Posts
ھېيتخان
- Get link
- X
- Other Apps
ھېيتخان ئېسىمنى بىلسەم، كىشىلەر ئۇنى ھېيتخان دەپ چاقىرىدىكەن. بۇ ئىسىم ئۇيغۇرلاردا ئۇنچە كۆپ قويۇلمايتتى. خۇددى ئىسمىدەكلا، ھېيتخان كەم كۆرۈلىدىغان بىر ئايال ئىدى. ئۇ ئاتۇشتىن ئىبارەت بۇ كىچىككىنە ناھىيەنى بىر مەھەل ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەنىدى. تاغ باغرىغا جايلاشقان،شېغىل-تاشلىق ۋە سۇ كەمچىل قاغجىراق بۇ كىچىككىنە يەردە ھېيتخاننىڭ ھاياتى بىر كوللېكتىپ قىزغىنلىقنى قوزغىغان ھايات ئىدى. چۈنكى، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىم ئۇنىڭدەك ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئاجايىپ ھاياتنى ياشاپ باقمىغانىدى. ئەينى ۋاقىتتا، يەنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن تارتىپ، ھېيتخاننى ئاتۇشتا ھەممە ئادەم دېگۈدەك بىلەتتى. ھەتتا ئۇنىڭ ئىسمى ئاتۇشلۇقلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى لەھجىسىگە قەدەر كىرگەنىدى: «ھېيتخاندەك.» بۇ تاپتىن چىققان، ھەددىدىن ئاشقان ۋە نەپرەتلىك بىر ھالەتنى ئىپادىلەشتە قوللىنىلاتتى. بولۇپمۇ، بۇ مەلۇم بىرىنىڭ كىيىنىشىدىكى ھەددىدىن زىيادىلىكنى—ئەنئەنىۋى ئۆلچەمدىن چەتنەپ كەتكەنلىكنى—سەلبىي باھالاشتا كۆپ قوللىنىدىغان سۈپەت ئىدى. كېيىن، بۇ سۆزنىڭ ئىستىمال مەنىسى كېڭىيىپ، كىشىلىك خ...
ئۇيغۇرلاردا ئىسلام ۋە سوتسىيالىزم
- Get link
- X
- Other Apps
ئۇيغۇرلاردا ئىسلام ۋە سوتسىيالىزم كەسكىن ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلار ئالدىنقى يۈز يىلدا بىر-بىرىگە قارىمۇ قارشى ئىككى خىل ئىشىنىش سىستېمىىىىىىدا بوپ كەلدى--ئېتىقاد سۈپىتىدىكى ئىسلام ۋە سىياسىي ئىدېئولوگىيە سۈپىتىدىكى سوتسىيالىزم. ئىسلام دىنى 10-ئەسىردە ئۇيغۇرلارغا مەڭگۈلۈك ھاياتنى تونۇشتۇردى—ئۇ بۇددا دىنىدىن پەرقلىق بولغان، شامانىزمدىنمۇ مۇرەككەپ بىر دۇنياۋى مۇقەددەس ئېتىقاد يولى ئارقىلىق ئىنساننىڭ بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيادىكى بەخت-سائادىتىنىڭ يولىنىى ئاچتى. سوتسىيالىزم بولسا بۇ دۇنيادىكى ئادالەتسىزلىكلەردىن قۇتۇلۇشنىڭ خام خىيالىنى تونۇشتۇردى. ئىسلام دىنى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۇ دۇنيادىكى دوزاق بىلەن جەننەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا--قىسقىسى، مەڭگۈلۈك ھاياتنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا--ئىشىنىشكە ئېرىشتى؛ سوتسىيالىزم بولسا بۇ ئىككى قارىمۇ قارشىلىقنى پانىيلاشتۇرىدۇ—يوقسۇزلارنىڭ دۇنياسى «دوزاق»، بارلىقلارنىڭ دۇنياسى «جەننەت» كەبى تەسۋىرلەندى. ئاندىن، سوتسىيالىزم يوقسۇزلارنىڭ بۇ جەننەتتە ياشاش ھوقۇقىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ، ئۇلارنى «جەننەتتىكىلەر» نى دىكتاتورا يولى بىلەن رەھىمسىزلەرچە قوغلاپ چىقىرىشقا چاقىر...
