۇرىدۇ. بۇ تەرتىپ بىر يېتەكچىلىكنى تەلەپ قىلىدۇ—ئەقىللىق، ئىنتىزامچان ۋە يىراقنى كۆرەر يېتەكچىلىكنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنىڭدا ئېتىقاد، ئىمتىياز، بايلىق،مەرتىۋە ۋە ھەتتا شەخسىيەتلەرنىڭ ھەممسى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇلۇپ، پۈتۈن دىققەت يوپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان كىرىزىسنى قانداق قىلىپ، كوللېكتىپ ئىرادە بىلەن ھەل قىلىشقا مەركەزلىشىشى كېرەك. كرىزىستە ئۆلۈم تاللاپ ئولتۇرمايدىكەن، ئۆلۈمگە يۈزلەنگۈچىلەرمۇ بىر-بىرىنى تاللاپ ئولتۇرماي، ئۇنىڭغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك. بۇ يەردە يوقىتىلىدىغىنى ھەممەيلەن ئىكەن، ئۇ زامان ھەممەيلەن مۇتلەق رەۋىشتە مانا مۇشۇ ھەممەيلەنلىكنى قوغدىشى كېرەك. مەيلى ئېلىشقۇچىلار، قاچقۇچىلار، گاڭگىرىغۇچىلار ياكى ئارىدىكىلەر بولسۇن، ھەممىسى ئارىسىدا كرىزىس كەلتۈرۈپ چىقارغان سۈنئىي ئۇششاق گۇرۇپپىلىشىشتىن ۋە شۇ ئارقىلىق بىر-بىرىگە قارىمۇ قارشى ئورۇندا تۇرۇشتىن ھالقىپ، بىر-بىرىگە ھەقىقىي مۇھەببەت بىلەن يېقىنلاشمايدىكەن، بىر-بىرىگە ئىشەنمەيدىكەن ۋە بىر-بىرىگە ياردەم بەرمەيدىكەن، شەخسمۇ، كوللېكتىپمۇ ئوخشاشلا ھالاك بولىدۇ. چۈنكى، ھەممەيلەن «چۆكۈۋاتقان» ئوخشاش پاراخوتتىدۇر.[3]

















[1]  ئۆزگەچىلىك شەخسىيەتچىلىكنىڭ قارىمۇ قارشى سۆزى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىدىن ھالقىپ باشقىلارنىڭ پاراۋانلىقىنى كۆزلەش خاھىشىنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئېنگلىزچىسى “altruism” دۇر.

[2] بىلىشسېل تەپەككۈر، تەجرىبە ۋە سەزگۈلەر ئارقىلىق بىلىم ۋە چۈشىنىشكە ئېرىشىشتىكى كاللا ھەرىكىتى ۋە پائالىيىتىنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئېنگلىزچە ئاتىلىشى “cognitive” دۇر. 

[3] ئېنگلىز تىلىدا “to be in the same boat” (تۈز تەرجىمسى: «ئوخشاش قېيىقتا ياكى كېمىدە بولۇش» دېگەن سۆز بىرىكمىسى بۇ يەردە ئىشلىتىلدى. بۇ بىرىكمىنىڭ لۇغەت مەنسى باشقىلار بىلەن ئوخشاش قىيىن مۇھىتتا  بىللە بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. تەقدىرداشلىقنى ئىشارە قىلىدۇ. ماقالىمىزنىڭ ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان مەقسىتىمۇ، خۇددى مۇشۇ سۆز بىرىكمىسىدە ئىپادىلەنگىنىدەك، پاراخوتتىكىلەرنىڭ تەقدىرىنىڭ بىر-بىرىگە چەمبەرچەس باغلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشتۇر. 

Comments

Popular posts from this blog

ئۇيغۇرلاردا ئىسلام ۋە سوتسىيالىزم

«ئەخمەتجان ئوسمان تاللانما شېئىرلىرى» غا كىرىش سۆز