قۇتۇپلاشقان تەپەككۈر ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرى
- Get link
- X
- Other Apps
قۇتۇپلاشقان تەپەككۈر ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرى بىر مىللەتنىڭ تەپەككۈرىنىڭ فورمىلىرى نۇرغۇن بولىدۇ. ئۇ بەزىدە بىر-بىرى بىلەن كېلىشتۈرۈش قىيىن بولغان مەسىلىلەردە، بولۇپمۇ ھايات-ماماتلىق مەسىلىلەردە، قارىمۇ قارشىلىققا تولغان پىكىر ئەندىزىسى شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن، چېرچىل ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ھىتلېر بىلەن سۆھبەت ئۈستىلىگە كېلىشكە قىستالغاندا، خەلقىنىڭ يا ھىتلېرگە قارشى تۇرۇش يا ئۇنىڭغا تەسلىم بولۇشتىن ئىبارەت بىر بىرىگە قارىمۇ قارشى بولغان تاللىشىنى بىر تەرەپ قىلىشتىن ئىبارەت ئىنتايىن قىيىن مەسىلىگە دۇچ كېلىدۇ. ئۆز خەلقىنىڭ ھاياتى قىلنىڭ ئۈستىدە قالغاندا، ئۇ 1940-يىلى 4-ئىيۇندا ئۆزىنىڭ مەشھۇر «قان، مېھنەت، كۆز ياشلار ۋە تەر» دېگەن نۇتقىنى سۆزلەپ، «بىز ھەرگىز تەسلىم بولمايمىز»؛ ئەكسىچە «بىز ساھىللاردا ئۇرۇش قىلىمىز» دەپ خەلقىگە خىتاپ قىلىپ، ئۇلارنى غالىبىيەتكە يېتەكلەيدۇ. ئەمما، ئەگەر بىر مىللەتنىڭ كوللېكتىپ تەپەككۈرى ھەر ۋاقىت قارىمۇ قارشىلىققا تولسا ۋە ئۇ بۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلمىسە ياكى بىر تەرەپ قىلىشتا مەغلۇپ بولسا، ئۇ چاغدا بۇ مىللەت مانا مۇشۇ زىددىيەت ئى...
ئادەم «ئۆلتۈرۈپ» بېقىش
- Get link
- X
- Other Apps
ئادەم «ئۆلتۈرۈپ» بېقىش ئىككى ئوغلۇمنى ئېلىپ، ئەنقەرەدىكى مەشھۇر Wonderland دېگەن ئويۇنخانىغا باردىم. ئۇنىڭدىكى ئويۇن تۈرلىرىنىڭ كۆپلۈكى، قىزىقارلىقى بىزنى قەۋەتلا مەھلىيا قىلدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك زوق -شوق بىلەن ئوينىدۇق. مەنمۇ خۇددى كىچىك بالىدەكلا بۇ ئويۇنلارغا كىرىشىپ ئويناپ كەتتىم . بىز ئويۇننىڭ ئاخىرىدا تەقلىدىي ئۇرۇش قىلىدىغان Laser Tag دېگەن ئويۇننى ئوينىدۇق. بۇ ئويۇن ئادەتتە ئويۇنچىلارنى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈپ، بىر-بىرى بىلەن كومپۇتېر بىلەن باشقۇرۇلىدىغان مەۋھۇم دۇنيادا لازېر نۇرىلىق قوراللار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىنلەيتتى . ئويۇننىڭ قائىدىسى بويىچە، مەن بالىلىرىم ۋە يەنە باشقا ئىككى چەتئەللىك بىلەن بىر گۇرۇپپىغا، يەرلىك ياشلاردىن بەشەيلەن يەنە بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈندۇق. دەسلىپىدە ئويۇننىڭ قائىدىسى، لازېر مىلتىقىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى، يارىلانغاندا جىددىي داۋالىنىش ۋە ئوق -دورا قاچىلاش قاتارلىقلار ھەققىدە ساۋات خاراكتېرلىق بىلىمگە ئىگە بولدۇق. ئاخىرىدا چۈشەندۈرگۈچى سۆزلىرىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇردى: --بۇ ئۇرۇش ھەقىقىي ئۇرۇشقا...